قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى غەربىي ئۆستەڭ كوچا باشقارمىسى خۇيكاڭيۈەن جەنۇبىي مەھەللىسى «شادلىق ھۇزۇرى ئاشخانىسى» بەرپا قىلدى
قومۇل ياخشى جاي \ قومۇل گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لو جيې) ياشانغانلارنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونى شەرقىي ئۆستەڭ كوچا باشقارمىسى خۇيكاڭيۈەن جەنۇبىي مەھەللىسى مەھەللە ئاشخانا قۇرۇلۇشى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ياشانغانلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئەرزان ھەم قولاي غىزالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇردى.
ئاھالە زەينەپ تاھىر بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۆيىدە يالغۇز تۇرىدۇ. ئۇ مۇخبىرغا ھەر كۈنى ئەتىگەندە «شادلىق ھۇزۇرى ئاشخانىسى»دىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ۋىيشىن توپىدا شۇ كۈنلۈك تاماق تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى، كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن زاكاز قىلسا بولىدىغانلىقى، ناھايىتى قولايلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: شادلىق ھۇزۇرى ئاشخانىسىنىڭ تاماقلىرىنىڭ تەمى بەك ياخشى، گاڭپەن، لەڭمەن دېگەندەك ھەرخىل تاماقلار بار، مەھەللىدىكى ياشانغانلار بۇ يەرگە كېلىپ غىزالىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2023- يىلى 8- ئايدا، خۇيكاڭيۈەن جەنۇبىي مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتى خېنەن ئۆلكىسى جېڭجوۋ شەھىرىنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى پائال ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، مەھەللە ئاشخانىسىنى شادلىق ھۇزۇرى ئاشخانىسىغا ئۆزگەرتىپ، دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى 10 يۈەنلىك چۈشلۈك تاماق بىلەن تەمىنلىگەن. شادلىق ھۇزۇرى ئاشخانىسى يەنە ئالاھىدە ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، چوڭ ياشلىق، يالغۇز تۇرىدىغان، قارىغۇچىسى يوق، مېيىپ قاتارلىق ئاشخانىدا غىزالىنىشى قولايسىز بولغان ياشانغانلارنى تاماقنى ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن.
خۇيكاڭيۈەن جەنۇبىي مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ مىڭجىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەھەللە پارتىيە كومىتېتى ئادەتتىكى ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاشخانىسى ئاساسىدا، ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكىلەرگە دوستانە بولغان ئاشخانا قۇرۇپ، ئەتراپتىكى ياشانغانلار، ياشلار ۋە ئىدارىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى بۇ يەردە ئىللىق، قولايلىق غىزالىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىشقا كۈچ چىقاردى.