ئەزەلدىن تونۇشمايدىغانلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قان قېرىنداش بولدى
10:54:24 2024-10-29 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇا

 «ئاكا، نەنسەنگە قاچان كېلىسىز، مەن قازانغا يېڭى قوي گۆشى سېلىپ قوياي، ئىككىمىز ئازراقتىن ئىچىشكەچ پاراڭلىشايلى.» 10- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇ يۇڭشىننىڭ ۋىيشىنىغا ئاقىلبېك ساداق ئەۋەتكەن بىر يېڭى ئۇچۇر كەلدى.

 ھەر قېتىم ئاقىلبېكنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرگەندە، جۇ يۇڭشىننىڭ قەلبى بىر خىل ئىللىقلىققا تولىدۇ. 11 يىل ئىلگىرى، ئۇ ئاقىلبېكنىڭ خوتۇنىغا Rh مەنپىي تىپلىق قان (ئادەتتە «مۈشۈكئېيىق قان» دەپ ئاتىلىدۇ) تەقدىم قىلغان ھەم شۇ سەۋەبلىك ئالاھىدە بىر قېرىنداشلىق مېھرىگە ئېرىشكەنىدى.

 جۇ يۇڭشىن شىنجاڭ مۈشۈكئېيىق قان تىپى پىدائىيلار ئاممىۋى مەنپەئەت كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى. 2000- يىلى بىر قېتىم پىدائىي بولۇپ قان تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى ئۇنىڭغا قېنىنىڭ Rh مەنپىي تىپلىق قان تىپى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. بۇ خىل قان تىپى ئاز ئۇچرايدىغان بولغاچقا، ئۇ ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشتەك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق يولىغا ماڭدى. «باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىك ئۆزىگىمۇ ياردەم بەرگەنلىك» دېدى جۇ يۇڭشىن.

 «ئاپتونوم رايونلۇق 3- خەلق دوختۇرخانىسىدا شاكىلاتسىمان خالتىلىق ئىششىققا گىرىپتار بولغان بىر ئايالنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈچۈن قان لازىم بولۇپ قالدى.» 2013- يىلى 3- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئاممىۋى مەنپەئەت كوللېكتىپى QQ توپىغا ياردەم تەلەپ قىلغان بىر ئۇچۇر كەلدى. «مەن قان پونكىتىغا ناھايىتى يېقىن، مەن باراي!» جۇ يۇڭشىن ئاكتىپلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇردى.

 جۇ يۇڭشىن دەرھال ئۈرۈمچى شەھەرلىك قان مەركىزىگە بېرىپ، بۇ ئايالغا 400 مىللىلېتىر قان تەقدىم قىلدى. قان تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، ئايالنىڭ ئېرى ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە، ئۇنىڭغا 500 يۈەننى زورمۇزور تەڭلەپ رەھمىتىنى بىلدۈرمەكچى بولدى. «ياردەم قىلىش قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، بۇ پۇلنى ئالسام بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتۇنىڭىز ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قاپتۇ، ئۇنىڭغىمۇ پۇل كېتىدۇ.» جۇ يۇڭشىن قەتئىي ئالغىلى ئۇنىمىدى، لېكىن ئۇ ئەرنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىنى رەت قىلالماي، ئامالسىز ئۇنىڭ بىلەن بىر قاچا كالا گۆشى ئۈگرىسى ئىچتى.

 پاراڭلىشىش جەريانىدا، جۇ يۇڭشىن بۇ ئەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئاقىلبېك ئىكەنلىكىنى، ئۆيىنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگوۋ بازىرى شۇيشىگوۋ كەنتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى. «ئاكا، ۋاقتىڭىز بولسا چوقۇم ئۆيگە كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتىڭ.» ئاقىلبېك سەمىمىي تەكلىپ قىلدى. جۇ يۇڭشىن بۇ سەمىمىي، ساددا يىگىتنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ماقۇل بولدى.

 روزى ھېيتتا، جۇ يۇڭشىن ياغ، چاقماق قەنت قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ، ئاقىلبېكنىڭ ئۆيىگە باردى. ئاقىلبېكنىڭ ئۆيى ناھايىتى پاكىز تازىلانغان بولۇپ، ئۈستەلگە تۈرلۈك پىشۇرۇقلار، قۇرۇق مېۋىلەر تىزىلغانىدى. جۇ يۇڭشىن ئىشىكتىن كىرىشىگىلا، ئىسسىق ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان ئەتكەنچاي، مەززىلىك دۈملەپ پىشۇرۇلغان قوي گۆشى ئۈستەلگە ئېلىپ چىقىلدى. ئاقىلبېكنىڭ دادىسى ئەتكەنچاينى قوش قوللاپ كۆتۈرۈپ جۇ يۇڭشىننىڭ ئالدىغا قويدى: «سىز كېلىنىمگە قان تەقدىم قىلدىڭىز، سىز پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ شەپقەتچىسى.» ئاقىلبېكنىڭ خوتۇنى غاينى نۇرسەيت سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ تومۇرۇمدا سىزنىڭ قېنىڭىز ئېقىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن سىز مېنىڭ ئۆز ئاكام».

 جۇ يۇڭشىن بىر قېتىم ئادەتتىكى قان تەقدىم قىلىش ئارقىلىق بۇنداق ئىززەت- ھۆرمەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. «بۇنىڭدىن كېيىن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېدى ئۇ ئاقىلبېكنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ.

 ئۇ چاغدا، ئاقىلبېك يەنە نەنسەندىكى بىرقانچە جايدا كىگىز ئۆي ئارامگاھى ئاچقانىدى، جۇ يۇڭشىن دائىم دوستلىرىنى ئېلىپ بېرىپ ئويناپ، ئۇنىڭ تىجارىتىنى قوللىدى.

 تۇنجى قېتىم دوستلىرىنى ئېلىپ بارغاندا، ئاقىلبېك ئۇلارغا قوي سويۇپ بەردى، كاۋاپ ۋە پولۇ ئېتىپ بەردى. ئۇلار تاماقنى يەپ بولۇپ ئاقىلبېككە پۇل بەرمەكچى بولغاندا، ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنى تاپالمىدى. «قەيەرگە كەتتىڭىز، قاچان قايتىپ كېلىسىز؟ تاماق پۇلىنى بېرەي» جۇ يۇڭشىن ئاقىلبېككە تېلېفون قىلدى. «بىر قوي يۈتۈپ كەتكەن، ئىزدەۋاتىمەن، ۋاقتىنچە قايتالمايمەن. سەل تۇرۇپ سىلەر قايتىۋېرىڭلار، مەن ئۇزىتالمايدىغان بولدۇم!» دېدى ئاقىلبېك.

 «ئۇ چاغدا تېخى ۋىيشىندا پۇل تۆلىگىلى بولمايتتى، بىز ئامالسىز قايتىپ كەتتۇق.» جۇ يۇڭشىن مۇنداق دېدى: ئۆيگە بارغاندىن كېيىن ئاندىن ئاقىلبېكنىڭ «قوي ئىزدىگىلى كەتتىم» دەپ يالغان ئېيتىپ قويغانلىقىنى، ئەسلا پۇل ئالغۇسى يوقلۇقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.

 «پۇل ئالمىسىڭىز، ئەمدى سىزنىڭ كىگىز ئۆيىڭىزگە ھەرگىز بارمايمەن.» جۇ يۇڭشىننىڭ «تەھدىتى» ئالدىدا، ئاقىلبېك ئامالسىز يول قويدى.

 ئاقىلبېك بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىزغىن، ئاق كۆڭۈللۈكى جۇ يۇڭشىننى تەسىرلەندۈردى، جۇ يۇڭشىننىڭ كۆيۈنۈشىدىنمۇ ئاقىلبېك بىر ئائىلە كىشىلىرى چىن كۆڭلىدىن مىننەتدار بولدى.

 «ئالاقىمىز چوڭقۇرلاشقانسېرى، مىجەزىمىز شۇنچە كېلىشىپ قالدى.» جۇ يۇڭشىن مۇنداق دېدى: ھېيت- بايراملاردا مەن سوۋغات ئېلىپ بېرىپ ئاقىلبېك ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلايمەن. ئاقىلبېكمۇ شەھەر رايونىغا ئىش بېجىرگىلى كەلگەچ مېنى يوقلايدۇ، ئىككىمىز بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەچ مۇڭدىشىمىز.

 11 يىل جەريانىدا، ئۆزئارا بېرىش- كېلىش قىلىش داۋامىدا، جۇ يۇڭشىن بىلەن ئاقىلبېك بىر ئائىلە كىشىلىرى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. «بۇ قېرىنداشلىق مېھرى قان- قېنىمىزغا سىڭىپ كەتتى، شۇنداقلا قەلبىمىزگە ئورناپ كەتتى» دېدى جۇ يۇڭشىن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125