نەنسەننىڭ باشپىيىزى ئالاھىدە كىلىماتتا ئۆستۈرۈلگەن ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى
16:43:28 2024-10-29 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 شىنجاڭلىقلار باشپىيازنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە تېرىلغان باشپىياز يېقىندا ئالاھىدە كىلىماتتا ئۆستۈرۈلگەن ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى.

 مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىلىمات سۈپەت ئېتىراپنامىسى باھالىشىدىن ئۆتكەن بۇ باشپىيازنى ئۈرۈمچى ناھىيەسى شىنبويۈەن تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۆستۈرگەن.

 تولى يېزىسىنىڭ ئۇلانباي كەنتىگە جايلاشقان ئۈرۈمچى ناھىيەسى شىنبويۈەن تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ يىل 3200 مو يەرگە باشپىياز تېرىغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ يەردە ئۆستۈرۈلگەن باشپىيازدىكى سېلېن مىقدارىنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان دانلىق زىرائەت، كۆكتاتلارنىڭكىدىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

 ئىگىلىنىشىچە، كىلىمات يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. ئالاھىدە كىلىماتتا ئۆستۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئېتىراپنامىسى تېمپېراتۇرا، كۈن نۇرى، نەملىك، ھۆل- يېغىن قاتارلىق ئاچقۇچلۇق كىلىمات سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئالاھىدە كىلىماتتا ئۆستۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى باھالاش مودېلىنى تۇرغۇزۇپ، كىلىمات نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنىڭ ياخشى- ناچارلىقىنى باھالاشنى كۆرسىتىدىكەن.

 بۇ يىل ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ باشپىياز تېرىلغۇ كۆلىمى پۈتۈن شىنجاڭدىكى باشپىياز تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %20ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە تولى يېزىسى ئۇلانباي كەنتىدىكى باشپىياز تېرىلغۇ كۆلىمى 7400 مو بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى باشپىياز ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %75تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، بىر قىسىم باشپىياز كورېيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلدى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125