ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇقەررەر يول.
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، 10- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىڭتۇەن 11- شى بىرلىك سەپ بۆلۈمى (مىللەت- دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)، 12- شى بىرلىك سەپ بۆلۈمى (مىللەت- دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) بىلەن بىرلىكتە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق قۇرۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق دائىملاشقان «ئۆزئارا كۆزدىن كەچۈرۈش، ئۆزئارا تەكشۈرۈش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش» مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ قانداق تاۋلاندى؟ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لۇق بىرلىك سەپ بۆلۈمى (مىللەت- دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)دىكى ئالاقىدار مەسئۇللار، پۈتۈن شەھەردىكى كوچا باشقارمىسى (يېزا- بازار)، مەھەللە (كەنت)، مەكتەپ، كارخانا ۋەكىللىرى ھەمدە بىڭتۇەن 11- شى، 12- شىدىكى ھەرقايسى تۇەن- مەيدان (ليەندۈي)دىكى ئالاقىدار مەسئۇللاردىن بولۇپ جەمئىي 50تىن ئارتۇق كىشى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى، چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى، سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى رۇڭخې مەھەللىسى قاتارلىق بەش نۇقتىغا بېرىپ نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ياخشى تەجرىبە- ئۇسۇللارنى ئۆزئارا ئۆگەندى ھەمدە سۆھبەت يىغىنى شەكلى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمبەھرىلىنىشنى قانات يايدۇردى.
ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) تيەنجىن يولى كوچا باشقارمىسى خۇڭياڭ مەھەللىسىدىكى نۇرغۇن ئولتۇراق رايون بىڭتۇەننىڭ ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن قوشنا. مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دەي لياڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت بىر- بىرىمىزنىڭ ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، كېيىنكى قەدەمدە بايرامنى بىللە ئۆتكۈزۈش، كەسىپنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، بىرلىشىپ بەرپا قىلىش، ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىشىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئامما ئارىسىدىكى ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار خادىم مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى شەھەر، شى، رايون (ناھىيە) بىلەن قوشنا بولغان تۇەن بازىرى، يېزا- بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە)لەر بىلەن قوشنا بولغان ليەندۈي (مەھەللە)لەر بىرلىشىپ قۇرۇش، ئورتاق قۇرۇش، ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر ئائىلە كىشىلىرى» بولۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئىناق قوشنىلار بايرىمى»، «ئانار گۈلى ئېچىلدى» قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى مەدەنىيەت كۆڭۈل ئېچىش ئاممىۋى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق- تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش ۋە «بەش ئورتاق بولۇش، بىر ئىلگىرى سۈرۈش» بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىلغار تىپلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى خىزمىتىدە بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا، كۈچنى ئورتاق مۇجەسسەملىشىگە، مۇۋەپپەقىيەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئاممىنى بەخت- سائادەتتىمۇ، جەبىر- جاپادىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات- ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى چۇەنجى خەۋىرى)