ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك دوكتور ئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىدە 105 تۈر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى
17:16:59 2024-10-28 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك دوكتور ئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 26- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، قايتا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈپ باھالاپ بېكىتىش ئارقىلىق 105 تۈر تاللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك دوكتور ئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرگەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك دوكتور ئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى 2000- يىلى ئاپتونوم رايون دوكتور ئاشتىلار تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتلىمى ئەڭ يۇقىرى، قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان پۈتۈن شىنجاڭ خاراكتېرلىك دوكتور ئاشتىلار مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. تىزىملىتىش خىزمىتى 8- ئايدا رەسمىي باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىي 208 تۈر مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىلغان، 38 ئورۇن قاتناشتۇرغان 154 تۈر قايتا مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرگەن. پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپ، كارخانىلاردىن كەلگەن 30 مۇتەخەسسىستىن تەشكىللەنگەن قايتا مۇسابىقە باھالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قايتا مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرگەن 154 تۈرنى باھالاپ، ئاخىرىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرگەن 105 تۈرنى بېكىتكەن.

 بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى ۋە قابىللار تېما ئېلىش مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇسابىقە تەسىس قىلىنغان. قابىللار تېما ئېلىش مۇسابىقىسىدە بىۋاسىتە كارخانا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، نۇقتىلىق تەجرىبىخانىلاردىن تېخنىكا ئېھتىياجى ئاشكارا توپلىنىپ، جەمئىيەتكە ئېھتىياج تىزىملىكى ئېلان قىلىنىدىغان بولغاچقا، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تۈرلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى ۋە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى چوقۇم ئېلان قىلىنغان ئېھتىياج ئۇچۇرىغا دەل جايىدا ئۇدۇل كېلىشى كېرەك، بۇمۇ باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى.

 قابىللار تېما ئېلىش مۇسابىقىسى قايتا مۇسابىقىسىنىڭ باھالاش نەق مەيدانىدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇپراق- ئوغۇت ۋە يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، بۇ مۇسابىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەر باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يەن مۇنداق دېدى: «مۇسابىقە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى دوكتور ئاشتىلار توپىنىڭ بازارنى يېتەكچى قىلىپ پەن تەتقىقات يۆنىلىشىنى كېڭەيتىشىنى كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە دوكتور ئاشتىلار پونكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالدى».

 ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايوندا دوكتور ئاشتىلار پونكىتىدىن 191ى تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە دوكتور ئاشتىلار پەن تەتقىقات كۆچمە پونكىتىدىن 34ى، دوكتور ئاشتىلار پەن تەتقىقات خىزمەت پونكىتىدىن 61ى، باغچە رايونى شۆبە پونكىتىدىن 31ى، ئاپتونوم رايوننىڭ دوكتور ئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەت بازىسىدىن 65ى بار. ھازىرغىچە جەمئىي 1783 دوكتور ئاشتى قوبۇل قىلىنىپ تەربىيەلەندى، دوكتور ئاشتىلار تەتقىقات ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى چۇەنجى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125