ئۈرۈمچى تاۋار ئۆي سېتىش ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنى قېلىپلاشتۇردى
17:16:55 2024-10-28 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، تور + تور سىرتى شەكلىدە بەش جەھەتتىكى ئۇچۇر ئاشكارىلىنىدۇ

 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۆي- زېمىن تەرەققىيات كارخانىسى، ئۆي- زېمىن ۋاكالىتەن سېتىش ئاپپاراتلىرى تاۋار ئۆيلەرنى ساتقاندا، جەزمەن تور + تور سىرتى شەكلىدە ئۆي مەنبەسى تۈر ئۇچۇرى، ئاساسىي ئۇچۇر، باھا ئۇچۇرى، ھالەت ئۇچۇرى ھەمدە پايدىسىز ئامىللاردىن ئىبارەت بەش جەھەتتىكى ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ، ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرنىڭ ھەقىقىي، ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆي- زېمىن بازىرىدىكى سېتىۋالغۇچى- ساتقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى 10- ئاينىڭ 25- كۈنى «تاۋار ئۆي سېتىش مەنبەسى ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا ئۆي- زېمىن بازىرىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاۋار ئۆي سېتىشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تاۋار ئۆينى ئېلىپ- ساتقۇچى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا سېتىش مەنبەسى ئۇچۇرى ماس كەلمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان زىددىيەت- ماجىرالارنى ئازايتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش مەقسەت قىلىنغان.

 ئۆي مەنبەسى تۈر ئۇچۇرى تەرەققىيات كارخانىسىنىڭ نامى، ئالدىن سېتىش ئىجازەتنامە كىنىشكىسى ئۇچۇرى، يەرنىڭ خاراكتېرى، يەرنى ئىشلىتىشنىڭ باشلىنىش- ئاخىرلىشىش يىل چېكى، بىنا تۈرىنىڭ نامى، جايلاشقان ئورنى، سىغىم نىسبىتى، كۆكەرتىش نىسبىتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىڭ سەپلىنىش نىسبىتى؛ بىنانىڭ قۇرۇلۇش قۇرۇلمىسى، بېزىلىش ئەھۋالى، ئەتراپتىكى يول قۇرۇلۇشى ئەھۋالى ۋە سۇ، توك، يېقىلغۇ گاز، پار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى؛ تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن قۇرۇلۇش لايىھەسىنىڭ ئومۇمىي تەكشىلىك خەرىتىسى، بىنانىڭ قەۋەتلەرگە ئايرىلغان تەكشىلىك خەرىتىسى، تىك كۆرۈنۈش خەرىتىسى؛ شۇ ئايلىق ھەرقايسى بىنا قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە مۇناسىپ سۈرەت ماتېرىياللىرى؛ ئۆي- جاي باشقۇرۇش رايونى، ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي- جاي مۇلازىمەت توختامى، ۋاقىتلىق باشقۇرۇش ئەھدىنامىسى؛ مەيداندا تۇرۇشلۇق بارلىق سېتىش خادىملىرىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، ۋەزىپىسى، سۈرىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئۆي مەنبەسى ئاساسىي ئۇچۇرى شۇ مەزگىلدە سېتىلىدىغان ئۆي مەنبەسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ ئۆي نومۇرى، بىنا قەۋىتى، ئۆي شەكلى، ئىشلىتىلىش ئورنى، قەۋەت ئېگىزلىكى، بېزەش ئۆلچىمى، قۇرۇلۇش كۆلىمى، ئۆي ئىچى قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە تەڭ چېچىلغان ئورتاق قۇرۇلۇش كۆلىمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئۆي شەكلى خەرىتىسىدە ھەرقايسى ئۆيلەرنىڭ كەڭلىك، ئېگىزلىك ئۆلچىمى ۋە قەۋەت ئېگىزلىكى تەپسىلىي كۆرسىتىلىشى كېرەك.

 ئۆي باھاسى ئۇچۇرى ھەربىر يۈرۈش تاۋار ئۆينى سېتىش ئومۇمىي باھاسى بويىچە ئېنىق باھا قويۇپ ئاشكارىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قۇرۇلۇش كۆلىمى ياكى ئۆي ئىچى قۇرۇلۇش كۆلىمى بويىچە باھا ھېسابلاشتا، يەنە قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ يەككە باھاسى ياكى ئۆي ئىچى قۇرۇلۇش كۆلىمىنىڭ يەككە باھاسى؛ ئېتىبار باھا ۋە ئېتىبار باھادا سېتىۋېلىشتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتى؛ تاۋار ئۆي سودىسى ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكەش قاتارلىق ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن بېجىرىش ھەق ئېلىش تۈرى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى كۆرسىتىلىشى كېرەك. ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش، ۋاكالىتەن بېجىرىش ھەققى كۆزگە چېلىقىدىغان قىلىپ كۆرسىتىلىشى، ئىستېمالچىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىشى كېرەك؛ تاۋار ئۆينى ساتقاندا ئۆي- جاي باشقۇرۇش كارخانىسى تەكلىپ قىلىنغان بولسا، تاۋار ئۆي تىجارەتچىلىرى ئالدىنقى مەزگىللىك ئۆي- جاي مۇلازىمەت مەزمۇنى، مۇلازىمەت ئۆلچىمى ۋە ھەق ئېلىش ئاساسى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بىرلا ۋاقىتتا ئاشكارىلىشى كېرەك.

 ئۆي مەنبەسى ھالىتى ئۇچۇرى ئاساسلىقى ئۆي- زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى ھەربىر يۈرۈش تاۋار ئۆينىڭ سېتىلىشقا بولىدىغان ھالىتى، سېتىلىپ بولۇنغان ھالىتى، ساقلاپ قېلىنغان ھالىتىنى بەلگە قويۇپ كۆرسىتىش، ساقلاپ قېلىنغان ئۆي مەنبەسىنىڭ ساقلاپ قېلىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

 ئۆي مەنبەسىگە پايدىسىز ئامىللار ئۆي مەنبەسى تۈرىنىڭ ئەتراپىدا كېرەكسىز گاز، شاۋقۇن، ئىس- تۈتەك، چاڭ- توزان قاتارلىق تەسىر پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئامىللارنى ئاشكارىلاشنى كۆرسىتىدۇ.

 تاۋار ئۆي سېتىشتا تور + تور سىرتى شەكلىدە ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىدۇ. توردا ئاشكارىلاش ئاساسلىقى ئەنجۈ گۇاڭشا سۇپىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۆي سېتىش بۆلۈمى بۆلىكىدە تاۋار ئۆينى ئاشكارىلاش ئۇچۇرىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى ۋە كىچىك پىروگراممىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇچۇر ئاشكارىلاش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۆي سېتىۋېلىش خەۋپ- خەتىرىنى ئەسكەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۆرسىتىدۇ. تور سىرتىدا ئاشكارىلاش چوڭ ئېكران، سېزىمچان ئېكران قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئۈرۈمچى تۇرالغۇ ئىستېمالىنى ھېس قىلىش مەركىزى، تاۋار ئۆي سېتىش نەق مەيدانىدا مەخسۇس رايون تەسىس قىلىپ، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ شەھىرىمىزدىكى تاۋار ئۆيلەرنى تاللاپ سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش؛ ياكى بىنا ئۆي سېتىش نەق مەيدانىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە تاۋار ئۆي سېتىش مەنبەسى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

 ئەنجۈ گۇاڭشا سۇپىسىدا ئېلېكتىرونلۇق ئۆي سېتىش بۆلۈمى ئىقتىدارى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى، ئۆي سېتىۋالغۇچىلار كۆچمە ئۈسكۈنە، ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق سۇپىغا كىرىپ، ئۆي ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش، يىراق مۇساپىدە ئۆي كۆرۈش، توردا قۇم مودېل كۆرۈش، توردا ئۆي تاللاش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ ئۆينى دەل جايىدا كۆرۈشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

  («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈەنيۈەن خەۋىرى) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125