يازدا ھاۋا تەڭشىگۈچ بار مۇھىتتا ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندا، تېرىنىڭ سۇ تەركىبى ئاسانلا ئازىيىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ، ئالاھىدە سېزىمچان تېرە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ تېرە توسۇقى زىيانغا ئۇچرىغان بولغاچقا، ئاسانلا تېرىنىڭ مۈڭگۈز ماددىلىق قەۋىتىدە سۇ تەركىبى ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەسلىك، تېرىنىڭ قان ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈز قۇرغاقلىشىپ كېپەكلىشىپ كېتىش، قىزىل قان سىزىقچىلىرى پەيدا بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيگە بىر داس سۇ قويۇپ قويساق، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ (نەملىك دەرىجىسى ئادەتتە %40تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك). ئۇنىڭدىن باشقا، نەملىك ئاشۇرغۇچنى ئېچىپ قويساقمۇ بولىدۇ، يەنە ھەر كۈنى يېتەرلىك سۇ ئىچىپ بەرگەندە، تېرىنىڭ مېتابولىزم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.
ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيگە بىر داس سۇ قويۇپ قويۇڭ
16:34:18 2024-10-29
شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
مەسئۇل مۇھەررىر:
穆巴拉克·司马义