ئوغلۇم يەنە كومپيۇتېردا بىر نېمىلەرنى يېزىۋاتاتتى. مەن ئۆي ئىچىنى رەتلىگەچ، ئۇنىڭ نېمە مەزمۇنلارنى يېزىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلدىم، ئوغلۇم مەكتەپكە كىرىش ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى ئۈچۈن قارشى تەرەپكە رەھمەت ئېيتىۋاتقانمىدۇ؟
ئانا بولغۇچى پەرزەنتىنىڭ خېتىنى رۇخسەتسىز كۆرسە بولمايدۇ. بۇ قائىدىنى بالىلىرىمغا كىچىك ۋاقتىدىلا ئۆگەتكەنىدىم، لېكىن ھازىر ناھايىتى قىزىقىش ئىلكىدە ئۇ يېزىۋاتقان خەتنىڭ مەزمۇنىنى بىلگۈم كەلدى.
ئوغلۇم داشۆنى پۈتكۈزدى، ئۇ ئىنچىكە ئويلانغاندىن كېيىن داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇشنى تاللىدى، بۇ ئۇنىڭ قارارى بولغاچقا، دادىسى ئىككىمىز قارشى تۇرمىدۇق. بۇلتۇر كۈزدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىشلىرى ياخشى يۈرۈشتى.
ئۇ ھەمىشە بىر پارچە خەرىتىگە قاراپ تۇراتتى، ئۇ جۇغراپىيە ۋە كىلىماتنى تەتقىق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى، بەزىدە مەندىن ئىلگىرى ساياھەت قىلغاندا باشقا يۇرتلارنىڭ قايسى ئۆرپ- ئادەتلىرىنى كۆرگەنلىكىمنى سورايتتى.
يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان، پوچتا خەت ساندۇقىدا ئۇنىڭ خەت- چەكلىرى تۇيۇقسىز كۆپىيىپ قالدى، بۇ يىل كۈزدە، ئوغلۇمنىڭ ئۆزى يالغۇز باشقا جايغا بېرىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدىم.
مەن ئۆزۈمنى خېلى نەمۇنىلىك ئانا دەپ قارايمەن، لېكىن بەزىدە ئوڭۇشسىزلىق تۇيغۇسىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالىمەن. دەرس ئۆتۈش ۋە يېزىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن بەك كۆپ ۋاقتىمنى كىتابلار ئارىسىدا ئۆتكۈزدۈم. ئوغلۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلار بولسا كېرەك، ئۇنىڭدىن: «باشقىلارنىڭ ئانىسىدەك پۈتۈن كۈن ھالىڭدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىمدىن نارازى بولامسەن؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ مېنى تۇغقان ئانام پەقەت سىزلا تۇرسىڭىز!» دەپ جاۋاب بەردى، گەرچە ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى مۇنداقلا دەپ قويغان گەپتەك قىلسىمۇ، لېكىن مېنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگىلى بولاتتى.
ئوغلۇم تېخىمۇ ياخشى بىر ئانىنى تاللاشقا ئامالسىز ئىدى، شۇڭا مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئانا بولۇشۇم كېرەك ئىدى. لېكىن، بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش بەزىدە ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى.
قىزىم تولۇقسىز 3- يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا، مېنى بەكرەك پەرىشان قىلدى. ئاكىسىغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى، ئۇ كىچىكىدىنلا دوست تۇتۇشقا ئامراق ئىدى، تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، ھەر كۈنى نۇرغۇن قېتىم تېلېفوندا سۆزلىشەتتى، بۇ، قىزىمنىڭ دەرس تەكرارلاش، ھەتتا ئۇخلاش، ئارام ئېلىش ۋاقتىغىمۇ تەسىر يەتكۈزگەنىدى.
قىزىمغا ھەم ئىچىم ئاغرىدى، ھەم تىت- تىت بولدۇم، ئۇنىڭغا ۋاقتىنچە باشقىلار بىلەن زىيادە كۆپ ئالاقىلەشمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلدىم، لېكىن قىزىمغا بۇ گەپلىرىم پەقەتلا خۇشياقمىدى، ئاخىرىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر دوستلىرىڭىزغا ئۆزىڭىز ئېيتالمىسىڭىز، كېلەر قېتىم تېلېفون كەلگەندە مەن دەپ قوياي»، دېدىم.
تېلېفون كەينى- كەينىدىن سايرىدى، مەن مۇلايىملىق بىلەن تېلېفون ئۇرغان بالىغا نەسىھەت قىلىپ: «ئەگەر سىلەر قارشى تەرەپكە كۆڭۈل بۆلسەڭلار، بىر- بىرىڭلارغا ئىلھام بېرىشىڭلار كېرەك. بىر ئايدىن كېيىن، پاراڭلىشىدىغانغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىدۇ، توغرىمۇ؟» دېدىم. تەلەپپۇزۇم مۇلايىم، پوزىتسىيەم كەسكىن بولدى، مەن تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قىزىمغا بەرمىدىم.
قىزىم «مېنى ھۆرمەتلىمىدىڭىز»، دەپ مېنى ئەيىبلىدى. ئەتىسى قىزىمنىڭ مەن بىلەن ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش توغرىسىدا يازغان خېتىنى ئوقۇدۇم، خەتتە دوست تۇتۇشتىكى بىرمۇنچە داۋلى يېزىلغانىدى. ئاخىرىدا يەنە ئوقۇشنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغانىدى.
خەتنى ئوقۇپ تولىمۇ گاڭگىرىدىم، بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى دەماللىققا بىلەلمەي قالدىم.
مەن ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا تۇرغان بارلىق بالىدا زور روھىي بېسىم بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، لېكىن، مېنىڭمۇ قىزىمغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا ئۆز مەۋقەيىم بار ئىدى، مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش توغرىسىدىكى خەتنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىم ئۈچۈنلا خاتالىقىمنى تونۇپ كەچۈرۈم سورىسام بولمايدۇ- دە. مەن بۇ ئىشنىڭ ئۆزلۈكىدىن ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلدىم.
قىزىم مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە چىرايىدىن كۆڭلىنىڭ ئىنتايىن يېرىملىقى بىلىنىپ تۇراتتى، لېكىن ئۇنىڭغا تېلېفوننىڭ بۇرۇنقىدەك كۆپ كەلمەيدىغان بولۇپ قالغىنىغىمۇ دىققەت قىلدىم. قىزىمنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكى گەرچە ھىم ئېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يېرىم كېچىدە ئىشىك يوچۇقىدىن چىراغ نۇرىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۇ يەنىلا مەن بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىشنى خالىمايدىغاندەك قىلاتتى. بۇ ھالەت ئون نەچچە كۈن داۋاملاشقاندىن كېيىن، قىزىم ئاۋۋال دادىسى ۋە ئاكىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى، بۇنىڭدىن ھەم خۇشال بولدۇم، ھەم ھەسەت قىلدىم. مەن نورمال ھالەتتە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم، ئۇمۇ ماڭا سوغۇق مۇئامىلە قىلمىدى. لېكىن، ئارىمىزدا يەنىلا سەل ئوڭايسىزلىنىش ئالامىتى بار ئىدى. نېمىلا بولسۇن، قىزىمنىڭ يەنە مېنى قوبۇل قىلغانلىقىدىن ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم.
ئاتا- ئانا بىلەن بالىلار ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئىدى.
بۇ ئىش ئۆتۈپ خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن، بىر كۈنى كەچتە قىزىم بىلەن بازارغا نەرسە- كېرەك سېتىۋالغىلى باردۇق، ئۇ قولۇمدىكى نەرسە- كېرەك خالتىسىنى تالىشىپ ئېلىۋالدى، بۇ، مېنى بىردىنلا مۇددەتتىن بۇرۇن قېرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويدى. قىزىمنى بىر كىچىك چايخانىغا كىرىپ چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدىم. قىزىم توختىماي سۆزلەۋاتاتتى، ياتاقلىق مەكتەپ ئۇنى كوللېكتىپ تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەن ئىجابىي ۋە سەلبىي تەجرىبىلەرگە ئىگە قىلغانىدى: «ئانا، كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا ماڭا قانداق ئولتۇرۇش، قانداق مېڭىش- تۇرۇشنى ئۆگەتكەنلىكىڭىزگە رەھمەت، ئۇنداق بولمىغان بولسا، ھازىر باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالاركەنمەن»، «ئانا، سىزگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم. بەزىدە مېنىڭمۇ بىر قىزىم بولغان بولسا، راستتىنلا قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالاركەنمەن، دېگەنلەرنى ئويلايمەن»، دېدى قىزىم ئۆيگە قايتىش يولىدا بوش ئاۋازدا. «ئۇ چاغدا سىزنىڭمۇ قىزىڭىزغا كۆيۈنۈش، تەربىيەلەشكە ئائىت بىر يۈرۈش تەدبىرىڭىز بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ گەپ ئاڭلايدىغان قىزىڭىزنىڭ بولۇشىنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن!» دېدىم ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى سىيلىغىنىمچە، گېپىم تۈگىشى بىلەن، ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.