ھازىر دەل
شەنجا، شىزى، بەنلى، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلار
كۆپلەپ بازارغا سېلىنىدىغان مەزگىل
ئۇلارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن كىشى ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەردۇر
لېكىن سىز
بەنلى بىلەن شەنجانى بىللە يېگەندە
ساغلاملىققا خەتىرى بارلىقىنى بىلەمسىز؟
ئاشقازاندا 5 * 8 سانتىمېتىر تاش پەيدا بولغان، مەسىلە يېيىشتىن كېلىپ چىققان
47 ياشلىق جاڭ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، قورسىقى كۆپۈپ، كۆڭلى ئېلىشىۋاتقىنىغا يېرىم ئايغا يېقىن ۋاقىت بولغان، ئالدىنقى ئىككى كۈندە قورسىقى قاتتىق ئاغرىغان، يەنە چوڭ تەرىتى قارا رەڭدە كەلگەن. جاڭ ئەپەندى «ئۈچەي راكى بولۇپ قالمىغاندىمەن؟» دەپ قورقۇپ قالغان.
دوختۇرخانىدا ئاشقازان ئەينىكى ۋە بوغماق ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندىنىڭ ئۈچەي يولىنىڭ ناھايىتى ساغلام ئىكەنلىكى، لېكىن بىر يىل ئىلگىرى ئوخشاشلا ساغلام تۇرغان ئاشقازىنىدا 5 * 8 سانتىمېتىر تاش پەيدا بولغانلىقى بايقالغان.
دوختۇر بۇنداق چوڭ تاشنىڭ زادى قانداق پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، جاڭ ئەپەندىنىڭ بۇ يېرىم ئاي بۇرۇن نېمە يېگەن- ئىچكەنلىكىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تاپقان. كۈز كېلىشى بىلەنلا، جاڭ ئەپەندى ھويلىدىكى تەۋرەنمە ئورۇندۇقتا يېتىپ بەنلى بىلەن شېكەرلىك شەنجا يېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئىككى كۈن ئىلگىرى، ئۇ ھەتتا بىر ئولتۇرۇشىدا يېرىم جىڭ شەنجا يېگەن، لېكىن ئۇ كۈزدە بازارغا سېلىنىدىغان بۇ تەملىك مېۋىلەرنى كۆپ يېسە بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.
تەلىيىگە، دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ئارقىلىق جاڭ ئەپەندىنىڭ قورساق ئاغرىش ئالامەتلىرى يوقالغان، قايتا تەكشۈرتكەندە ئاشقازىنىدا تاش قالمىغان، «ھېلىمۇ ياخشى پىچاق تەگكۈزۈلمىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ بىر قېتىمدا بۇنچە كۆپ شەنجا يېمەيمەن». ئاغرىقتىن قۇتۇلغان جاڭ ئەپەندىنىڭ بۇ ئىش يادىغا يەتسىلا يۈرىكى جىغىلدىغان.
شەنجا بىلەن بەنلىنى بىللە يېسە راستتىنلا تاش چۈشەمدۇ
بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بەزى تورداشلار يازمىسىدا مۇنداق دېگەن: ئايالىم بىر ئاخشام كۆپ مىقداردا شەنجا بىلەن بەنلى يېگەچكە، ئاشقازىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاغرىدى، دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرسەتكەندىن كېيىن دەسلەپكى قەدەمدە ئاشقازان ياللۇغى (بۇلتۇر ئاشقازان ئەينىكىدە ئاشقازان يۈزە قەۋەت ياللۇغى دەپ ئەسكەرتىلگەن) بولغان، ئاشقازان تېشى بار، دەپ دىياگنوز قويۇلدى.
ئۇ يەنە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا دىياگنوز تالونىنى ئېلان قىلغان ھەمدە كۆپچىلىككە بەنلى بىلەن شەنجانى بىللە يېمەسلىكنى ئەسكەرتكەن.
كونىلاردا مۇنداق گەپ بار: 8- ئايدىكى چىلان، 9- ئايدىكى شەنجا، 10- ئايدىكى بەنلى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن تورداش ئادەتتە بەنلىنىڭ يېنىدا شەنجا سېتىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئىككىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ساتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇنداقتا شەنجا بىلەن بەنلىنى بىللە يېسە، راستتىنلا تاش پەيدا بولامدۇ؟
شەنجا تەركىبىدە تاننىك كىسلاتاسى ۋە پېكتىن بولىدۇ، بەنلى تەركىبىدە ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ۋە يېمەكلىك تالاسى بولىدۇ، ئىككىسىنى بىللە يېگەندىن كېيىن، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەسىرىدە تاننىك كىسلاتاسى يېمەكلىكتىكى ئاقسىل بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىن، سۇدا ئاسان ئېرىمەيدىغان تاننىك كىسلاتا ئاقسىلى چۆكمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، تاننىك كىسلاتا ئاقسىلى چۆكمىسى ئۆسۈملۈك تالاسى، پېكتىن قاتارلىق يېمەكلىك قالدۇقلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتسە، قار پومزىكىگە ئوخشاش بارغانسېرى يوغىناپ، ئاخىرىدا ئاشقازانغا تاش چۈشىدۇ.
تاش پەيدا بولۇش- بولماسلىقى ناھايىتى زور دەرىجىدە يەككە تەندىكى پەرق ۋە ئىستېمال مىقدارىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ھەمدە قېرىقلىقىنى يوقىتىپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىنكى شەنجانىڭ تاننىك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ. ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاز مىقداردا تاننىك كىسلاتا ئاقسىلى چۆكمىسى ھاسىل بولغان تەقدىردىمۇ، ئاشقازان- ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە ئەگىشىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ.
ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: كۆپچىلىكنىڭ ئاچ قورساققا شىزى، شەنجا، قارا چىلان قاتارلىق تەركىبىدە تاننىك كىسلاتاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشىنى تەۋسىيە قىلمايمىز، شۇنداقلا جۈزە، مىخۇتاۋ قاتارلىق كىسلاتالىق مېۋىلەرنى بەنلى، قىسقۇچپاقا، گۆش قاتارلىق يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى ھەم ئاشقازان- ئۈچەينىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ياخشى بولمىغان كىشىلەر، بولۇپمۇ بالىلار ۋە ياشانغانلار شىزى بىلەن شەنجانى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىشى، شۇنداقلا بىللە يېمەسلىكى كېرەك.
ئەگەر تاماق يېگەندىن كېيىن قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
شىزى، شەنجا، قارا چىلان قاتارلىق تەركىبىدە تاننىك كىسلاتاسى مول يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان شەھەر ئاھالىلىرىگە قارىتا، دوختۇر مۇنداق تۆتنى «قىلماسلىق»نى ئوتتۇرىغا قويدى:
1. ئاچ قورساق ۋاقىتتا ئىستېمال قىلماسلىق؛
2. كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلماسلىق؛
3. جۈزە، مىخۇتاۋ قاتارلىق كىسلاتالىق مېۋە بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق؛
4. قىسقۇچپاقا، گۆش قاتارلىق يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق.
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)