يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ. يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش داغدام يولىدا، تۈركۈم- تۈركۈملەپ بېيىش باشلامچىلىرى بارلىققا كەلدى. يېڭىسار ناھىيە قىزىل يېزىسى ئاراكۆل كەنتىدىكى «85- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان» ياش ئىبرايىم بۇراۋۇدۇن دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى «قالتىس كىشى»، ئۇنىڭ قوي- كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 15 يىل بولغان بولۇپ، ئىبىراھىم بۇراۋۇدۇن باقمىچىلىق توغرىسىدا ھېچنېمە بىلمەسلىكتىن بېيىش باشلامچىسىغا ئايلىنىپ، باقمىچىلىقتىن قىلغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى بىر مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇپ، شۇ جايدىكى نامى بار يەرلىك دېھقان مۇتەخەسسىسكە ئايلاندى.