يېشىل سېپىلنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قوغداش
10:42:30 2024-10-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېشىل سېپىلنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قوغداش

 − «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى شىنجاڭدا

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

 بۇ، شىنجاڭ تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بولۇپ، 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان تۇپراقتا رەتلىك ئورمان تورى بەرپا قىلىنىپ، ئېتىز- ئېرىقلارنى قوغداپ، بوستانلىقلارنى توسۇق بىلەن تەمىنلىدى.

 بۇ، شىنجاڭدىكى ئەڭ شېرىن ئىش بولۇپ، چەكسىز ئورمان دېڭىزى، بۈك- باراقسان يېشىللىقنى شەكىللەندۈردى. كىشىلەر ئېتىز- ئېرىق بويلىرى، باغلاردا ياخشى ئېكولوگىيە ئېلىپ كەلگەن گۈزەل تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولماقتا. ئىقتىساد بىلەن ئېكولوگىيە ماس تەرەققىي قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتمەكتە.

 «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شىنجاڭ تۇپرىقىدا 46 يىل ئەجىر قىلىپ، قۇم- بورانغا تاقابىل تۇرىدىغان، سۇ- تۇپراقنى ساقلايدىغان، دېھقانچىلىقنى قوغداپ، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇستەھكەم «يېشىل سېپىل» بەرپا قىلدى.

 46 يىل يېشىللىق بەرپا قىلىندى، شىنجاڭدا بوستانلىقلار كېڭەيدى، زورايدى

 ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئاي، تولى ناھىيەسىدىكى شامال ئۆتەڭدە، چاتقال، ئوت- چۆپلەر گىرەلىشىپ كەتكەن پارچە- پارچە ئىھاتە ئورمان تورى بۈك- باراقسان ئىدى.

 شامال ئۆتەڭ تارباغاتاي ئويمانلىقىدىكى شەرقتىن كىرىپ، غەربكە چىقىپ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشتا جەزمەن ئۆتىدىغان يول، شۇنداقلا دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان شىۋىرغان ئاپىتى يۈز بېرىدىغان رايون. بۇ جايدا ھەر يىلى 150 نەچچە كۈن 8 بالدىن يۇقىرى بوران چىقىدۇ، يازدا قۇم- شېغىللار ئۇچۇپ يۈرىدۇ، قىشتا ئادەم، چارۋىلارنىڭ ئۆلۈش- يارىلىنىش ئەھۋالى پات- پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، كىشىلەر ئۇنى «جانغا زامىن ئۆتەڭ» دېيىشىدۇ.

 «ئىلگىرى شىۋىرغان، قۇرغاق ئىسسىق شامال قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپ يۈز بېرەتتى، تېرىلغۇ يەر ۋە ئوتلاقلارنى شامال يالاپ كېتەتتى، قۇملىشىپ كېتىش ھادىسىسى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. ئېكولوگىيە ئورمىنى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تەبىئىي ئاپەت كۆرۈنەرلىك ئازايدى» دېدى تولى ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ فېڭسۇڭ.

 2000- يىلى شامال ئۆتەڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قۇرۇلۇشى باشلاندى، 20 نەچچە يىل ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش ئارقىلىق، غوللۇق دەرەخ تۈرىنى ئاساسىي گەۋدە، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قار توسۇش ئورمىنىنى ئاساسىي رامكا قىلغان، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان ئىھاتە ئورمىنى ئېكولوگىيە سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن بوران پەسەيدى، ئوت- چۆپلەر كۆكەردى، ئىلگىرىكى چۆل- جەزىرىلەر بارا- بارا بوستانلىققا ئايلاندى.

 شامال ئۆتەڭدىكى ئېكولوگىيەلىك ئۆزگىرىش «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق نامايەندىسى.

 1978- يىلى، دۆلىتىمىز غەربىي شىمال، خۇابېي، شەرقىي شىمال رايونلىرىدا چوڭ تىپتىكى ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، شەرقتە خېيلۇڭجياڭدىن باشلىنىپ، غەربتە شىنجاڭغىچە بولغان 10 مىڭ چاقىرىملىق قۇم- بوران لىنىيەسىدە بىر يېشىل توسۇق قۇرۇپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى ياخشىلاش ئارقىلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنى ئازايتىپ، ئېكولوگىيە، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمىدە كۆپ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى قوزغاتتى.

 شىنجاڭ دەل «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ غەربىي ئۇچىغا جايلاشقان، مەملىكەت بويىچە قۇم- بوراننىڭ زىيىنى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى. 46 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىغا باشتىن- ئاخىر 100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان سۈپىتىدە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىي 70 مىليون مودىن ئارتۇق يەرگە كۆچەت تىكىپ، ئېتىز- ئېرىق ئىھاتە ئورمىنىنى رامكا قىلغان، كۆپ خىل ئورمان تۈرى، كۆپ خىل دەرەخ تۈرى تەڭ قوللىنىلغان ئىھاتە ئورمان سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈپ، ئورمان، ئوت- چۆپ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ قاپلاش دەرىجىسىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، قۇم- بوراننىڭ زىيىنىغا تاقابىل تۇرۇپ، چۆللىشىش، قۇملىشىش سۈرئىتىنى تىزگىنلىدى.

 تولى ناھىيەسىدىكى شامال ئۆتەڭدىن مەكىت ناھىيەسىدىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغىچە؛ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۆكيار چۆللۈكىنى كۆكەرتىشتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مىليون مولۇق ئېكولوگىيە ئىقتىسادىي ئورمان قۇرۇلۇشىغىچە... «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 1978- يىلىدىكى %1.03تىن نۆۋەتتىكى %5.06كە ئۆستى؛ ئۆتكەن 30 يىلدا، سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمى 65 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن نۆۋەتتىكى 100 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا كۆپىيىپ، %53.85 ئاشتى. 2022- يىلى ئېلان قىلىنغان مەملىكەت بويىچە 6- قېتىملىق چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنى كۆزىتىش- ئۆلچەش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا چۆللىشىپ كەتكەن يەر 2 مىليون 933 مىڭ 600 مو ئازىيىپ، قۇملىشىپ كەتكەن يەر 364 مىڭ 200 مو ئازىيىپ، تۇنجى قېتىم «قوش ئازىيىش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان، «قۇم ئىلگىرىلەپ، ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ، قۇم چېكىنىش»كە ئۆتۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

 پايدا قويۇپ بېرىلدى، «بەخت مېۋىسى» بارلىققا كەلتۈرۈلدى

 ئېكولوگىيە ھاياتلىقنىڭ ئاساسى، مۇھىت تەرەققىياتنىڭ ئۇلى. ئېكولوگىيە- مۇھىتنى ياخشىلايدىغان، تەبىئىي ئاپەتنى يېنىكلىتىدىغان بىر تۈرلۈك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە ئەمەلىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىپ، «بەخت مېۋىسى»نى بارلىققا كەلتۈردى.

 كۈز پەسلىدە كۆكيارغا كىرگەندە كىشى خۇددى غايەت زور تەبىئىي رەسىم كارىدورىدا تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلەتتى، يېشىل رەڭ بىلەن سېرىق رەڭ گىرەلىشىپ، قىزىل رەڭ بىلەن سۆسۈن رەڭ بىر- بىرىگە ھۆسن قوشقانىدى، ھەربىر تال يوپۇرماق خۇددى بۇ سىرلىق تۇپراقتىكى ئېكولوگىيەنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشىنى بايان قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

 30 نەچچە يىل ئىلگىرى، كۆكيار يەنىلا ئادەم ئولتۇراقلاشمىغان چۆل- جەزىرە بولۇپ، يىل بويى قۇم- بوران ئۇچۇپ تۇراتتى. 1986- يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى قوزغىتىپ، سىجىل تۈردە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئارقىلىق، 1 مىليون 200 مىڭ مو كۆلەمدە ئورمان بىنا قىلىشنى تاماملىدى. ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش ئاساسىدا، شۇ جايدىكى ئامما ئالما، چىلان، ياڭاق قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈشنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئاقسۇ ۋىلايىتىنى شىنجاڭدىكى باغ- ئورمان ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلاندۇردى، باغ- ئورمان ھوسۇلى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىدى.

 «ئىلگىرى كۆكياردا بوران كۈچلۈك ئىدى، مېۋىلىك دەرەخلەر چېچەكلىگەندىن كېيىن بوران چېچەكلەرنى تۆكۈۋەتكەچكە، ئالمىنىڭ ھوسۇلى تۆۋەن ئىدى.» ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرىنىڭ كۆكيار كەنتىدىكى باغۋەن شۈ دېۋېن مۇنداق دېدى: ئىھاتە ئورمان بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، قۇم- بوران توسۇلۇپ، ئالما ھوسۇلى ۋە باغۋەنلەرنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى.

 باغ- ئورمان شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسپى، نۇرغۇن كىشى مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىنجاڭنىڭ باغ- ئورمان كۆلىمىنىڭ مىليون موغا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. كېيىن، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى مەبلىغىنىڭ قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ باغ- ئورمان كۆلىمى يىلىغا مىليون مولۇق سۈرئەت بىلەن ئاشتى، نۆۋەتتە كۆلىمى 21 مىليون 100 مىڭ موغا مۇقىملىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت باغ- ئورمان ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %13ىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە چىلان، ئۈزۈم، ئۆرۈك، نەشپۈت، بادام، شىنمېي ئۆستۈرۈش كۆلىمى ۋە ھوسۇلى بىردەك پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇردى، باغۋەنلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 6200 يۈەندىن ئاشتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شىنجاڭنىڭ باغ- ئورمان كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى بىلەن زىچ باغلانغان.

 نۆۋەتتە، شىنجاڭدا 4 مىليون 280 مىڭ مو ئېتىز ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلىندى، 12 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، 82 ناھىيە(شەھەر، رايون)دە ئېتىزلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 45 ناھىيە (شەھەر، رايون) ئېتىزلارنى ئورمان بىلەن تورلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا تۈزلەڭلىكنى كۆكەرتىشنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. شىنجاڭدا ئېتىز ئىھاتە ئورمىنى، چوڭ تىپتىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش غول ئورمان بەلبېغى ۋە تەبىئىي چۆل ئورمىنىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بوستانلىق ئۇنىۋېرسال ئىھاتە ئورمان سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە خاس باغ- ئورمان كەسپىنى زورايتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇردى.

 ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى ئېتىز ئىھاتە ئورمىنىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، مول ھوسۇل ئېلىشقا ئوتتۇرىچە تۆھپە قوشۇش نىسبىتى تەخمىنەن %12 بولغان، تەبىئىي ئاپەت ئېغىر رايونلاردىكى تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ھەتتا %20تىن ئاشقان. شىنجاڭدىكى %95- تېرىلغۇ يەر «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ئورمان تورى تەرىپىدىن قوغدالغان.

 «ئۈچ شىمال» ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش بۇرغىسى چېلىندى

 «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى ئەسىر ھالقىغان زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بولۇپ، يىرىك پىلان مەزگىلى 73 يىل، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى 13 ئۆلكە- رايونغا چېتىلىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ 4 مىليون كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان زېمىنىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھازىر قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىردى.

 2023- يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ باياننور شەھىرىدە چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يېڭى مۆجىزىسىنى يارىتىش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى.

 دۆلەت قۇرۇلۇشىدا بۇرچ زىممىگە ئېلىندى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش ۋە چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش يىغىنى، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بويىچە نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنى، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش بويىچە سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش توغرىسىدا قايتا سەپەرۋەرلىك قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

 − «ئاپتونوم رايوننىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانى (2021- يىلىدىن 2030- يىلىغىچە)» قاتارلىقلارنى تۈزۈش خىزمىتى قوزغىتىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ يول خەرىتىسى، ۋاقىت جەدۋىلى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

 − «شىنجاڭنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ئومۇمىي لايىھەسى» تۈزۈپ چىقىلىپ، نىشان- ۋەزىپىلەر، نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تېخنىكا يولى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

 − توققۇز ماددىلىق تەدبىر ئېلان قىلىنىپ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە مەدەت بېرىلىپ، مەبلەغ كاپالىتى، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى، يورۇقلۇق ۋولت تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى.

 ...

 شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى مەزگىلدىكى «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى. كېرىيە ناھىيەسى كارخانا، جەمئىيەت، دېھقانلارنى قىزىلگۈل، سۆكسۆك ئۆستۈرۈش، توشقانزەدىكىنى ئۇلاپ ئۆستۈرۈپ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، «كارخانا + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قۇمنى تىزگىنلىدى ھەم بېيىشنى تېزلەتتى. شايار ناھىيەسى تارقىلىش شەكلىدىكى يورۇقلۇق ۋولتتىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشنى ئېنېرگىيە توكىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شورلۇق سۇدىن پايدىلىنىپ ئورمان بىنا قىلىش ئارقىلىق ھەر مو يەردە تەخمىنەن 400 كۇب مېتىر سۇ تېجەپ، ھەم تەننەرخنى تۆۋەنلەتتى، ھەم قۇملۇق گىرۋىكىدە كۆچەت تىكىشتە سۇ كەمچىل بولۇش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

 شىنجاڭ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلارنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، كۆپ تارماق ھەمكارلىشىدىغان، كۆپ يول ئارقىلىق مەبلەغ سېلىنىدىغان، كۆپ تەرەپ قاتنىشىدىغان يېڭى دەۋر قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشتىكى ئۆرنەك ۋە ئۈلگە بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسى قوشتى.

 46 يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى. «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلار قۇم- بوران لىنىيەسىدە قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، قاتار- قاتار يېشىل توسۇقلارنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل مۆجىزىسىنى ياراتتى.

 بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۈچ چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك جەڭدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش بۇرغىسىنى چالدى، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، يېڭى مەزگىلدىكى «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى جاۋاب قەغىزىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقماقتا.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125