ئىستېمال قىزغىنلىقىنىڭ ئېشىشىغا، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولدى
دەل يىلدا بىر قېتىم بولىدىغان «ئالتۇندەك 9- ئاي، كۈمۈشتەك 10- ئاي»دىكى سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار ئىستېمالىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك موتورغا ئايلاندى.
بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلۇشى بىلەنلا ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك نامايان بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى قاتارلىق ئىستېمال بازىرىدا سېتىش كۆلىمى سىجىل كېڭىيىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى تېز قويۇپ بېرىلىپ، تېخىمۇ چوڭ بازار بوشلۇقى تەدرىجىي نامايان بولدى ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يەنىمۇ ئاشتى.
مۇخبىر بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ئىستېمال بازارلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ سىجىل ئەمەلىيلىشىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولغانلىقىنى بايقىدى.
2024- يىللىق شىنجاڭ دۆلەت بايرىمىلىق خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە سېتىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، بۇ ئەلۋەتتە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)
ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ۋەندا مەيدانىدىكى ۋوجيا ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىش مەيدانىدا كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئېلانلىرى ۋە تۈرلۈك ئېتىبار باھادا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرى ئىستېمالچىلارنى مەسلىھەت سوراشقا، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)
ئەمەلىي سىياسەتلەر ئارقىلىق قوللاش
بازارنى جانلاندۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى
يېقىندا ئۈرۈمچى سەيبوتې ئاپتوموبىل شەھەرچىسىدىكى بىر ئاپتوموبىل سېتىش دۇكىنىدا شەھەر ئاھالىسى گۇ كەي كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالدى.
گۇ كەي مۇنداق دېدى: «ناھايىتى تېز بولدى، مەن كونا ئاپتوموبىلىمنى 4S دۇكىنىغا ھەيدەپ ئاپىرىپ بېرىپ، شۇ كۈنىلا يېڭى ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كەتتىم. يېڭى ئاپتوموبىلنى ھۆكۈمەتنىڭ 18 مىڭ يۈەن ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىدىن، زاۋۇتنىڭ 3000 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇپ سېتىۋالدىم، كونا ئاپتوموبىل يەنە 10 مىڭ يۈەنگە يارىدى».
سەيبوتې ئاپتوموبىل شەھەرچىسى ئۈرۈمچىدىكى ھەرخىل ماركىلىق ئاپتوموبىللار بىرقەدەر مەركەزلەشكەن چوڭ سودا مەيدانى. مۇخبىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئاپتوموبىل سېتىش دۇكىنىنىڭ ئىچىدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش تەشۋىقات تاختىسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا تىكلەنگەنلىكىنى، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئۈچۈن مەسلىھەت سورىغىلى كەلگەن خېرىدارلارنىڭ كۆرگەزمە زالىغا لىق تولغانلىقىنى كۆردى. سېتىش خادىملىرى خېرىدارلارغا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپلا قالماي، يەنە يان تېلېفوندا ياردەم پۇلى بېرىش ئىلتىماسى سۇنۇشىغا ياردەم بېرىۋاتاتتى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتوموبىل سودىسىدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى قوللايدىغان بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلەر ئارقا- ئارقىدىن ئەمەلىيلىشىپ، ئىستېمالچىلارغا ئەمەلىي نەپ بەردى.
دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بۇ يىل 5- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى مالىيە نازارىتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى قاتارلىق يەتتە تارماق بىلەن بىرلىشىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش، يېڭىلاشقا ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.
8- ئاينىڭ 22- كۈنى يەنە «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللاشقا دائىر بىر قانچە تەدبىر توغرىسىدىكى تولۇقلىما ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى سېتىۋالغاندا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 20 مىڭ يۈەنگە، گاز چىقىرىش مىقدارى 2.0 لىتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان ماي يېقىلغۇلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى سېتىۋالغاندا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 15 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.
9- ئاينىڭ 6- كۈنى يەنە بىر قېتىم «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2024- يىللىق ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» بېسىپ تارقىتىلىپ، ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش، يېڭىلاشقا ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمى ئاساسىدا ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاشقا بېرىلدىغان ياردەم پۇلى كۆپەيتىلدى، يەنى ئۆزىنىڭ نامىدىكى ئاپتوموبىلنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، يېڭىدىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالغان ئىستېمالچىلارغا 18 مىڭ يۈەن، ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلارغا 13 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلدى.
بۇ قېتىمقى ياردەم پۇلى بېرىش پائالىيىتى 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە داۋاملىشىپ، ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ۋە ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن تەڭ تۇتۇش قىلىنىپ، ئەمەلىي سىياسەتلەرنىڭ ئىستېمالچىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوزغىتىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە پۈتۈن شىنجاڭدا ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇشقا ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلغان ئاپتوموبىل 13 مىڭغا، ئىلتىماس قىلىنغان ياردەم پۇلى سوممىسى 201 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ 7672 ئاپتوموبىل بىراك قىلىش، يېڭىلاشقا ئىلتىماس قىلىنىپ، 36 مىليون 710 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقىتىلغان.
ئۈرۈمچى ئاپتوموبىل ساھەسى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى سۈي جيەن مۇنداق دېدى: «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى مۇقىم كۈچىيىپ، ئاپتوموبىل ئىستېمالى قىزغىنلىقى ئاشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئاپتوموبىل ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. ھەرقايسى ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىمۇ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى، ئىككى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى گىرەلىشىپ، ئىستېمالچىلار تېخىمۇ كۆپ ئېتىباردىن بەھرىمەن بولدى. بۇ يىلقى شىنجاڭ دۆلەت بايرىمىلىق خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى نەق مەيدانىدا ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى 13 مىڭ 115كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە سېلىشتۇرغاندا، سېتىلىش مىقدارى تەخمىنەن %40 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى %30تىن ئارتۇق ئېشىش مىقدارى ئېلىپ كەلدى. 10- ئايدا ئۈرۈمچى ئاپتوموبىل بازىرىدا قىزغىنلىق كۆرۈنەرلىك ئاشتى».
سالمىقى تېخىمۇ زور، دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولۇش
تېخىمۇ كۆپ كىشىنى «ئالدىن ئالماشتۇرۇش»، «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالماشتۇرۇش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى
ئۈرۈمچى دوستلۇق يولى نۇرباغ ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق جوۋ يىيۈ ئەسلىدە ئىشلىتىۋاتقىنىغا سەككىز يىل بولغان كىرئالغۇنى رېمونت قىلىپ داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولغان ئىدى، ئەمما ئۇ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىدە 1- دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمى مەھسۇلاتلىرىغا %20 تولۇقلىما بېرىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى تېزلا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىش مەيدانىدىن 1239 يۈەنگە بىر يېڭى ئايلانما سىلىندىرلىق كىرئالغۇ سېتىۋالدى.
جوۋ يىيۈ مۇنداق دېدى: «بۇ كىرئالغۇنىڭ ئەسلىي باھاسى 2499 يۈەن ئىدى، مەن سېتىۋالغاندا ھۆكۈمەتنىڭ %20 ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇپ، 310 يۈەن كېمەيدى، بۇ ماركا كارخانىسى يەنە 950 يۈەن پايدىنى ئۆتۈنۈپ بەردى، ئەڭ ئاخىرىدا يېرىمغا يېقىن باھادا ئەرزانلا سېتىۋالدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، كونىسىنى تاپشۇرۇش ناھايىتى قولايلىقكەن».
ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرىدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىستېمال دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە پۈتۈن شىنجاڭدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ياردەم پۇلى بېرىش ئىلتىماسىدىن 91 مىڭى سۇنۇلۇپ، 89 مىليون 160 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقىتىلغان.
توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئوچاق، بۇستارتقۇ قاتارلىق ئىستېمالچىلار دائىم ئىشلىتىدىغان سەككىز تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمى دائىرىسىدە بولدى. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمىدىكى سەككىز تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرى ئاساسىدا، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئادىتى ۋە ئىستېمال بازىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن يېشىللاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ياردەم پۇلى بېرىش تۈرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى سودىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ شۆلى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون يەنە قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، يەر سۈپۈرىدىغان ماشىنا ئادەم، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماتۇڭ قاپقىقى، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون قاتارلىق بەش تۈرلۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك، خاسلىققا ئىگە يېڭىلاش، يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ياردەم پۇلى بېرىش، ئىستېمال بېلىتى ئېلىشقا قاتنىشىش ۋاقتى 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى، ئىستېمال بېلىتىنى ئىشلىتىش ۋاقتى 2025- يىلى 2- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى. ياڭ شۆلى مۇنداق دېدى: «بۇ ۋاقىت يېڭى يىل، باھار بايرىمى قاتارلىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ».
ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ئالاقىدار دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن سىياسەتلەرنىڭ ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، مەسئۇل تارماقلار ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەپسىلىي قائىدىسىنى بەس- بەستە ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، كارخانا، سودىگەرلەرمۇ بەس- بەستە ئەگىشىپ، ياردەم پۇلى بېرىش، دەرھال كېمەيتىش، باھاسىنى چۈشۈرۈش، ئېتىبار بېرىش قاتارلىقلارنى يولغا قويدى. «سىياسەت + پائالىيەت»تىن ئىبارەت ئىككى چاقنىڭ قوزغىتىشى ئارقىسىدا، ئىستېمالنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇدى.
شىنجاڭنىڭ سۇنىڭ يىگوۋ سودا چەكلىك شىركىتى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لىن يۈەن مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلى، سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ ياردەم پۇلى، زاۋۇتنىڭ ياردەم پۇلى گىرەلىشىپ، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا بېرىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى ياردەم پۇلى %45كە يەتتى. 9- ئايدىن ھازىرغىچە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى ۋە كارخانىلارنىڭ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشىدىن ئىبارەت ئىككى چاقنىڭ قوزغىتىشى نەتىجىسىدە، سۇنىڭ يىگوۋنىڭ تور سىرتىدىكى دۇكانلىرىدا خېرىدار ئېقىمى تەخمىنەن ئۈچ ھەسسە ئاشتى».
لىن يۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق تولۇقلاپ سېتىۋېلىش تۈرىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھاۋا تەڭشىگۈچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %420، كومپيۇتېر مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %200 ئاشتى. ئۇنىڭدىن قالسا، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە، توڭلاتقۇ، تېلېۋىزور، كىرئالغۇ قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش سانىمۇ ئاشتى؛ يەنە يەر سۈپۈرۈش ماشىنا ئادىمى، يەر يۇيۇش ماشىنىسى قاتارلىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ سېتىلىشىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشتى.
ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىن باشقا، يەنە ئاپتونوم رايون توكلۇق ۋېلىسىپىتلارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى، ياردەم پۇلى مەبلىغى، مەشغۇلات تەرتىپى، سېتىش كارخانىسى، يىغىۋېلىش كارخانىسى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆز ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمالنى سىجىل قوزغىتىپ، ئاھالىلەرنى «ئالماشتۇرۇشنى خالىماسلىق»، «ئالماشتۇرۇشقا جۈرئەت قىلالماسلىق»تىن «مۇددەتتىن بۇرۇن ئالماشتۇرىدىغان»، «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالماشتۇرىدىغان»قىلدى.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يېشىل بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش
ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتتى
بۇ يىل 3- ئايدا گوۋۇيۈەن «ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، «ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر» دەپ ئېنىق كۆرسەتتى.
7- ئايدا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللاش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، 300 مىليارد يۈەن ئەتراپىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللىدى.
ھازىرغىچە شىنجاڭدا ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مەبلىغىدىن 5 مىليارد 174 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتى.
«ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە، دۆلەت ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئاپتونوم رايونغا جەمئىي 2 مىليارد يۈەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم ياردەم پۇلى مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش، ئالماشتۇرۇش، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى، توكلۇق ۋېلىسىپىت، تىجارەت تىپىدىكى كونا يۈك ئاپتوموبىلى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇس ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ باتارېيەسىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا مەدەت بەردى. ھازىر ئاپتونوم رايون ياردەم پۇلى مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراش باشقارمىسىنىڭ 2- دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى لى چىڭچۈەن.
ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇندى.
ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى مىسالغا ئالساق، ھەرقايسى سۇبيېكتلار دەل جايىدا كۈچەپ، ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، سىجىل كۈچ چىقىرىپ، ئايلىنىشتىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇردى.
سۈي جيەن مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىللارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش سىياسىتى غايەت چوڭ بازارنى قوزغىتىدىغان زور كۈچنى مۇجەسسەملىدى. ھازىرقى بازار ئىنكاسىدىن قارىغاندا، ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈرتكە بولۇنۇپلا قالماي، يەنە ئىستېمالچىلار، ئاپتوموبىل كارخانىلىرى قاتارلىق ئاپتوموبىل كەسىپ زەنجىرىدە ئورتاق پايدا ئالىدىغان كۆۋرۈك بەرپا قىلىنغان. سىياسەتتە سىجىل كۈچەشكە ۋە بازارنىڭ چوڭقۇر قوبۇل قىلىشىغا ئەگىشىپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئاپتوموبىل سېتىشتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئويناپ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.
يېقىندا گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چۇەنچى ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى يېڭى تىپتىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى ئېلان قىلدى. گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چۇەنچى ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لو خەيتيەن مۇنداق دېدى: «بۇ ئاپتوموبىلنىڭ كېلەر يىلى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلىشىدىن ئۈمىد بار. شىنجاڭ شۆبە شىركىتى تەدرىجىي يېڭى ئېنېرگىيەگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق يېشىل تەرەققىياتقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز بازارغا سېلىپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، ھازىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ، بۇنىڭ يىل ئاخىرىدا پۈتكۈزۈلۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى».
ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرىدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بازار تەمىناتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش راۋانلاشتۇرۇلدى. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەمىناتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى جانلاندۇرۇۋاتىدۇ.
لىن يۈەن مۇنداق دېدى: سۇنىڭ يىگوۋ گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تور سىرتى دۇكانلىرىدىكى يېڭى سۈپەتلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى، چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور، دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز بۇستارتقۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشكاپى، گىرەلەشمە شەكىلدىكى توڭلاتقۇ قاتارلىقلارنىڭ سېتىلىشى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەيئېر، مېيدى قاتارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى داڭلىق ماركىلىرىمۇ پۈتۈن داڭلىق ماركا، پۈتۈن تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا مەبلەغ سالدى. بىر قىسىم ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىلىرى يەنە يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا نەچچە يۈز مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان كۆپ خىل يېڭى مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىشنى پىلانلىدى.
شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆسى پۇل مۇئامىلە ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى سۇ نىڭ مۇنداق دېدى: بىۋاسىتە ئۈنۈمدىن قارىغاندا، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتىپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى قاتارلىق نۇقتىلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى كۈچەيتتى. نۆۋەتتە، ھەرقايسى جايلار ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللاپ، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ قولايلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىغا نەپ يەتكۈزدى.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ)
8- ئاينىڭ 23- كۈنى 2024- يىللىق «كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش. يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سەپىرى» شىنجاڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ھېس قىلىش بايرىمى ئۈرۈمچى مېترو 1- لىنىيەسىنىڭ تۆمۈريول ئىدارىسى بېكىتىدە باشلاندى. سۈرەتتە: ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ئالاقىدار ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن مەسلىھەت سورىماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)