مالىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى ئالىي مائارىپ باسقۇچى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى تەڭشىگەنلىكى توغرىسىدا سىرتقا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى.
بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە ھەم تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، دۆلەت رىغبەتلەندۈرۈش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ۋە ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۆلچىمى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلدى، تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ياردەم ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى؛ ھەم ئالىي مەكتەپلەردىكى دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە كۆپەيتىلدى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلدى، ئوقۇغۇچىلار ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ياردەم بېرىش سەۋىيەسىنى تەدرىجىي ئۆستۈردى. 2023- يىلى، مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى 160 مىليون ئوقۇغۇچى (قېتىم)غا ياردەم بېرىلدى، ياردەم سوممىسى جەمئىي 311 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولدى.
بۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى تەڭشەشتە تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئەلاچىلار مۇكاپاتلىنىپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلار توپىنى تېخىمۇ كۆپ قاپلاپ، ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسەتلىرىگە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.
مۇخبىر: شېن چېڭ، خۇ شۈ
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)