«ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىشلار» «قەلبنى ئىللىتىدىغان ئەمەلىي ئىشلار»غا ئايلاندۇرۇلدى
17:58:37 2024-10-29 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

ئاھالىلەر يېڭىدىن ئورنىتىلغان چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىدە چېنىقماقتا.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى چۇەنجى خەۋىرى، فوتوسى)

 ئۈرۈمچى تۇڭشىن يولى شەرقىي مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جاڭ يوۋجى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى تۇڭشىنيۈەن كىچىك شادلىق باغچىسىدا سەيلە قىلغاندىن كېيىن، يېقىن ئەتراپتىكى خەلققە قولايلىق ئارام ئېلىش ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىپ، ئاپتاپقا قاقلىنىپ، ناھايىتى راھەت ھېس قىلدى.

 جاڭ يوۋجى مۇنداق دېدى: «بۇ خەلققە قولايلىق ئارام ئېلىش ئورۇندۇقلىرىنى داۋانچىڭ رايونى ئۇلانباي كوچا باشقارمىسى تۇڭشىن يولى شەرقىي مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئورنىتىپ بەرگەن. بىز تۇڭشىنيۈەن كىچىك شادلىق باغچىسى قاتارلىق جايلاردا ئارام ئېلىشنى، پائالىيەت قىلىشنى ياخشى كۆرىمىز، خەلققە قولايلىق ئورۇندۇقلار بىزگە بەكمۇ ياقتى».

 تۇڭشىن يولى شەرقىي مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتى باشتىن- ئاخىر خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى نىشانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختكە چۆمدۈردى. تۇڭشىن يولى شەرقىي مەھەللىسىدە ياشانغانلار بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا بەزىلەرنىڭ كونا سافا، كونا ئورۇندۇقنى بىنا ئالدىغا قويۇپ ئارام ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدى، بۇ بەزى بىر قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ھەم ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بەلگىلىك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىمۇ بار ئىدى.

 مەھەللە پارتىيە كومىتېتى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر ئاي ئىچىدە مەھەللىگە خەلققە قولايلىق ئارام ئالىدىغان ئورۇندۇقتىن 30نى، شاھمات ئۈستەل- ئورۇندۇقىدىن ئىككى يۈرۈشنى ئورنىتىپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئاھالىلەرنى ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى بىلەن تەمىنلىدى.

 كىچىك شادلىق باغچىسىدا پائالىيەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان تاڭ سۇمېي مۇنداق دېدى: «ئولتۇرۇپ ئارام ئالىدىغان جاي بار بولدى، يەنە يېڭىدىن يول چىرىغى ئورنىتىلدى، قاراڭغۇ چۈشكەندە تېخىمۇ خاتىرجەم ماڭالايدىغان ھەم سەيلە قىلالايدىغان بولدۇق. مەھەللە كادىرلىرى ئەھۋال ئىگىلىگىلى كەلگەندە بۇ باغچىدىكى يول چىراغلىرىنىڭ كەچتە غۇۋا يانىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغانىدۇق، ئويلىمىغان يەردىن چىراغلار ناھايىتى تېزلا ئالماشتۇرۇلۇپتۇ، بۇنىڭدىن قەلبىمىز ئىللىدى».

 ئاھالە ۋەن باۋلەن مۇنداق دېدى: «مەھەللىدە يەنە چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى كۆپەيدى، ھازىر يىراقتىكى باغچىغا بېرىپ چېنىقىشنىڭ ھاجىتى يوق، بىنادىن چۈشسەكلا چېنىقالايمىز» .

 بۇ چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى داۋانچىڭ رايونلۇق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)، ئۇلانباي كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا ئىلتىماس قىلىنىپ ئورنىتىلغان بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت- تەنتەربىيە تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ تەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

 بىنا ئىچىدىكى پەلەمپەيلەرگە تۇتقۇچ ئورنىتىلدى. تۇڭشىنيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى بىر قىسىم كارىدورلار تار، پەلەمپەي تىك، ئىككى تەرىپىدە بىخەتەرلىك توسالغۇ ئەسلىھەسى يوق بولغاچقا، نۇرغۇن ياشانغان كىشى سىرتقا چىققاندا ناھايىتى ئېھتىيات قىلاتتى.

 داۋانچىڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئۇلانباي كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش مەخسۇس خىراجەت تەقسىماتى ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلارغا ئىشلىتىلدى، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى مەخسۇس خىراجەت تەقسىماتى ئارقىلىق تۇڭشىنيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى 35 بىناغا 102 تۇتقۇچ ئورنىتىلىپ، ياشانغانلارنىڭ بىناغا چىقىپ- چۈشۈشىگە قولايلىق يارىتىلدى.

 تۇڭشىن يولى شەرقىي مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جياڭ سۇيچىن مۇنداق دېدى: بىز سىجىل كۈچەپ، «ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار» بىلەن «مۇھىم ئىشلار»نىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى توغرا ئىگىلەپ، «كىچىك ئىشلار ئارقىلىق چوڭ تەسىراتقا تۈرتكە بولۇش»، «كىچىك تەپسىلات ئارقىلىق چوڭقۇر ھېسسىياتقا تۈرتكە بولۇش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى ھەقىقىي تۈردە يېقىشلىق بېجىرىپ، ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125