قىسقىغىنە 40 سېكۇنتتا ئاپتوماتىك ھالدا پوستى ئايرىلغان، مەززىلىك ھىدى گۈپۈلدەپ تۇرىدىغان ئىككى كىلوگىرام گۈرۈچ ئاھالە ليۇ خۇانىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.
10- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونى دېموكراتىيە يولى تيەنچۈەن مىڭجۈ ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ليۇ خۇا ئولتۇراق رايونغا بىر ئاپتوماتىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق شال ئاقلاش ماشىنىسى سەپلەنگەنلىكىنى بايقىدى، بۇ ماشىنا نۇرغۇن ئاھالىنى جەلپ قىلغانىدى. ليۇ خۇا مۇنداق دېدى: «بۇ يېڭىلىقنى ھەممىمىزنىڭ سىناپ باققۇسى كەلدى».
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئاپتوماتىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق شال ئاقلاش ماشىنىسىنى سەنداۋبا بازىرى سەنداۋبا كەنتى پاي تۈزۈمىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى سېتىۋېلىپ بۇ ئولتۇراق رايونغا سەپلىگەن بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە 24 سائەت دائىملىق مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ھەربىر ماشىنىغا بىر قېتىمدا 150 كىلوگىرام شال سالغىلى بولىدىكەن، نەق مەيداندا ئاقلاپ سېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يەرلىك گۈرۈچنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.
ئىستېمالچىلار پەقەت ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندىن ئۆزى ئالماقچى بولغان شال سورتى ۋە جىڭ سانىنى تاللاپ، ئىككىلىك كودنى سايىلاپ ھەق تۆلىسىلا سېتىۋالالايدىكەن.
سەنداۋبا بازىرى سەنداۋبا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ ۋېي مەسلىھەت سورىغىلى كەلگەن ئاھالىلەرگە بۇ ئاپتوماتىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق شال ئاقلاش ماشىنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سەۋرچانلىق بىلەن تونۇشتۇردى: «ئاپتوماتىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق شال ئاقلاش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىش ئاددىي، مەيلى ۋېيشىندا پۇل تۆلەش ياكى ئەزالىق كارتىسى ئارقىلىق پۇل تۆلەش بولسۇن، ھەممىسىلا ناھايىتى قولايلىق ھەم تېز. شال ئاقلاش جەريانىدا گۈرۈچنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قېلىپ، گۈرۈچنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ».
ليۇ خۇا ئۆزى ئالماقچى بولغان شال سورتى ۋە جىڭ سانىنى تاللىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي بىر خالتا يېڭى گۈرۈچ تەييار بولدى. ليۇ خۇا مۇنداق دېدى: «يېڭى ئاقلانغان گۈرۈچنىڭ پۇرىقى ناھايىتى مەززىلىك ئىكەن، بۇ ماشىنا بەك قولايلىقكەن، ئۆيدە گۈرۈچنى زاپاس ساقلىمىساقمۇ، گۈرۈچكە ئېھتىياجىمىز چۈشسىلا سېتىۋالساق بولىدىكەن، بەك قولايلىقكەن. مەن ئىزچىل مىدۇڭ رايونىنىڭ يەرلىك گۈرۈچىنى سېتىۋالاتتىم، بۇ شال ئاقلاش ماشىنىسى بولسىلا، يىراققا بېرىپ گۈرۈچ سېتىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوقكەن، باھاسىمۇ ئەرزانكەن».
ياڭ ۋېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتوماتىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق شال ئاقلاش ماشىنىسى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەگەر ئۈنۈمى ياخشى بولسا، مىدۇڭ رايونىدىكى چوڭ تىپتىكى ئولتۇراق رايونلارغا داۋاملىق 20دىن ئارتۇق شال ئاقلاش ماشىنىسى سەپلىنىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جيا مېڭيەن خەۋىرى)