جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋەزىپە باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، شېنجوۋ 19- نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسى سەي شۈجې، سۇڭ لىڭدۇڭ، ۋاڭ خاۋزېدىن ئىبارەت ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سەي شۈجې كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئالەم ئۇچقۇچىسى سەي شۈجې شېنجوۋ 14- نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان؛ سۇڭ لىڭدۇڭ بىلەن ۋاڭ خاۋزې بىردەك دۆلىتىمىزنىڭ 3- تۈركۈمدىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بولۇپ، ھەر ئىككىسى «90- يىللاردا تۇغۇلغان»، ئىككىلىسى تۇنجى قېتىم ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.
سەي شۈجې، شېنجوۋ 19- نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى.
سۇڭ لىڭدۇڭ، شېنجوۋ 19- نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى.
ۋاڭ خاۋزې، شېنجوۋ 19- نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچقۇچىسى.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى جاڭ ۋېي، ۋاڭ گاڭ)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)