«ئالتۇن كۈز خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئېيى» سۇپا ھازىرلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى 73 كارخانا، ئورۇن 2063 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى
17:17:00 2024-10-28 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 10- ئاينىڭ 25- كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق «ئالتۇن كۈز خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئېيى» ئۇنىۋېرسال مەخسۇس خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. 73 كارخانا، ئورۇن 2063 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

 ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ئىزدىشى ۋە كارخانىلارنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق مۇشۇ ئايدا «2024- يىللىق ئالتۇن كۈز خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئېيى پائالىيىتى»نى بىرلىكتە باشلىدى. پائالىيەت بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بولۇپ، نۇقتىلىق ھالدا پۇقراۋى كارخانىلار، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا- سانائەتچىلەر ھەمدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، تىزىمغا ئېلىنغان ئىشسىزلار قاتارلىقلارنى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەرقايسى جايلار يەنە تور ۋە تور سىرتىدا تۈرلۈك خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ.

 شۇ كۈندىكى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت مەركىزى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، «2024- يىللىق ئالتۇن كۈز خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئېيى پائالىيىتى»نىڭ بىر مەيدان تور سىرتىدىكى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

 نەق مەيداندا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشقا قاتناشقان كارخانىلار داۋالاش، ئۆي مۈلۈك، بىناكارلىق، تاراتقۇ، خەۋەرلىشىش، پۇل مۇئامىلە، مۇلازىمەت، پەن- تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، سودا قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ۋە ساھەگە چېتىلىدىغان بولۇپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇردى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق يولىدا ئولتۇرۇشلۇق چېڭ گوپېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئوقۇش تارىخىغا قاراپ خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورۇنلىرىمۇ، باشقۇرغۇچى خادىم تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورۇنلىرىمۇ، ئوقۇش تارىخى، تېخنىكا تەلىپى يۇقىرى بولمىغان ئىش ئورۇنلىرىمۇ بار ئىكەن. مەن ئۆزۈمگە ماس كېلىدىغان ئىككى، ئۈچ خىزمەت ئورنىنى تېپىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ياخشى پاراڭلاشتىم. يۈزتۇرا ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، تېزدىن ئىش ئورنىغا چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

 خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىدىن باشقا، نەق مەيداندا يەنە سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش رايونى، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش رايونى، كەسىپلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش رايونى، قىسقىچە تەرجىمىھالنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش رايونى تەسىس قىلىندى، خىزمەتچى خادىملار ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىلتىماس- تەلىپىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئەمگەك توختامى ئىمزالاش، مائاش تەمىناتى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك ماجىراسىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ھەمدە كەسپىي جەھەتتىن پىكىر- تەكلىپلەرنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېھتىياجلىق كارخانىلارنى ئادەم ئىشلىتىش يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئىناق، مۇقىم ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشتى.

 نەق مەيداندا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇش ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلۇپ، نەق مەيداندا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتنىشالمايدىغان خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىلدى، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەنلەر 17 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى.

 شۇ كۈندىكى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدە تور ۋە تور سىرتىدا 981 پارچە قىسقىچە تەرجىمىھال تاپشۇرۇۋېلىندى، نەق مەيداندا 176 ئادەم (قېتىم) دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىندى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى چۇەنجى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125