ھەق ئېلىشتا تايىنىدىغان ئاساس، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بار بولدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يېقىندا پەرۋىش تۈرى بويىچە تۈر تۇرغۇزۇش كۆرسەتمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ) ۋە پەرۋىش قىلىش باھاسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەش سىياسىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، يېڭىدىن «قارىغۇچىسىز بېقىش، پەرۋىش قىلىش مۇلازىمىتى» باھا تۈرىنى تەسىس قىلىپ، ھۆكۈمەت باھاغا يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەرقايسى ئۆلكىلەر تۈر تۇرغۇزۇش كۆرسەتمىسىگە ئۇدۇللاشقان ھەم ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن كېيىن، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلاردا قارىغۇچىسىز بېقىش، پەرۋىش قىلىش مۇلازىمىتىگە ھەق ئېلىشتا تايىنىدىغان ئاساس، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بار بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 26- كۈنى دۆلەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تيەنجىن، جېجياڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلار قارىغۇچىسىز پەرۋىش قىلىش كېسەلخانىسى ياكى ھەمراھ بولغۇچىسى يوق كېسەلخانىلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى كەسپىي پەرۋىش قىلغۇچىلار بالنىستتا ياتقان ئاغرىقلارنى 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي تۇرمۇشتا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، پەرۋىش قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن، بۇنىڭ بىلەن ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئاغرىققا قارىمىسىمۇ ياكى قارىغۇچى تەكلىپ قىلمىسىمۇ بولىدىغان بولغان. دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يەرلىكنىڭ ئىزدىنىش تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، تۈر تۇرغۇزۇش كۆرسەتمىسىدە «قارىغۇچىسىز بېقىش، پەرۋىش قىلىش مۇلازىمىتى» باھا تۈرىنى ئايرىم تەسىس قىلىپ، ھۆكۈمەت باھاغا يېتەكچىلىك قىلىش بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويغان.
دۆلەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى باسقۇچتىكى «قارىغۇچىسىز بېقىش، پەرۋىش قىلىش مۇلازىمىتى» پەقەت ئالاھىدە دەرىجىلىك، 1- دەرىجىلىك پەرۋىشكە ئېھتىياجلىق ئاغرىقلارغىلا قارىتىلىدۇ، شۇنداقلا ۋاقتىنچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، ئاغرىقلار ياكى ئاغرىقنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرى تەمىنلىگەن «قارىغۇچىسىز بېقىش، پەرۋىش قىلىش مۇلازىمىتى»نى ئۆز ئالدىغا تاللىسىمۇ ياكى ئىجتىمائىيلاشقان، بازار باھاسى بېكىتىلگەن ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى تاللىسىمۇ بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتلىك كاپالىتى ئىدارىسى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ تەتقىق قىلىپ دەلىللەش ئارقىلىق ئەسلىدىكى پەرۋىش باھا تۈرلىرىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، كىلىنىكىلىق ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتى ۋە تېببىي خادىملارنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نامى ۋە مەزمۇنى بىردەك بولمىغان پەرۋىش باھا تۈرلىرىنى بىرتۇتاش تۈرگە ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ پەرۋىش قىلىش، مەخسۇس پەنلەر بويىچە پەرۋىش قىلىش، مەخسۇس تۈر بويىچە پەرۋىش قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 تۈرلۈك باھا تۈرىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە پەرۋىش باھا تۈرىنى يىل ئىچىدە قېلىپلاشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
دۆلەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يەنە ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ پەرۋىش باھا تۈرىنى قېلىپلاشتۇرۇشىغا بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، باھا سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئەلالاشتۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باھا تەڭشەشنى يولغا قويۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئايلىنىشى تەڭپۇڭ بولۇۋاتقان بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان رايونلارنىڭ پەرۋىش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەدرىجىي تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، پەرۋىش تېخنىكىسى ئەمگەك مۇلازىمىتىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، باھا تەڭشەش نەتىجىسى بىلەن سېسترالارنىڭ ئىش ھەققى سەۋىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولدى.
دۆلەتلىك كاپالىتى سۇغۇرتىسى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل مۇنداق دېدى: «بۇ تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىق خادىمىنى پەرۋىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا جەلپ قىلىش ۋە ئۇلارنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى پەرۋىش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەشكە، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق».