تيەنماۋنىڭ «قوش 11»لىق سېتىش پائالىيىتى باشلانغان بىر ھەپتىدە شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى تېز ئاشتى
16:18:03 2024-10-28 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلاردىن پوچتا ھەققى كۆتۈرۈۋېتىلىدىغان تۇنجى «قوش 11»لىق پائالىيەت ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى تېز ئاشۇردى.

 مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 25- كۈنى تاۋباۋ تورىدىن ئىگىلىشىچە، تيەنماۋ «قوش 11»لىق سېتىش پائالىيىتى 10- ئاينىڭ 21- كۈنى سائەت 20:00دە رەسمىي باشلانغان، سېتىش پائالىيىتى باشلانغان تۇنجى كۈنى تاۋباۋدىكى تىجارەتچىلەر شىنجاڭغا ئەۋەتكەن ماللارنىڭ يەككە مىقدارى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ ھەسسە، ئىستېمال سوممىسى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە ھەسسە ئاشقان.

 بۇ يىلقى «قوش 11»لىق سېتىش پائالىيىتىدە شىنجاڭغا ئەۋەتىلگەن ئالدىنقى 100 ئورۇندا تۇرغان بازىرى ئىتتىك ماللار تىزىملىكىدىكى نۇرغۇن تاۋارنىڭ پوچتا ھەققى كۆتۈرۈۋېتىلگەچكە، شىنجاڭ ئىستېمالچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. مەسىلەن: ئىلگىرى پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان ئائىلىلەردە نەرسە- كېرەكلەرنى يىغىشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلار بۇ يىل مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن، پوچتا ھەققىنى ئومۇميۈزلۈك كۆتۈرۈۋېتىش ئارقىلىق شىنجاڭ ئىستېمالچىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدىكى ئىستېمال ئېھتىياجى بۇ «قوش 11»لىق سېتىش پائالىيىتىدە قاندۇرۇلغان.

 بۇ يىل مۈشۈك، ئىت يېمەكلىكلىرى، مۈشۈك، ئىت بۇيۇملىرى، مۈشۈك، ئىت ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەرمەك ھايۋانلارغا ئالاقىدار تۈرلەرمۇ بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتلار تىزىملىكىگە كىردى. بۇنىڭ ئىچىدە مۈشۈك، ئىت يېمەكلىكلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى تىزىملىكتە بىراقلا 12- ئورۇنغا ئۆتۈپ، قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەر، پەرداز بۇيۇملىرى، ئۇششاق يېمەكلىكلەر، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى، مامۇق چاپان، ئايالچە كۆڭلەك قاتارلىق تۈرلەردىن ئېشىپ كەتتى.

 سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان يەنە بىر تۈر قار- مۇز تەنھەرىكىتىگە ئالاقىدار تاۋارلار تۈرى بولۇپ، گەرچە 10- ئاي بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭنىڭ چاڭغا تېيىلىش پەسلى باشقا جايلارغا قارىغاندا بالدۇرراق كېلىدىغان بولغاچقا، شىنجاڭدىكى چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى يەڭنى شىمايلاپ تەق تۇرغان، شۇڭا تيەنماۋ «قوش 11»لىق سېتىش پائالىيىتىدە چاڭغا تېيىلىش ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

 شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ «قوش 11»لىق سېتىش پائالىيىتىدە ئۇرغۇغان ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى تىجارەتچىلەرگە پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئېشىشنى ھېس قىلدۇردى.

 بۇ يىل 3- ئايدا تاۋباۋ تورىدىكى تىجارەتچىلەر بىلەن بىرلىشىپ، غەربىي قىسىم رايونلارغا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇشقا پائال تۈرتكە بولغان. «قوش 11»لىق سېتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە پوسۇلكا مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە كۆپىيىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تاۋباۋ تورى پۈتۈن مەملىكەتتىكى توپلاپ توشۇش ئامبارلىرىنى يەتتىگە كۆپەيتكەن، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەزگىلىدە ئامباردىكى خادىملار زاپىسىمۇ %40تىن كۆپرەك ئاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاۋباۋ تورى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەزگىلىدە شىنجاڭغا قارىتىلغان پوچتا ھەققىنى ئومۇميۈزلۈك كۆتۈرۈۋېتىش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، 10 مىليون يۈەن خىراجەت ئاجراتقان.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىلى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125