ئۈرۈمچىدە «ھايۋانات 1- دوختۇرخانىسى» بار بولدى
16:43:26 2024-10-29 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

ھايۋانات 1- دوختۇرخانىسىدا مال دوختۇرى ئەرمەك ئىتنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جياڭ بىنۋېي خەۋىرى، فوتوسى)

 10- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىلمىي تەتقىقات، مائارىپ ئوقۇتۇشى، پەن- تېخنىكىنى قوللىنىشنى ئايلاندۇرۇش، ھايۋانات كېسەللىكلىرىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش بىر گەۋدە قىلىنغان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات تېببىي شۆيۈەنى ھايۋانات كىلىنىكا مېدىتسىناسى مەركىزى ھەم ھايۋانات 1- دوختۇرخانىسىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلىپ، شىنجاڭ ھايۋانات دوختۇرخانىسىنىڭ ئاساسىي پەن تەتقىقاتىدىكى يېڭى ئۈلگىگە ئايلاندى.

 قۇرۇلۇش كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ دوختۇرخانىغا كىرگىنىمىزدە ئىچى پاكىز، يورۇق بولۇپ، ئىلگىرىكى مال دوختۇرلىرى «تىڭشىغۇچقا تايىنىپلا دىياگنوز قويىدىغان» ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلگەنىدى، ھايۋانلارغا ئىشلىتىلىدىغان 32 رەت 64 قەۋەتلىك CT، رەڭلىك B چاۋ، DR، بىيوخىمىيەلىك ئەسۋاب، قان شارچىسى ئەسۋابى، قان تازىلاش ئەسۋابى، يۇقىرى بېسىملىق ئوكسىگېن بۆلمىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەنىدى. ئۇنىڭ قارىمىقىدا ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمى، كېسەلخانا بۆلۈمى، تەكشۈرۈش مەركىزى، تەسۋىرىي سۈرەت ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش، ئوپېراتسىيە مەركىزى قاتارلىق بۆلۈملەر تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە سەپلىمىسى ئەڭ يۇقىرى، ئۈسكۈنىلىرى ئەڭ تولۇق زامانىۋىلاشقان، ئۆلچەملىك ھايۋانات دوختۇرخانىسى ھېسابلىنىدۇ.

 سايباغ رايونى يېزا ئىگىلىك داشۆسى شەرقىي يولىغا جايلاشقان بۇ دوختۇرخانا ئەسلىدە «1- ئاۋغۇست» يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ مال دوختۇرخانىسى بولۇپ، 1952- يىلى قۇرۇلغان، مال دوختۇرلۇق كەسپى مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان تۆت تولۇق كۇرس كەسپىنىڭ بىرى، ھازىر مال دوختۇرلۇق پەنلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق پەنلىرى بولۇپ قالدى. دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ئەترىتى ھايۋانات دوختۇرخانىسىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ھازىر بۇ دوختۇرخانىدا مەخسۇس ۋەزىپىلىك مال دوختۇرىدىن 12سى، نۆۋەتلىشىپ دىياگنوز قويىدىغان نۆۋەتچى پىروفېسسور، دوتسېنتتىن 20 نەچچىسى بار.

 جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى تەدرىجىي بېيىدى، ئەرمەك ھايۋانلار ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، داۋالاش، ساغلاملىق ۋە ئەتراپ مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالى بۈگۈنكى كۈندە ئاممىۋى ئىستېمال بازىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرمەك ھايۋانلارنى داۋالاش كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، لېكىن ئەرمەك ھايۋانلارنى داۋالاش كەسپىدە يۇقىرى ساپالىق ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. شۇڭا بۇ دوختۇرخانا ئەرمەك ھايۋانلارنى دائىملىق دىياگنوز قويۇپ داۋالاش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندىن سىرت، يەنە يۇقىرى دەرىجىلىك مال دوختۇرلۇق دىياگنوز قويۇپ داۋالاش تېخنىكلىرىنى يېتىشتۈرۈشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.

 شۇ كۈنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى 14 تەتقىقات (تېخنىكا) مەركىزى (ئورنى) ۋە بەش يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاپپارات (بازا) ئۈچۈن ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، زامانىۋى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە رايون ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، مەۋقەنى يېڭى سانائەت پەنلىرى، يېڭى يېزا ئىگىلىك پەنلىرى، يېڭى ئىجتىمائىي پەن قۇرۇلۇشىغا قويۇپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125