بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت يۈك تىرانسپورت مىقدارى 19 مىڭ 416 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %447 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 9- ئايدىكى ئىمپورت- ئېكسپورت يۈك تىرانسپورت مىقدارى 6030 توننىغا يېتىپ، 11.5 ھەسسە ئاشتى.
مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئايروپورت تاموژنىسى دەپ ئېلىندى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئىمپورت- ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ تۈرى كۈنسېرى موللاشقان، ئېكسپورت تاۋارلىرى ئەنئەنىۋى كىيىم- كېچەك، گۈل- گىياھ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىمپورت تاۋارلىرى ئالىي دەرىجىلىك كىيىم- كېچەك، تاماكا ۋە پەسىللىك يېڭى مېۋىلەرنى ئاساس قىلغان.
شىنجاڭ دۇڭيى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسىپ مەسئۇلى شۇ كۇن مۇنداق دېدى: ئايروپورت تاموژنىسى يولغا قويغان «پۈتۈن كۈنلۈك» تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە «يېشىل يول» سىياسىتى شىركىتىمىزنىڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، شىركىتىمىزنىڭ خەلقئارا بازار ئېھتىياجىغا تېخىمۇ تېز ئاۋاز قوشۇشىغا ياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك خېرىدارلارغا ئېرىشتۈردى.
بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل 6- ئايدا خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى قاچىلاش كەسپى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا ماكانلاشقان پايدىلىق ئەھۋالدا، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتىغا ئىشلىتىلىدىغان ماينىڭ تەننەرخى يەنىمۇ تۆۋەنلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورت كۈچىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يۈك توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىش قاتارلىقلار ئارقىلىق رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلدى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ پۈتۈن يۈك توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 12گە كېڭىيىپ، قاپلاش دائىرىسى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپالاردىكى 16 دۆلەتكە كېڭەيدى.
ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ بېيجىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئايروپورت تاموژنىسى مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسى قاتارلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە قوللاش بىلەن تەمىنلەپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلان مىقدارىدا يىل ئاخىرىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى نىڭيەن خەۋىرى)