ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئېلاستىك ئىشقا چىقىش- ئىشتىن چۈشۈش، ئۆيدە ئىشلەش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىغا ئاساسلانغاندا، 10- ئاينىڭ 19- كۈنى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تۇغۇتسۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىرقانچە تەدبىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، تۆت جەھەتتىن بىر قاتار تۇغۇتقا مەدەت بېرىدىغان تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«بىر قانچە تەدبىر»دە مۇنۇلار ئايدىلاشتۇرۇلغان: ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كۈچەيتىلىدۇ. ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئايال ئەمگەكچىلەرنى، بولۇپمۇ تۇغۇپ قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئاياللارنى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەش كۈچەيتىلىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەر، بولۇپمۇ ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئايال ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئېلاستىك ئىشقا چىقىش- ئىشتىن چۈشۈش، ئۆيدە ئىشلەش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئائىلە سۆيەر تىپىدىكى خىزمەت مۇھىتى بەرپا قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. شارائىتى يار بېرىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئانىلار- بوۋاقلار ئەسلىھەلىرىنى سەپلىشىگە، پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە، قىشلىق، يازلىق تەتىلدە ۋە دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن بالىلارغا ھاۋالىلىك قاراش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بالا بېقىش بېسىمىنى يەڭگىللىتىشىگە پائال ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)