ياخشى كىشىلەر توپلىنىپ، ئەخلاقلىق بولۇش، ئاق كۆڭۈل بولۇش ئەۋج ئالدۇرۇلدى
16:17:53 2024-10-28 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 − ئۈرۈمچى ئەخلاق- پەزىلەتنى ئۇلۇغلاش تۇپرىقىنى يەنىمۇ مۇنبەتلەشتۈرۈپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى

سايباغ رايونلۇق يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى ۋاڭ يۇڭچياڭ ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا ئىسسىق ساقلاش ئىستاكانى ئىئانە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىللىقلىق ۋە مېھىر- مۇھەببەت يەتكۈزدى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)

 ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى جانلىق قىممەت قارىشى، كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاكتىپ كۈچ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى تاللاپ تىپ تۇرغۇزۇش، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى قىلىپ، «ئۈرۈمچىدە ئەخلاق نۇرى چاقنىدى» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، نەمۇنىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاق ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش ۋە غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، يېڭى دەۋردىكى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.

 بىر كىشىدىن بىر توپ كىشىگىچە ئۈرۈمچىدە بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر قاتارلىق ئىلغار تىپلار مەيدانغا كېلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۈن- تىنسىز ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاددىي ئىشلار داۋامىدا قالتىس ھېكايىلەرنى يارىتىپ، يىللارغا ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ، ۋاقىتلارنى تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە قىلىپ، يېڭى جۇلالىق نۇرلارنى چاقناتتى.

 «ياخشى كىشىلەر مەدەنىيىتى» يېتىلدۈرۈلدى

 كىچىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى رېمونت قىلىشتىن، چوڭى دوختۇرغا كۆرۈنۈش، كېسەل كۆرۈشكىچە ئۈرۈمچىدىكى «ياخشى كىشىلەر پىدائىيلار مۇلازىمەت بازىرى»دا پۈتۈن شەھەردىكى «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر»، «ئۈرۈمچىدىكى ياخشى كىشىلەر»، ھەر دەرىجىلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار، مۇنەۋۋەر پىدائىيلار قاتارلىق ۋەكىللەردىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قەرەلسىز ھالدا كوللېكتىپ «يايما» ئاچتى.

 بۇ يايمىلاردا مال سېتىلمايدۇ، بەلكى تۈرلۈك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پىدائىيلىرى مۇلازىمەت تۈرى بار. بۇ يەردە ھەرقايسى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترەتلىرى ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرىمۇ بازار ئايلانغاندەك ئېھتىياجلىق مۇلازىمەتنى تاللىيالايدۇ.

 ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جاڭ گۈيشيانىڭ قارىشىچە، بۇ بازاردىكى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئۆزگىچە، تېخىمۇ ئەمەلىي، تۇرمۇشقا يېقىن، ئەڭ مۇھىمى تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە ئىكەن.

 دەۋر نەمۇنىچىلىرىنى مەدھىيەلەش كېرەك، ئاددىي كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرى مەدھىيەلەنگەندىلا، «ياخشى كىشىلەرنىڭ ئۈنۈمى»نى زورايتقىلى بولىدۇ.

 ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەرنى تاللاپ تىپ تۇرغۇزۇش، «ئەتراپىمدىكى ياخشى كىشىلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن ۋە باھالايمەن»، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتىدىكى تۆت ئەڭ گۈزەل (ياخشى) ئىلغار تىپلارنى كۆرسىتىش... ئۈرۈمچى شەھىرى بىر قاتار تاللاپ تىپ تۇرغۇزۇش تەشۋىقات پائالىيىتى ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ئۈلگە، نەمۇنىچىلارنى سەھنىگە چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى كىشىلەرگە نامايان قىلىپ، ئاممىنىڭ ئالقىشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

 ھازىرغىچە ئۈرۈمچى شەھىرى جەمئىي 500دىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەرنى يېتىشتۈرۈپ، تىپ تۇرغۇزۇپ تەشۋىق قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتىسى مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، 46سى ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى، 147سى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى، 35ى جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر، 19ى شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىش تۈرى بويىچە باھالاندى، 20سى ئۈرۈمچىدىكى ياخشى كىشىلەر بولۇپ باھالىنىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئەتراپتىكى ياخشى كىشىلەر ئومۇمىي سانى جەھەتتە ئاپتونوم رايون بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى.

 «ياخشى كىشىلەر روھى» ئەۋج ئالدۇرۇلدى

 ئۈرۈمچىگە كەلگىنىڭىزدە ھەممىلا جايدا ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرى، گۈزەل ئەخلاق، مەدەنىيەت ئاممىۋى پاراۋانلىق ئېلانلىرى ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرگە ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ ئۈن- تىنسىز سىڭدۈرۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.

 «ياخشى كىشىلەر»نىڭ ياخشى ئىش قىلىشى نام چىقىرىش ئۈچۈن ئەمەس، لېكىن ئەخلاققا ئىنتىلىدىغان جەمئىيەت ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىشلارنى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈشى كېرەك.

 ئۈرۈمچى تۈرلۈك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ «ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىشلار» تەشۋىق- تەربىيەسىنى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

 بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى (مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى) «ئەخلاقنىڭ كۈچى» − ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ئىلغار نەمۇنىچىلاردىن تەشكىللەنگەن «ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىشلاردىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى» زاۋۇت، مەكتەپ، باغچە رايونى، مەھەللە، يېزا، ئورگان، كارخانا، باغچە، مەنزىرە رايونلىرىغا بېرىپ يۈزتۇرا، ھەمتۈرتكىلىك لېكسىيە سۆزلىدى. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئەخلاققا رىئايە قىلىدىغان يېڭى دەۋر، يېڭى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈلدى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر قاتارلىق ئىلغار تىپلارنى جانلىق دەرسلىك قىلىپ، «گۈزەل ئەخلاق ھېكايىلىرى»نى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھىنى سىجىل ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاق كۈچى ئارقىلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، توپلاپ، قۇدرەتلىك ئەخلاق كۈچىنى مۇجەسسەملىدى، چوڭقۇر ئەخلاق ئوزۇقىنى توپلىدى.

 «ياخشى كىشىلەر كۈچى»نىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇندى

 «ياخشى كىشىلەر» قىممەت قارىشىنى ئىزاھلايدۇ، ئەخلاق كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ، راستچىللىق، ئاق كۆڭۈللۈك، گۈزەللىكنى يەتكۈزۈپ، چوڭقۇر مەدەنىيەتنى نامايان قىلىدۇ.

 مەملىكەتلىك مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنىدە تىيانشان رايونى بەخت يولى كوچا باشقارمىسى شىمالىي 3- كوچا مەھەللىسىدىكى ۋونيۇ «شادلىق ئۆيى» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق دەرسخانىسىدا ئەخلاق نەمۇنىچىسى دىڭ چاۋشيا ھەر مىللەتتىن بولغان ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان 20 نەچچە بالىغا دەرس ئۆتۈۋاتاتتى.

 دىڭ چاۋشيا مۇنداق دېدى: مەن بارلىق ۋاقتىم ۋە زېھنىمنى «شادلىق ئۆيى»دىكى بالىلارغا بېغىشلىدىم. گەرچە يىل بويى دەرس ئۆتكەنلىكتىن، ئاۋازىم بوغۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بالىلارنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى گەپ قىلالمايدىغان ھالەتتىن تېكىستنى يۇقىرى ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلالايدىغان بولغىنىنى، تېخىمۇ كۆپ كۈندىلىك تۇرمۇش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، تولىمۇ خۇشال بولىمەن.

 «شادلىق ئۆيى» قۇرۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ ئائىلىدىكىلەر بالىلىرىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە ئوقۇتۇشقا ئەكەلدى. 40 نەچچە بالا «شادلىق ئۆيى»دە ئوقۇش پۈتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە 19ى مۇناسىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى خىزمەتخانىسى قۇرۇلۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، ئىلغار نەمۇنىچىلارنىڭ جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشىغا تېخىمۇ پايدىلىق سەھنە ھازىرلاپ بەردى.

 يېقىندا شىمىگۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئىشخانىسىنى ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ليۇ چيەنكۈن ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئىشخانىسى بىلەن لى جيەنۋېي ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئىشخانىسىنى بىرلىكتە قۇرۇش ئارقىلىق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇردى.

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ليۇ چيەنكۇن ۋە لى جيەنۋېي يەنە ئايرىم- ئايرىم ھالدا ھەرقايسى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، جەمئىيەتتىكى بايلىقلارنى ۋە كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى خىزمەت ئەترىتى قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلقنى مايىل قىلىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان مەدەنىيلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىنى ئورتاق قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، «ياخشى كىشىلەرنىڭ ئۈنۈمى»نى ئەڭ زور دەرىجىدە قويۇپ بەردى.

 «ياخشى كىشىلەر شەھىرى» بىرلىكتە ئورتاق قۇرۇپ چىقىلدى

 ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ روھنى چاقىرماقتا، ئالىيجاناب ئىشلار ئۈلگىنىڭ يېتەكلىشىگە موھتاج. ئۈرۈمچى شەھىرى «ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىشلاردىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى» تەشكىللەش، «ياخشى كىشىلەر پىدائىيلار مۇلازىمەت بازىرى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، «ئۈرۈمچى ياخشى كىشىلەر ئورمىنى» بەرپا قىلىش، بىر تۈركۈم ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئىشخانىسى قۇرۇش، «ياخشى كىشىلەر» تېمىسىدىكى بىر گۇرۇپپا ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش، «ئۈلگىنىڭ كۈچى» تېمىسىدىكى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، «ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر . ئىللىق تۆت پەسىل» پائالىيىتى داڭلىق ماركىسىدىن ئىبارەت يۈرۈشلۈك داڭلىق ماركىلىق پائالىيەتلەرنى بەرپا قىلىپ، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان مەنىۋى ئۇلۇغ كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

 جەمئىيەت گۈزەل ئەخلاققا موھتاج. جەمئىيەت گۈزەل ئەخلاققا ۋە ياخشى كىشىلەرگە جەزمەن مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرىدۇ.

 بىر «ياخشى كىشى» بىر چوغ، بىر ئۈلگە بىر بايراق. بىر چىراغ ياندۇرۇلسا، چوڭ بىر پارچە يەر يورۇقلۇققا ئىگە بولالايدۇ.

 بۈگۈنكى كۈندە ھەربىر ئەخلاق نەمۇنىچىسى، «ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر»نىڭ تەسىرىدە تېخىمۇ كۆپ ئۈرۈمچى خەلقى ھېسسىيات ئورتاقلىقىدىن ئەخلاق ئوزۇقى قوبۇل قىلىپ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ياخشىلىققا بولغان ھۆرمىتى، گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئۇرغۇتتى، «ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان» ئۇرۇقلار «ياخشى كىشىلەر مەدەنىيىتى»نىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن يىلتىز تارتىپ بىخ سۈردى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125