ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى
10:33:36 2024-10-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

 كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 10- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن»نى چىڭ كۆزلەپ، «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»نى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىۋاتىدۇ، جەزمەن تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، تەرەققىياتنى تۇتۇشتا تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك، دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم جاھىل ئىللەتلەرنى ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى بۇنىڭدىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىز تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى قوغداش، بازار مۇھىتى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، قانۇنچىللىق كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بىر قىسىم مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاراتمىلىققا ئىگە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشى كېرەك. «ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2022- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە)»دىكى ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەكلەش خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى چۆرىدەپ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، كارخانا، ئاممىغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۈزتۇرا ئەھۋال ئىگىلەپ، ئىلتىماس- تەلەپلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، «ئولتۇرۇپ دىياگنوز قويۇش، ئىلتىماس- تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىش» پائالىيىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كارخانىلارغا يار-يۆلەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، قالايمىقان جەرىمانە قويۇش، قالايمىقان تەكشۈرۈش، قالايمىقان پېچەتلەش قاتارلىق ھادىسىلەرنى قەتئىي توسۇپ، سىغدۇرۇشچان، ئېھتىياتچان نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ۋە قانۇننى جانلىق ئىجرا قىلىش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىنىپ، كارخانىلارغا ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى بىرىنچى قول رەھبەر قۇرۇلۇشى قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تىجارەت سۇبيېكتلىرى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى، دائىملاشقان ھۆكۈمەت- كارخانا ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىلتىماس-تەلەپلەرنى ھەل قىلىش نىسبىتى ۋە كارخانىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى ۋاقتىدا ئېچىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، سىياسەتتىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ئۇنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، ئىش بېجىرمەسلىك، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىش قاتارلىق تىجارەت- سودا مۇھىتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاش كېرەك. سودىگەرلەرنى ھۆرمەتلەش، سودىغا ئەھمىيەت بېرىش، سودىگەرلەرگە مايىللىشىش، سودىگەرلەرنى خاتىرجەم قىلىش كەيپىياتى يارىتىپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىچىلارنى ھۆرمەتلەپ، ئاسراپ، كارخانىچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، قوللاپ، كارخانىچىلارنى شىنجاڭدا تېخىمۇ كۆپ تەۋەلىك تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئالاقىدار ئورۇنلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

 چېن ۋېيجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي يىغىنغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125