جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى پۇل مۇئامىلە كىچىك گۇرۇپپىسىدىكى باشلامچىلىق مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن مەدەت بېرىشتە دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
يېقىندا جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى شىنجاڭ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىك ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە، «پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىشتىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىشكە ئائىت 36 كونكرېت تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى بانكا ئاپپاراتلىرىنىڭ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مەخسۇس تۈر كىرېدىت مەبلىغى تەسىس قىلىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مەخسۇس يولى تەسىس قىلىش، قەرز بېرىشتە ئېتىبار بېرىلىدىغان باھانى بېكىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پەرقلىق كىرېدىت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈردى. 2 مىليارد يۈەنلىك «شىنجاڭ پەن- تېخنىكا قەرز پۇلى» تەكرار قەرز مەھسۇلاتى تەسىس قىلىپ، يەرلىك قانۇنىي ئىگە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پەن- تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ كىرېدىت ئارقىلىق قايتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللىشىغا ئىشلەتتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قوزغىتىپ، 141 پەن- تېخنىكا كارخانىسىغا 219 قېتىمدا 2 مىليارد 237 مىليون يۈەن قەرز پۇلى تارقاتتى.
جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبىسى بانكىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ۋاكالەتچى بانكا مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى، ئوخشاش كەسىپلەر ئارا ئالاقىدە خەلق پۇلى ھېسابات نومۇرى ئېچىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇنىڭ بىلەن چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى راسچوت ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەق پۇلنى چېگرا ھالقىپ يۆتكەش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، 9- ئايغىچە 16 مىليون 335 مىڭ 500 يۈەن خەلق پۇلى ۋە قازاقىستاننىڭ 200 مىليون تەڭگىسى نەق پۇل ھالىتىدە يۆتكەلدى.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىلى خەۋىرى)