بۇ يىل ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى
10- ئاينىڭ 24- كۈنى، 110 كىلوۋولتلۇق داتاڭ كۇنيۈ يورۇقلۇق ۋولت 3- ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تورلاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 84 مىليون 525 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، پۈتكۈل ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تۇنجى قېتىم %50تىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 39 مىليون 99 مىڭ كىلوۋات، يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 45 مىليون 426 مىڭ كىلوۋات.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىنىڭ رېكورتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، ئېنېرگىيەنىڭ پاكىز، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىكەن.
«غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش»تىكى توك يەتكۈزۈش ئۇچى بولغان شىنجاڭدا قومۇل- دۇنخۇاڭ، يەندۇن- شاجوۋ 750 كىلوۋولتلۇق ئۆزگىرىشچان توك يەتكۈزۈش يولى، قومۇلنىڭ جەنۇبى- جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، سانجى- گۇچۈەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تۆت سىرتقا يەتكۈزۈش يولى قۇرۇلۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 25 مىليون كىلوۋاتقا يەتتى، ھەر يىلى 30 مىليارد كىلوۋات / سائەتتىن ئارتۇق يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئوتتۇرا جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو قاتارلىق رايونلاردىكى 21 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)گە يەتكۈزۈلىدۇ. 2024- يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن توك 826 مىليارد 100 مىليون كىلوۋات / سائەتكە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سىرتقا يەتكۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك %30كە يېقىننى ئىگىلىدى، يەنى شىنجاڭ سىرتقا يەتكۈزگەن ھەر ئۈچ كىلوۋات توكنىڭ بىر كىلوۋاتى يېشىل توك بولدى.
بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 19 مىليون 985 مىڭ كىلوۋات (شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 6 مىليون 423 مىڭ كىلوۋات، قۇياش ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 13 مىليون 562 مىڭ كىلوۋات) بولۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى.
شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىنىڭ ساقلىنىش مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا قومۇل، شەرقىي جۇڭغار، جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئەتراپىدىن ئىبارەت 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلدى، قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيە كۆلىمى 80 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىغان بولۇپ، قومۇلنىڭ شىمالى، چاقىلىق قاتارلىق 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشى سىجىل تېزلىتىلىۋاتىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى دۆلەتنىڭ 2-، 3- تۈركۈمدىكى قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسىنى تورلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەيدۇ. «14- بەش يىل»نىڭ ئوتتۇرا- ئاخىرقى مەزگىلىدە ھەرقايسى يورۇقلۇق ۋولت، شامال ئېلېكتىر مەيدان- پونكىتلىرىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ كۆلىمى ۋە ئىگىلىگەن نىسبىتىدە يەنە يېڭى رېكورت يارىتىلىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈەنيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈ يەنچۇن خەۋىرى)