ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جۈنچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، مۇھىم، زور سانائەت تۈرلىرى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم ئېشىشى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)