بىر غوزا پاختىدىن تولۇق پايدىلىنىش
− مارالبېشى ناھىيەسى پاختا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ
كەچ كۈزدە، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى مىليون مو يەردىكى پاختىدىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىندى، پاختا يىغىش ماشىنىلىرى ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، پاختىلار يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن سىرتقا توشۇلۇۋاتاتتى.
بۇ غوزا پاختىلار ئەڭ ئاخىرىدا نېمىگە ئايلىنىدۇ؟
بىر تال يىپ، بىر توپ رەخت، بىر قۇر كىيىم، يەنە بىر تامچە ياغقا ئايلىنامدۇ؟
مۇخبىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ پاختا قەرەللىك مال ھېساب ئۈزۈش ئامبىرى جايلاشقان مارالبېشى ناھىيەسىگە كېلىپ، كېۋەز تېرىشتىن تارتىپ چىگىتلىك پاختا پىششىقلاش، سودا، زاپاس ساقلاش، توشۇش، يىپ ئېگىرىش، رەخت توقۇش، گۈل بېسىش- بوياش، كىيىم- كېچەك پىششىقلاش، ياغ تارتىشقىچە بولغان پاختىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەڭ زور پايدا ئالىدىغان پاختا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات يولىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈستىدە ئىزدەندى.
كۆلەم، بىرلىك ھوسۇلدا قوش ئېشىش
10- ئاينىڭ 22- كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناركۆل يېزىسى تالاشور كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە، ئاپئاق پاختىلار توپلىنىپ كۆز يەتكۈسىز «پاختا دېڭىزى»نى ھاسىل قىلغانىدى، پاختا يىغىش ماشىنىسى «قولى»نى سوزۇپ، پاختىنى يىغىپ «قورسىقى»غا سېلىۋاتاتتى.
پاختىكار چېن جىنگاڭ ئېتىز بېشىدا تۇرۇپ، خالتا- خالتا پاختىلارنىڭ كېۋەزلىك ئارىسىغا دۆۋىلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «6000مو يەردىكى پاختىنىڭ يېرىمىنى يىغىپ بولدۇق، بۇ ئايدا ھەممىسىنى يىغىپ بولىمىز».
چېن جىنگاڭ شۇ جايدىكى داڭلىق تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، كۆپ يىللىق كېۋەز تېرىش تەجرىبىسى بار. بۇ يىل تېرىش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىشتىن يىغىۋېلىشقىچە، ئۇ پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشقان مەشغۇلاتنى تاللاپ، مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ئادەم كۈچى تەننەرخىنى ئازايتىپ، پاختىنىڭ بىرلىك ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى. «ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇل 490 كىلوگرامغا يېتىدۇ، بۇلتۇرقىدىن 30 كىلوگرام ئاشتى» دېدى ئۇ.
يېقىن ئەتراپتىكى دۆلەتباغ يېزىسىمۇ مول ھوسۇل مەنزىرىسىگە تولدى. بۇ يېزىنىڭ ئاياغ قارا كۆل كەنتىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى ئۆمەرجان ئەيسا 1000مو يەرگە كېۋەز تېرىدى، ھازىر دەل پاختا يىغىش مەزگىلى بولۇپ، بىر ماشىنا بىلەن كۈنىگە 300مو يەردىكى پاختىنى يىغىۋالغىلى بولىدۇ. «بۇ يىل ياخشى ھوسۇل ئالدۇق، چوقۇم كۆپرەك پۇل تاپالايمىز» دېدى ئۇ.
مارالبېشى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ جىفۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل ناھىيە بويىچە كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن 160 مىڭ مو كۆپەيدى، كېۋەز تېرىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتى %100، يىغىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتى %91 بولدى. بۇ يىل كېۋەزنىڭ ئۆسۈشى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، ھازىر دەل يىغىىش مەزگىلى، ھەر مو يەردىكى پاختىنىڭ ئوتتۇرىچە ھوسۇلى 390 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن 15 كىلوگىرام ئەتراپىدا ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
پاختىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى
پاختا يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئاجايىپ ئۆزگىرىش سەپىرىنى باشلىدى.
ھەرقايسى پاختا زاۋۇتلىرى يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن پاختىنى پىششىقلىدى. مارالبېشى ناھىيەسى خۇاليەن پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەيتتى، تەرەپ- تەرەپتىن يۆتكەپ كېلىنگەن چىگىتلىك پاختا ئارىلاشمىلارنى چىقىرىۋېتىش، چىگىتىنى ئايرىش، تايلاش قاتارلىق كۆپ خىل ئىش تەرتىپىدىن كېيىن، پىششىقلىنىپ ئوراپ قاچىلىنىشى مۇكەممەل، سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان ساپ پاختا مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئاندىن پاختا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئامبىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ، ساپ پاختىلار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئامبىرىدا خېرىدارلارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
«9- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پۈتۈن كۈچ بىلەن چىگىتلىك پاختا سېتىۋالدۇق، پىششىقلاش مىقدارى 3000 توننىدىن ئاشتى» دېدى مارالبېشى ناھىيەسى خۇاليەن پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى لى جاۋيەن.
مارالبېشى ناھىيەسىدە ساپ پاختا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئامبىرىدىن ئۈچى بار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ پاختا قەرەللىك مال ھېساب ئۈزۈش ئامبىرىمۇ مارالبېشىدا.
ئېگىرىش كارخانىلىرى پاختا سودىسى ئارقىلىق مەلۇم مىقداردا ساپ پاختا سېتىۋالغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ساپ پاختا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئامبىرىدىن بىۋاسىتە مال ئالىدۇ.
شىنجاڭ شىبو پاختا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگەندە، ئېگىرىش ئۈسكۈنىلىرى تېز سۈرئەتتە ئايلىنىپ، ئاپئاق پاختىدىن ئىنچىكە، ئۇزۇن پاختا يىپلارنى پىششىقلاۋاتاتتى.
قاچىلاش- چۈشۈرۈش رايونىدا، بىر يۆتكەش- توشۇش ماشىنىسى تايلاپ قويۇلغان پاختا يىپ تەييار مەھسۇلاتىنى يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلاۋاتاتتى. بۇ پاختا يىپلارنىڭ بەزىلىرى شىنجاڭ سىرتىدىكى كۆپلىگەن رەخت توقۇش كارخانىلىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ، بەزىلىرى يېقىن ئەتراپتا ئىشلىتىلىپ، يۇقىرى ئېقىندىكى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ خام ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسى يۇقىرى ئېقىن كەسىپلەر زەنجىرىدىكى ئېگىرىش كارخانىلىرىغا تايىنىپ، بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى رەخت توقۇش كارخانىلىرىنى سانائەت باغچە رايونىغا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.
پاختا يىپ رەخت توقۇش كارخانىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، توپ- توپ خام رەخت قىلىپ پىششىقلانغاندىن كېيىن، گۈل بېسىش- بوياش كارخانىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ، گۈل بېسىش- بوياش باسقۇچىدىن ئۆتكەن رەختلەر كىيىم تىكىشنىڭ ئاساسىي شەرتىنى ھازىرلايدۇ. بۇ رەختلەرنىڭ بىر قىسمى سىرتقا توشۇلىدۇ، بىر قىسمى مارالبېشىنىڭ ئۆزىدە كىيىم- كېچەك، پايپاق قاتارلىق مەھسۇلاتلار قىلىپ پىششىقلىنىپ بازاردا سېتىلىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن، بىر غوزا پاختا مارالبېشىدا يىغىۋېلىش، چىگىتىنى ئايرىش، ئېگىرىش، رەخت توقۇش، گۈل بېسىش- بوياش، تەييار كىيىم بولۇپ تىكىلىپ چىقىشتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى جەريانىنى بېسىپ بولىدۇ.
نۆۋەتتە، مارالبېشى پاختىچىلىق كەسپىنىڭ پۈتۈن زەنجىرى تولۇق بولۇپ، ناھىيە بويىچە 35 پاختا زاۋۇتى، 14 ئېگىرىش كارخانىسى، تۆت رەخت توقۇش كارخانىسى، بىر گۈل بېسىش- بوياش كارخانىسى، بەش كىيىم- كېچەك ۋە پايپاق توقۇش كارخانىسى بار، بۇ كارخانىلار شۇ جاينىڭ پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولماقتا.
چىگىت شاكىلىمۇ ياخشى نەرسە
سىزچە پاختا قىممىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى شۇنىڭ بىلەنلا تاماملىنامدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. كىچىككىنە پاختا ياغ تارتىش ھالقىسىدا يەنە زور مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسىنى نامايان قىلىدۇ.
پاختىنىڭ چىگىتىنى ئايرىش ھۈنەر- سەنئىتىدىن كېيىن، چىگىت پاختىدىن ئايرىۋېلىنىدۇ. بۇ چىگىتلەر ياغ پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ خام ماتېرىيالى بولۇپ، پاختىنىڭ قىممىتىنى داۋاملىق بېيىتىدۇ.
شىنجاڭ يىنگۇتەي ياغ چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىنگۇتەي شىركىتى» دېيىلىدۇ)گە كىرگەندە، مەززىلىك ياغ پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلىدۇ. ماتېرىيال دۆۋىلەش رايونىغا چىگىتلەر لىق دۆۋىلەنگەن بولۇپ، بۇ چىگىتلەر شاكىلىنى چىقىرىش، ئالدىن سىقىش، چىلاپ چىقىرىش، چەككىلەش قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر- سەنئىتى ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا تەييار ياغ ئىشلەپچىقىرىلىپ يۇقىرى ئېقىندىكى كارخانىلارغا سېتىپ بېرىلىدۇ.
«كارخانىمىزنىڭ يىللىق پىششىقلاش ئىقتىدارى 170 مىڭ توننا، ھازىر تېخى پىششىقلاشنىڭ بېسىق مەزگىلى ئەمەس، 12- ئاي ھەمدە كېلەر يىلى 1- ئايدا تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىمىز.» يىنگۇتەي شىركىتىنىڭ دىرېكتورى شياۋ شىچېڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز بىر يىلدا 20 مىڭ توننىدىن ئارتۇق تەييار ياغ ئىشلەپچىقىرالايدۇ.
ياغ چىقىرىش رايونىدا، بىر يېمەكلىك ياغ باكى ئاپتوموبىلى قاچىلاش ئېغىزى ئاستىغا توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، ناھايىتى تېزلا 30 توننا تەييار ياغ قاچىلاندى، بۇ تەييار ياغ شىمالىي شىنجاڭدىكى مەلۇم يېمەكلىك ياغ پىششىقلاش زاۋۇتىغا توشۇلۇپ، بۇ خىلدىكى پىششىقلاش زاۋۇتىنىڭ خام ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.
تەييار ياغنى سىقىپ چىقىرىش بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ، چىگىتنى پىششىقلاش جەريانىدا، زور مىقداردا چىگىت تىرىپى ھاسىل بولىدۇ، «بىر يىلدا 60 مىڭ توننا چىگىت تىرىپى شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىغا سېتىلىپ، باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ مۇھىم يەم- خەشىكىگە ئايلىنىدۇ» دېدى شياۋ شىچېڭ.
بۇ، پاختىنىڭ قالدۇق قىممىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ھېسابلىنامدۇ؟ «دۆۋە- دۆۋە چىگىت شاكىلىغا قاراڭ، ئۇمۇ شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان مۇھىم مەھسۇلات.» شياۋ شىچېڭ مۇنداق دېدى: چىگىت شاكىلىنى ئايرىش ھۈنەر- سەنئىتى ئارقىلىق، زور مىقداردا چىگىت شاكىلى ھاسىل بولۇپ، بىر يىلدا 50 نەچچە مىڭ توننىغا يېتىدۇ، بۇ چىگىت شاكاللىرى شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى بازارلارغا سېتىلىپ، موگۇ ئۆستۈرۈشتىكى ئوزۇقلۇق ماتېرىيالىغا ھەمدە قوي- كالىلارنىڭ يەم- خەشىكىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.
كىچىككىنە بىر غوزا پاختا يىپقا ئايلىنىدۇ، كىيىم- كېچەك قىلىپ تىكىلىدۇ، ياغ تارتىلىدۇ... بۇ، مارالبېشىنىڭ كەسىپلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭ، ھەتتا مەملىكىتىمىزنىڭ يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئۈستىدىكى پايدىلىق ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)