ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىغا ئاساسلانغاندا، 10- ئاينىڭ 19- كۈنى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تۇغۇتقا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، تۇغۇتسۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىر قانچە تەدبىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، تۇغۇتقا مەدەت بېرىدىغان يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرنى تۆت جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويغان.
«بىر قانچە تەدبىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئومۇمىي مەنپەئەتدار ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى تەمىناتى ئاشۇرۇلىدۇ. ھەرقايسى جايلار مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تۈر قەرزى قاتارلىق يوللاردىكى مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھاۋالىلىك بېقىش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت مەركىزى ۋە ھۆكۈمەت ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى تورى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت قۇرغان ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ھۆكۈمەت قۇرغان ھاۋالىلىك بېقىش ئورنىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھاۋالىلىك بېقىش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئالدىن ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت قۇرىدىغان، پۇقراۋى تىجارەت قىلىدىغان ئەندىزىنى پائال يولغا قويۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، كۆپ مەنبەلىك، ئەلا سۈپەتلىك ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە قاتنىشىشىنى قوللاش كېرەك. ھەرقايسى جايلار دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ كۆلىمى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرى بىلەن يېڭىدىن قۇرۇلغان تۇرالغۇ رايونىنى ماس قەدەمدە پىلانلاش، ماس قەدەمدە قۇرۇش، ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ماس قەدەمدە تاپشۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەرنى يېڭىلاش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلىشى كېرەك. مەھەللىنىڭ تۈرلۈك بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاھالىلەرگە يېقىن تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەق ئېلىنىدىغان ئۆي، ئورۇن بىلەن تەمىنلەپ، مەھەللىدە سىڭىشمە ھاۋالىلىك بېقىشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ يەسلى ئېچىش، ئائىلىۋى ھاۋالىلىك بېقىش نۇقتىسى قۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئەندىزىلىك تەرەققىياتىنى پائال قوللاش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نوپۇس قۇرۇلمىسى ۋە ھاۋالىلىك بېقىشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى قاتارلىق ئامىللارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئويلىشىپ، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ھاۋالىلىك بېقىش بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەتنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى بىلەن دەل جايىدا تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.
ئومۇمىي مەنپەئەتدار ھاۋالىلىك بېقىشقا مەدەت بېرىش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. مەركەز مالىيەسىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى يولغا قويۇلىدۇ. ئومۇمىي مەنپەئەتدار ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى باھا سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرىغا مۇۋاپىق تىجارەت ياردەم پۇلى بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. ھەرقايسى جايلار ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىدە باجدا ئېتىبار بېرىش، ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرى سۇ، توك، گاز، پار ئىشلىتىشتە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش تۈرىدىكى باھا بويىچە ئىجرا قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھاۋالىلىك بېقىش ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش پىلانى تۈزۈلىدۇ. ھاۋالىلىك بېقىش ساھەسىدە كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاساسىي قاتلام داۋالاش- ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ساغلاملىق باشقۇرۇش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، خادىملارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىشى كېرەك. ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش، خادىملارنىڭ سالاھىيىتى، سەھىيە- ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە دائىملىق ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكى ساقلىنىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)