شىنجاڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن شىنجاڭ تېمىسىدىكى نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى توپلىدى
16:26:27 2024-10-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10- ئاينىڭ 27- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار پەن يىڭ، جاڭ يۈ) مۇخبىرلارنىڭ 10- ئاينىڭ 27- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يازغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىدىن شىنجاڭ تېمىسىدىكى نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كەڭ كۆلەمدە توپلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يوللانغان 120دىن ئارتۇق ئەسەرنى تاپشۇرۇۋالغان.

 تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، 2024- يىلى شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئالىي مۇكاپات − «تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى، تۇنجى نۆۋەتلىك باھالاش پائالىيىتى 10- ئايدا باشلاندى. بۇ مۇكاپاتتا شىنجاڭ تېمىسىدىكى نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەر تەقدىرلىنىدۇ، ئىتتىپاق- ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز «يۇقىرى پەللە»گە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان. بۇ مۇكاپات تۈرى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدۇ. 

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى توپلاش پائالىيىتىدە باھالاشقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى چەكلەنمەيدىكەن، رومان، پوۋېست، ھېكايە (توپلام)، نەسىر (توپلام)، ھۆججەت ئەدەبىياتى (توپلام)، شېئىر (توپلام)، سەھنە ئەسىرى (توپلام)، بالىلار ئەدەبىياتى (توپلام)، ئەدەبىيات نەزەرىيەسى، ئەدەبىي تەنقىد (توپلام) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى باھالاشقا قاتناشتۇرۇلىدىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا باھالاپ چىقىلغان ئەسەر بەشتىن ئاشمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باھالاپ چىقىلغان ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرمۇ بەشتىن ئاشمايدىكەن ھەم شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان يازغۇچىلارغا ئەھۋالغا قاراپ «كۆرۈنەرلىك تۆھپە مۇكاپاتى» بېرىلىدىكەن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125