ئەسلىي ماۋزۇسى: تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتنىڭ ئازاب- ئوقۇبەتلىرىنى خاتىرىلەش
ئۇسسۇللۇق تىياتىر «خاتىرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا» مەدەنىيەت مەركىزىدە ئورۇنلاندى
10- ئاينىڭ 26- كۈنى كەچتە، «خاتىرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ چاڭتۇڭ خەۋىرى، فوتوسى)
10- ئاينىڭ 26- كۈنى كەچتە، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى. 2024- يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ نادىر سەھنە نومۇرلىرى كۆرىكىدە ئورۇنلانغان تىياتىر − «خاتىرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا» ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا قويۇلۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان سەنئەت تەسىراتى ئېلىپ كەلدى.
«خاتىرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر جياڭسۇ ئۆلكىلىك سەنئەت گۇرۇھى ئوپېرا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئىجادىي ئەسىرى، بۇ تىياتىردا يازغۇچى جاڭ چۈنرۇنىڭ 1937- يىلىدىكى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، قىرغىنچىلىق، گۇۋاھ بولۇش، پۇشايمان قىلىش، ئىنكار قىلىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق سۆزلەردىن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەم بىر- بىرىنى دەلىللەيدىغان سەھىپىلەر شەكىللەندۈرۈلۈپ، تارىخىي پاكىتلار خاتىرە شەكلىدە نامايان قىلىنغان.
«خاتىرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا» 2018- يىلى 12- ئايدا بېيجىڭ دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىدا تۇنجى قېتىم قويۇلغان.
تۈنۈگۈن كەچ سائەت 21:00دە سەھنە پەردىسى ئېچىلدى، «خاتىرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىردا نەزەر چوڭ قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگۈچىلەرگە قارىتىلىپ، كىشىلەر قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يوشۇرۇنغان ئەسلىمىلەر نامايان قىلىندى. سەھنىدىكى ئارتىسلار ئارقا كۆرۈنۈش، چىراغ نۇرى ۋە مۇزىكىدىن تەركىب تاپقان بوشلۇقتا ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاشۇ ئازاب- ئوقۇبەتلىك كۈنلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇش، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا پىداكارلىق كۆرسىتىش، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى نامايان قىلىپ، ئۇسسۇللۇق تىياتىر شەكلى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا مىللىتىمىز ئىلگىرى باشتىن كەچۈرگەن بارلىق ئىشلارنى ئەسلەتتى، چۈنكى قاراڭغۇلۇقنى ئەستە ساقلىغاندىلا، يورۇقلۇقنى كۆرگىلى بولىدۇ.
تاماشىبىن گېڭ سۇيا مۇنداق دېدى: «بۇ ئەسەردە تىنچلىقنىڭ نامى بىلەن مىللىتىمىز باشتىن كەچۈرگەن ئازاب- ئوقۇبەت ۋە مۈشكۈلاتلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى. ھەربىر سەھىپە بىر مەيدان سۆھبەت بولۇپ، بۇ ھەم كۆرۈرمەنلەرنىڭ جاڭ چۈنرۇ بىلەن قىلىشقان سۆھبىتى، ھەم ئۆتمۈش، ئادىمىيلىك، ۋىجدان بىلەن قىلىشقان سۆھبىتى، يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بۇنى ياخشىلىق بىلەن رەزىللىك ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سىنىشىش دېيىشكە بولىدۇ».
تىياتىردا لابېينىڭ رولىنى ئالغان جياڭسۇ ئۆلكىلىك سەنئەت گۇرۇھى ئوپېرا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇ شىڭدۇڭ مۇنداق دېدى: «بىر كۈنى رېژىسسور تۇڭ رۇيرۇي ماڭا <ئاشۇ تارىخ ئۈستىدە ئويلانغاندىلا، شۇ تارىخنى ئېنىق كۆرگەندىلا، ئاندىن بۇ رولنى ياخشى ئىپادىيەلەيسىز> دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تارىخنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە، تارىخنى خاتىرىلەشنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىشقا تىرىشتىم. ئارتىسلار نۇقتىسىدىن، شۇنداقلا پۈتكۈل مىللەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئەسەرنىڭ بىزگە يەتكۈزمەكچى بولغان مەركىزىي ئىدىيەسى پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ تىنچلىق، قاراڭغۇلۇقنى ئەستە تۇتۇشنىڭ يورۇقلۇقنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشتۇر».
ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈندىكى ئويۇن جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئىتى پەسلى. 2024- يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ نادىر سەھنە نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ بىرى ئىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت پەسلىدە «ئانارگۈلى ئېچىلىپ ئورتاق ئارزۇ مۇجەسسەملەندى، يەر- جاھاندا شادلىق ناخشىسى ياڭراپ جۇڭخۇا جۇلالاندى» باش تېما قىلىندى. «1+X» ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، ئۈرۈمچىدە ئاساسىي يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا- بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە)، شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سودا مەركىزى، مەيدان، بازار، مەدەنىيەت چوڭ ھويلىلىرىدا ئاممىۋى چوڭ سەھنە ھازىرلىنىپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەر كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىندى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەندى.