بۇ يىلقى «قوش 11»دا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ
16:17:52 2024-10-28 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

10- ئاينىڭ 25- كۈنى، خەلق مەيدانىنىڭ كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان جايىغا تەسىس قىلىنغان كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئېلان تاختىسى ۋە تۈرلۈك ئېتىبار باھادا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى ئىستېمالچىلارنى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىن مەسلىھەت سوراش، سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى دىلنار جارقىن فوتوسى)

 «قوش 11»غا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى قوشۇلسا باھا يەنىمۇ تۆۋەنلەمدۇ؟ 10- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق سودا ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن «<قوش 11>نى كۈتۈۋېلىش . دۆلەت تولۇقلىمىسى كەلدى، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرايلى» پائالىيىتىدە تىجارەتچىلەر ۋە ئىستېمالچىلار بەس- بەستە چوت سوقۇشتى.

 شۇ كۈنى سائەت 11:00دە خەلق مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىدە تىيانشان رايونلۇق سودا ئىدارىسى ئوندىن ئارتۇق ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا ئاپتوموبىل كۆرگەزمە رايونى ۋە ئېلېكتىر سايمانلىرى كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىندى.

 شىنجاڭ سۇنىڭ يىگوۋ سودا چەكلىك شىركىتى خۇالىڭ دۇكىنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىپىڭ مۇنداق دېدى: «سۇنىڭ يىگوۋ دۇكىنىمىزدا دۆلەتنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسىدىن باشقا، يەنە ئۆزىمىزنىڭ مەخسۇس ياردەم تولۇقلىمىسى فوندى بار».

 ۋاڭ لىپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىدە ئېنېرگىيە تېجەش ئۈنۈمى 1- دەرىجىلىك بولغان (ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى) ياردەم تولۇقلىمىسى %20، ئېنېرگىيە تېجەش ئۈنۈمى 2- دەرىجىلىك بولغان (ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى) ياردەم تولۇقلىمىسى %15 بولۇپ، بارلىق پائالىيەت سالمىقى ۋە سۇنىڭنىڭ مەخسۇس ياردەم تولۇقلىمىسى فوندىنى قوشقاندا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %45كە يېتىدۇ.

 ۋاڭ لىپىڭغا ئوخشاش كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى كارخانىلار ئەڭ يېڭى ئاپتوموبىل تىپلىرى ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرىنى بەس- بەستە كۆرگەزمە قىلدى ھەمدە بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە پۇلنى كېمەيتىش، زاۋۇت ياردەم تولۇقلىمىسى، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق سالمىقى بىر قەدەر زور بولغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ۋە سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارنى نەپكە ئېرىشتۈردى.

 ئاپتوموبىلىنى ئالماشتۇرماقچى بولغان ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ما شۆ مۇنداق دېدى: «بىز ئىزچىل <قوش 11> پائالىيىتىنى ساقلاۋاتقانىدۇق، بايا دۆلەتنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسى بىلەن زاۋۇتنىڭ ياردەم تولۇقلىمىسى قوشۇلۇپ 28 مىڭ يۈەن ئېتىبار بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق، بۇ بىز ئىلگىرى كۆرگەن باھادىنمۇ مۇۋاپىق بولىدىكەن».

 تىيانشان رايونلۇق سودا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لياڭ جۈن مۇنداق دېدى: تىيانشان رايونىدىكى ھەرقايسى ئالاقىدار كارخانىلار ئالدىنقى مەزگىلدە تۈرلۈك كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ياردەم تولۇقلىمىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا سىجىل كۈچەپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى ۋە كارخانىلارنىڭ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، قوش ياردەم تولۇقلىمىسىنىڭ ئالغا سىلجىتىشى بىلەن ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، نۇقتىلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا پائال ئالغا سىلجىتىش رولىنى ئوينىدى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىنا خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125