ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شىيا) 10- ئاينىڭ 26- كۈنى، «شىنجاڭدا ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى گۈللەپ ياشنىدى» باش تېمىسىدىكى 2- نۆۋەتلىك شىنجاڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىيات مۇنبىرى شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەر مۇتەخەسسىس- ئالىملارنىڭ تەتقىقات ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، پائال تۈردە ساختا ئۇچۇرلارنى توسۇش، يالغان- ياۋىداق سۆز، بىر تەرەپلىمە قاراشقا قارشى تۇرۇشنى ئىلمىي مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان.
«مەن ئىلگىرى ئىككى قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن، مەن كۆرگەن ئۇيغۇر مىللىتى، قازاق مىللىتى قاتارلىق مىللەتلەر يېمەك- ئىچمەك ئادىتى، كىيىنىش، تىل قاتارلىقلاردىن تارتىپ ھەممىسىدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى كۆرگەزمە ئويۇنى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىكەن، بۇ ماڭا جۇڭگونىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.» مىسىرلىق سىياسىي ئوبزورچى، مىسىر كۆزنەك تورىنىڭ تاشقى ئىشلار خەۋەرلىرى مەسئۇل مۇھەررىرى ئەخمەت سۇلايمان شىنجاڭغا كەلگەندىكى كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقان، مەدەنىيەت رەڭدار، خىلمۇخىل بولغان كۆرۈنۈشلەردىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم، شىنجاڭنىڭ گۈزەل ھەقىقىي مەنزىرىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ مىسىر خەلقىگە يەتكۈزىمەن.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ جيەنيىڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل- يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردى، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئاساسلىقى ئون خىل تىل ۋە يېزىقنى ئىشلىتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت سەنئەتكارلار كۆپ خىل تىل- يېزىقتا ئەدەبىي ئىجادىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپلىگەن ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇردى، ھەتتا مۇھىم ئېقىملارنى شەكىللەندۈرۈپ، بىرقەدەر زور تەسىر پەيدا قىلدى، مەسىلەن، «يېڭى چېگرا رايون شېئىرىيىتى» ۋە «جۇڭگو غەربىي قىسىم ئەدەبىياتى» قاتارلىق ئېقىملار بۇنىڭ ۋەكىللىرى.
مۇنبەردە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 11 مۇتەخەسسىس- ئالىم ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغانلىقى ۋە يېڭىلىق ياراتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باراۋەر مەدەنىيەت ھوقۇق- مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى تولۇق نامايان قىلدى ھەم شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەنگەنلىكى، راۋاجلانغانلىقىنى كۆپ تەرەپتىن چۈشەندۈردى، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش شىنجاڭ «مەدەنىيەتنى يوقىتىش» سەپسەتىسى ۋە «شىنجاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇش» رەزىل سۇيىقەستىنى ئېچىپ تاشلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى ھەم يەرلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى، يارغول قەدىمكى شەھىرى، بېيتىڭ قەدىمكى شەھىرى خارابىسى، قىزىل مىڭئۆي قاتارلىقلار دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى، مەشرەپ ۋە قىرغىز مىللىتىنىڭ ئېپوسى «ماناس» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)