مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 28- كۈنى دۆلەت قىممىتى يۇقىرى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى بىرلەشمە مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى تەشكىللەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى تۈرىدىكى خورىما ماتېرىياللار مەركەزلىك سېتىۋېلىنىدىكەن.
ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 10- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن باشلاپ سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى تۈرىدىكى ھەم ئەتراپ قان تومۇر تىرىكى تۈرىدىكى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان خورىما ماتېرىيال مەھسۇلاتلىرىنى بېكىتىش ھەم تەمىنلەش رايونلىرى جەدۋەل تولدۇرۇپ يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇۋېتىپتۇ. تىزىمغا ئېلىنىدىغان مەھسۇلات دائىرىسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:
1. سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تىزىمغا ئېلىش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى تۈرىدىكى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرى، يەنى بەدەنگە كۆچۈرۈلىدىغان جىسىم، ئاۋازنى بىر تەرەپ قىلغۇچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. ئەتراپ قان تومۇر تىرەك تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تىزىمغا ئېلىش گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن ئەتراپ قان تومۇر تىرىكى (كۆكرەك ئائورتىسى تىرىكى، قورساق ئائورتىسى تىرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) تۈرىدىكى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرى.
كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرلىرى ياڭ ياڭ، جېڭ يىجې)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)