− ۋاڭ شياۋلىن، گو ۋۇ ئىككى ئالىم تاماشىبىنلارنى يېتەكلەپ، ئۇلارغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇردى
ۋاڭ شياۋلىن
گو ۋۇ
10- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت چوڭ دەرسخانىسى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى كۆرگەزمىخانىسىدا باشلاندى، تەكلىپ قىلىنغان ئىككى مېھمان نەق مەيداندىكى 200دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ھەۋەسكارىغا ئىككى مەيدان ئېسىل لېكسىيە سۆزلەپ بەردى.
بىرىنچى بولۇپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ شياۋلىن لېكسىيە سۆزلىدى، ۋاڭ شياۋلىن «پىتېروزاۋۇر − دىنازاۋۇرلار دەۋرىدىكى بوشلۇق زومىگىرى» دېگەن تېمىدا پىتېروزاۋۇرنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ھېكايىسىنى بايان قىلدى.
ۋاڭ شياۋلىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپىدىكىلەر ئىلگىرى شىنجاڭ قومۇل پىتېروزاۋۇر يارداڭلىقى دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى يادرولۇق رايونىدا زور مىقداردىكى پىتېروزاۋۇرنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭىكى ۋە پىتېروزاۋۇرنىڭ تۇخۇمى، پىتېروزاۋۇرنىڭ تۆرەلمە ئەۋرىشكىسىنى بايقىغان ھەمدە بۇ ئالاھىدە تۈر توپىغا «قومۇل پىتېروزاۋۇرى» دەپ نام بەرگەن ئىدى.
ئارقىدىن ۋاڭ شياۋلىن PPT ئارقىلىق پىتېروزاۋۇرنىڭ تاش قاتمىسىنى قېزىش جەريانىدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى بايقىغان پىتېروزاۋۇرنىڭ ئىزى قاتارلىقلارنى تاماشىبىنلارغا كۆرسەتتى. ئۇلار 3Dلىق لازېر نۇر بىلەن سىكاننېرلاش ئارقىلىق پىتېروزاۋۇرنىڭ ئاياغ ئىزىنىڭ مورفولوگىيەلىك ئۇچۇرىغا ئېرىشىپ، پىتېروزاۋۇرنىڭ ئاياغ ئىزىنىڭ شەكلى، چوڭقۇرلۇقى، ئاياغ ئىزى بىلەن ئاياغ ئىزى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كومپيۇتېردا خاتىرىلىگەن ئىدى.
يېڭى تېخنىكىنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش جەريانىدا قوللىنىلىشى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى.
ۋاڭ شياۋلىن مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى دەرسخانىسىدا كۆپچىلىك بىلەن ئەڭ يېڭى ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، دىنازاۋۇر توغرىسىدىكى نۇرغۇن تارىخىي سىر ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەنگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم».
2- مەيدان لېكسىيەدە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر شۆيۈەنى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنى شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئەترىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى گو ۋۇ «بېيتىڭ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە ئارخېئولوگىيە نۇقتىسىدىن نەزەر» دېگەن تېمىدا ئۆزى ۋە كوللېكتىپىدىكىلەرنىڭ بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ھېكايىسىنى چۆرىدەپ، ھەقىقىي بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرىنى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى.
گو ۋۇ لېكسىيەسىنى ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرىدىن باشلاپ، كۆپچىلىككە بېيتىڭ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ غايەت زور سىستېمىسىنى نامايان قىلدى.
تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدە قەدىمكى دەۋردە نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ شەھەر بولغان؟ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر نېمە ئۈچۈن جىمىسار ناھىيەسىدە بولغان؟ بۇ خىل شەھەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى شىنجاڭدا بىرقەدەر ئالاھىدە، نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟
گو ۋۇ بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، نۇرغۇن يازما خاتىرە ۋە قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ تونۇشتۇردى، ئەمەلىيەتتە بۇ بېيتىڭ ھەربىي بازار سىستېمىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، تاڭ تەيزۇڭ لى شىمىن، ۋۇ زېتيەن قاتارلىقلار بىلەن مۇھىم مۇناسىۋىتى بار.
گو ۋۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن «چاڭئەن سەنۋەنلى» قاتارلىق كىنو- تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىككە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر لى بەي، سېن شېن قاتارلىق ئىلگىرى بېيتىڭدا تۇرغان ھەقىقىي شەخسلەرنى تونۇشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى تارىخىي ھېكايىلەرگە يېقىنلاشتۇردى.
لى بەي «تىيانشاندىن چىقتى تولۇن ئاي، كۆز يەتكۈسىز بۇلۇت دېڭىزى ئارىسىدىن» قاتارلىق مەشھۇر شېئىرلارنى يازغان. سېن شېن بېيتىڭدا باش سوراقچى بولغان مەزگىلدە، «بېيتىڭغا بېغىشلىما» دېگەن شېئىرنى يازغان، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يىپەك يولى يەنىلا قاينام- تاشقىنلىققا چۆمۈپ، كىشىنى ھاياجانغا سالدى.
لېكسىيەنىڭ ئاخىرىدا گو ۋۇ مۇنداق دېدى: ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى بەيشۈيجيەن يولىدىكى مۇھىم ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىر ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى توغرىسىدىكى ئارخېئولوگىيە خىزمىتىدە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ. بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرىنى يادرو قىلغان شەھەر- بازار تورى جۇڭگو ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ چېگرانى ئورتاق ئېچىش، قوغداش، تارىخنى ئورتاق يېزىش، مەدەنىيەتنى ئورتاق يارىتىش، روھنى ئورتاق يېتىلدۈرۈش جەھەتتىكى ئەڭ قىممەتلىك گۇۋاھچىسى، بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىمىزدىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى.
ئىككى ئالىمنىڭ ئېسىل لېكسىيەسىنى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئاخىرىدا كۆپچىلىك قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. تاماشىبىن ما لى مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى مەدەنىيەت دەرسخانىسى ناھايىتى ياخشى يولغا قويۇلدى، تېخىمۇ كۆپ ئالىمنىڭ كېلىپ دەرس ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ چاڭتۇڭ خەۋىرى، فوتوسى)