شىنجاڭدىن تۆمۈريول ئارقىلىق سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر 70 مىليون توننىدىن ئاشتى
18:27:22 2024-10-29 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.7 ئېشىپ، توشۇش مىقدارى، ئېشىش نىسبىتىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

 10- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە شىنجاڭدىن تۆمۈريول ئارقىلىق سىرتقا توشۇلغان كۆمۈر 70 مىليون 53 مىڭ 800 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.7 ئاشتى، توشۇش مىقدارى، ئېشىش نىسبىتىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى، رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

 شۇ كۈنى سائەت 17:50تە 3500 توننا كۆمۈر قاچىلانغان بىر يۈك پويىزى ئۈرۈمچى- جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىدىكى شەرقىي جۇڭغار ۋوگزالىدىن قوزغىلىپ، نىڭشيا چىڭتۇڭشيا ۋوگزالىغا قاراپ ماڭدى، بۇ كۆمۈر شۇ جايدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا يەتكۈزۈلۈپ، شۇ جاينىڭ قىشلىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

 جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنى پىلان ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ لۇ مۇنداق دېدى: «يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى يولغا قويۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش كۈچى سېلىنمىسى سىجىل ئاشۇرۇلدى. 10- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ گولمۇد- كورلا تۆمۈريول لىنىيەسىدە پويىز خادىمىدىن 63ى، ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېللىق پاراۋۇزدىن 18ى كۆپەيتىپ سەپلەندى، ئالدىنقى مەزگىلدە 13 جۈپ يۈك پويىزى قاتنىغان ئاساستا، شىنجاڭدىن چىقىدىغان يۈك پويىزىدىن يەنە يەتتە جۈپ كۆپەيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئاشۇرۇلدى».

 بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ كۆمۈر بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، پائال تۈردە مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلدى، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئېھتىياجى سىجىل، تېز ئاشۇرۇلدى.

 شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى تىرانسپورتنى تەشكىللەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يۈك تىرانسپورت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى موللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن كۈچ قوشتى. ئادەتتىكى سۈرئەتلىك پويىزلارنىڭ لەنجوۋ- شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش سانى كۆپەيتىلىپ، ئۈرۈمچى تۈگۈن رايونىدا يولۇچى ۋە يۈك پويىزىنىڭ ئوخشاش سۈرئەتتە يۈرۈشۈشى ئالغا سىلجىتىلدى؛ ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى، كورلا ۋوگزالى، قومۇل شەرقىي ۋوگزالىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان پويىزلارنىڭ قاتناش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60تىن ئارتۇق پويىز بىۋاسىتە قاتنىدى؛ گولمۇد- كورلا تۆمۈريولى (شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 28 ئۇچرىشىش- يول بېرىش ۋوگزالىنىڭ مۇددەتتىن 50 كۈن بۇرۇن قاتناش باشلىغانلىق پۇرسىتى چىڭ تۇتۇلۇپ، يۈك پويىزى ۋاقتىدا كۆپەيتىلىپ، قاتنىتىشقا بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر قاتنىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىڭ- قورغاس، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ- قەشقەر بۆلىكىدىكى يۈك پويىزىنىڭ سائەتلىك يۈرۈش سۈرئىتىنىڭ 90 كىلومېتىرغا ئاشۇرۇلغاندىن ئىبارەت يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىقتىدارىدىن ياخشى پايدىلىنىلدى؛ جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئاقسۇ- قەشقەر بۆلىكى، ئۈرۈمچى- جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى قاتارلىق تىرانسپورت بېسىق بۆلەكلەردە 10 مىڭ توننىلىق پويىز كۆپەيتىلىپ، قاتنايدىغان پويىز جۈپ سانى ئايرىم- ئايرىم %12، %16 ئاشۇرۇلدى؛ يولۇچىلار پويىزى شەكلىدىكى كۆمۈر ئايلانما پويىزى كۆپەيتىلىپ، بىر كۈندە قاتنايدىغان پويىز 27 جۈپتىن 36 جۈپكە كۆپەيتىلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ پاسىل ئېغىزلىرىدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 120 جۈپ پويىز ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغان- ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 18.5 جۈپ كۆپەيتىلدى.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، «باش ئىشتاب»لار ئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئەشيا ئوبوروتى ئومۇمىي ھۆددىگەرلىك كەسپى كېڭەيتىلىپ، تۆمۈريول، كۆمۈر، ئېلېكتىر كەسپى ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىندى.

 تۇرپان يۈتيەن مەخسۇس لىنىيەسى، قومۇل بوغاز كۆمۈر كېنى تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى قاتارلىق بىر تۈركۈم تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى ياكى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى چىڭ تۇتۇلۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» راۋانلاشتۇرۇلدى.

 10- ئاينىڭ 24- كۈنىگىچە شىنجاڭدىكى تۆمۈريوللارنىڭ بۇ يىللىق يۈك توشۇش مىقدارى 189 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە 121 مىليون توننا كۆمۈر توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.6 ئاشتى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈەنيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ چى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125