10- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى گەنگوۋ يېزىسى دۇڭفېڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى سۇ يوۋفۇ 21 كىلوگىرام كالا گۆشى ۋە بىر قوينىڭ گۆشىنى شۇنفېڭ تېز يوللانمىسى دۇڭفېڭ كەنتى پونكىتى «تېز يوللانمىلارنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش» ھەمكارلىق نۇقتىسىدىن خېرىدارغا سېلىپ بەردى.
بۇ، شۇ كۈنى شۇنفېڭ تېز يوللانمىسى دۇڭفېڭ كەنتى پونكىتى «تېز يوللانمىلارنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش» ھەمكارلىق نۇقتىسىدا ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت باشلانغاندىن كېيىن بېجىرىلگەن تۇنجى تېز يوللانما. سۇ يوۋفۇ مۇنداق دېدى: «بىز سالغان كالا- قوي گۆشى تەخمىنەن 48 سائەتتە خېرىدارنىڭ قولىغا تېگىدىكەن».
چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق دۇڭفېڭ كەنتى ئاساسلىق تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان كەسىپلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك باج ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن- تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ دۇڭفېڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك تەمىنات- سودا كوپىراتىپى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنتتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنات- سودا كوپىراتىپىنىڭ ۋېيشىندا سېتىش سۇپىسىغا كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغان ھەمدە تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، 200دىن ئارتۇق كىشىنى تەشكىللەپ، «دۇڭفېڭ كەنتى دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش» ۋېيشىن توپى قۇرۇپ، ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم سېتىشنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، ھەر ھەپتىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، بەلگىلەنگەن جايغا يەتكۈزۈپ بەرگەن.
ھازىر خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى ۋە ئالاقىلىشىشى بىلەن سۇ يوۋفۇ ئائىلىسىنىڭ كالا- قوي گۆشى ئوڭۇشلۇق ھالدا چۇڭچىڭغا سېلىندى.
سۇ يوۋفۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قوي- كالا گۆشلىرىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىن چىقىرىلىشى. ھەمكارلىق نۇقتىسىدا مال سالساق تېز ھەم قولايلىق بولىدىكەن. ۋاقىتنى تېجىيەلەيدىكەنمىز ھەم خاتىرجەم بولىدىكەنمىز، ئۆيدە باققان قوي- كالىلارنى تېز سېتىپ چىقىرالايدىغان بولدۇق».
گەنگوۋ يېزىسىدىكى تۇنجى شۇنفېڭ بىۋاسىتە تىجارەت قىلىدىغان كەنت دەرىجىلىك تىجارەت نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇنفېڭ تېز يوللانمىسى دۇڭفېڭ كەنتى پونكىتى «تېز يوللانمىلارنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش» ھەمكارلىق نۇقتىسىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت باشلىشى پەقەت دۇڭفېڭ كەنتىگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.
دۇڭفېڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يەن شياڭ مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىق نۇقتىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئەۋەتىش- يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن يېزىدىكى ھەرقايسى كەنت (مەھەللە)لەردىكى دېھقان- چارۋىچىلارغا قولايلىق يارىتىپ، پۈتۈن يېزىدىكى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تاغ ئىچىدىن سىرتقا چىقىرىپ سېتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ».
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې خەۋىرى)