10- ئاينىڭ 26- كۈنى شىئەن ۋوگزالىدىن قوزغالغان، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى بېسىلغان تۆمۈريول نۆۋەتچى پويىزى قەشقەر ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى، قەشقەر تاموژنىسىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتى بېجىرىلگەندىن كېيىن، بۇ ماللار تاشيول تىرانسپورتىغا يۆتكىلىپ، ئەركەشتام پورتى ئارقىلىق ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنتكە يولغا سېلىندى، بۇ، «جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان» تۇنجى نۆۋەتلىك تۆمۈريول، تاشيول كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىدا توشۇلغان، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونىدىن يولغا سېلىنغان ماللار ھېسابلىنىدۇ.
كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورتنىڭ چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدە قوللىنىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل 9- ئايدا تاموژنا باش مەھكىمىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئېكسپورت ماللىرىنى تۆمۈريول، تاشيول كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت بويىچە توشۇش كەسپى ئەندىزىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلىغان. شىئەن- قەشقەر- ئەركەشتام- ئۆزبېكىستان لىنىيەسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن لىنىيەلەرنىڭ بىرى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئېكسپورت ماللىرىنى چېگرا ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان تىرانسپورت قوراللىرىغا ئالماشتۇرۇپ قاچىلاشتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رەسمىيىتى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپى بىرقەدەر مۇرەككەپ ئىدى. تۆمۈريول، تاشيول كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت ئەندىزىسىدە، كارخانىلار ئېكسپورت ماللىرىنى پەقەت بىر قېتىملا مەلۇم قىلىپ، توشۇش باشلانغان جايدىكى تاموژنىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسىدىكى بارلىق مەلۇم قىلىش ئىشلىرىنى تاماملىيالايدۇ. ئېكسپورت ماللىرى تۆمۈريول تىرانسپورت شەكلى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىش ئېغىزىغا ئەڭ يېقىن بولغان تۆمۈريول ۋوگزالى نۇقتىسىغا توشۇلۇپ، ئالماشتۇرۇپ بېسىلغاندىن كېيىن بىۋاسىتە تاشيول تىرانسپورت شەكلى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىلىدۇ. چېگرادىن چىقىش پورتىدا ئايرىم ئىلتىماس قىلىش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىش، 2- قېتىم قاچىلاش- چۈشۈرۈش ھاجەتسىز، «بىر تالون بىلەن ئاخىرىغىچە يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت مەلۇم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىشتا «بىر ساندۇقنى ئاخىرىغىچە يەتكۈزۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا كارخانىلارغا ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى زور دەرىجىدە تېجەپ بېرىلىدۇ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقىت ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.
كەلگۈسىدە «جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان» تۆمۈريول تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، قەشقەر تاموژنىسى خەلقئارا كۆپ خىل شەكىلدە ئۇلاپ توشۇشنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سودا بىخەتەرلىكى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ياخشى بولغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، قەشقەرنىڭ «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا- ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان»لىقتەك ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرىدۇ، كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت ئارقىلىق توشۇلىدىغان تېخىمۇ كۆپ مالنى بۇ يەردە ئالماشتۇرۇپ، بېسىپ توشۇشقا جەلپ قىلىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى نىڭيەن خەۋىرى)