زۇمرەت ئوبۇل جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنى باشلاپ تايلاند ۋە مالايسىياغا زىيارەتكە باردى
10:37:35 2024-10-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 10- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 26- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش ئۆمىكىنى باشلاپ تايلاند، مالايسىياغا زىيارەتكە باردى.

 ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھەم مەسئۇللىرى بىلەن ئايرىم- ئايرىم ھالدا زىيارەت قىلىش، كۆرۈشۈش، سۆھبەتلىشىش، تەشۋىق قىلىش- تونۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىق قىلىش- تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى. تايلاندتىكى مەزگىلىدە، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى تايلاند پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ 2- مۇئاۋىن پالاتا باشلىقى پارادۇن پۇلىسانانەنتاگۇ، چىڭمەي داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پىڭلا شىبەندىمونكۇن، چىڭمەي مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نىرا پېڭستىتاۋېڭ، تايلاند جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى لىن چۇچىن بىلەن كۆرۈشتى. مالايسىيادىكى مەزگىلىدە، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى مالايسىيا پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن پالاتا باشلىقى نەنلى، ساياھەت سەنئىتى ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ چىڭشىن، مالايسىيا- جۇڭگو سودا كېڭىشى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ تيەنچۈەن، بىنچېڭ ئىشتاتى پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت باشلىقى ليۇ زىجيەن، بىنچېڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى ھەم ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى فامىزەينو، بىنچېڭ ئىشتاتى خۇارېنلار سارىيىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى نادۇ خۇاڭتيەنلۇڭ بىلەن كۆرۈشتى، كۇئالالۇمپۇر جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى، يىنالى مېيچاڭ چەكلىك شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى يەنە ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئىككى دۆلەتتىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

 زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە، زۇمرەت ئوبۇل رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ، ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان- ياۋىداق سۆزلىرىگە پاكىت ئارقىلىق رەددىيە بەردى. شىنجاڭنىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى ھەمبەھرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى ۋە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. شىنجاڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنى جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سەيلە- ساياھەت قىلىپ، مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش، ئەمەلىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز.

 تايلاند تەرەپ مۇنداق بىلدۈردى: تايلاند بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، جۇڭگو تەرەپتىكى ھەرقايسى قاتلام- دەرىجىلىكلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايمىز. جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى يادرولۇق رايون، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 مالايسىيا تەرەپ مالايسىيا بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى، يۈكسەلدۈرگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى، دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مالايسىيا خەلقىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى پايدىلىق ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125