غۇلجا شەرقىي ۋوگزالى بىلەن چېڭدۇ ئىدارىسىنىڭ پۇشىڭ ۋوگزالى ئارىسىدا قاتنىتىش پىلانلاندى
10- ئاينىڭ 26- كۈنى، 3225 توننا كۆممىقوناق قاچىلانغان يۈك تىرانسپورت پويىزى غۇلجا شەرقىي ۋوگزالىدىن چېڭدۇ ئىدارىسىنىڭ پۇشىڭ ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ پويىز تۆمۈريول تارمىقىنىڭ شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن ھۆددىگە ئېلىش تۈرى بويىچە يولغا قويغان ئاشلىق توشۇش مەخسۇس پويىزى بولۇپ، رايون ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.
ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى مەخسۇس پويىزنى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو تۆمۈريول تېز يەتكۈزۈش تىرانسپورتى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى، جۇڭگو ئاشلىق سودىسى (شىئەن) چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەشكىللەپ قاتناتقان بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتىدا بىر پۈتۈن ھۆددىگە ئېلىش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، «ۋوگزالدىن ۋوگزالغا» توشۇش «ئىشىك ئالدىدىن ئىشىك ئالدىغىچە» توشۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت زەنجىرى يەنىمۇ ئۇزارتىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىلگەن.
جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى «95306» يۈك تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئالىي ماركېتىڭ دىرېكتورى لى زىۋېي مۇنداق دېدى: بۇ، تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشتىكى يېڭى تەدبىر. پۈتۈن پويىزدا جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھىنىڭ پارچە ئاشلىقىنى ۋاگون بىلەن توشۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا خوراش ئاز، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولىدۇ. نۆۋەتتە غۇلجا شەرقىي ۋوگزالىدىن چېڭدۇ ئىدارىسىنىڭ پۇشىڭ ۋوگزالىغىچە بولغان ئارىلىقتا قاتنىتىپ، تۆۋەن ئېقىن كارخانىلىرىنى پۈتۈن مۇساپىلىك ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىدۇق.
يېقىنقى مەزگىلدە شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، يۈك تىرانسپورتىنى تەشكىللەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يۈك تىرانسپورت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى بېيىتىپ، ئاشلىق تىرانسپورتىدا تېز توشۇلىدىغان يول بەرپا قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ تۆمۈريولىدا شىنجاڭدىن سىرتقا توشۇلغان ئاشلىق 3 مىليون 498 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئاشلىق تىرانسپورتىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
كۈچلۈك تىرانسپورت ئېھتىياجى ئالدىدا شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىش ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىدىغان قۇرۇق پويىزلارنىڭ سانىنى كۆپەيتتى، شىنجاڭغا كىرىپ يۈك چۈشۈرىدىغان پويىزلاردىن ياخشى پايدىلاندى. كارخانىلارنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ۋاگون بايلىقىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھىنى شەرقىي شىمال رايونىدىن پارچە ئاشلىق توشۇيدىغان ۋاگوندىن 100نى غۇلجىغا يۆتكەپ تەكرار ئىشلىتىشكە تەشكىللەپ، توشۇش كۈچى قىس بولۇش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللەتتى.
شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى ئۈستى يېپىق ۋاگون مەنبەسىنى چوڭقۇر قېزىش بىلەن بىللە، ئاشلىقنى يۈك ساندۇقىغا قاچىلاش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنى يۈك ساندۇقى ئارقىلىق ئاشلىق توشۇشقا يېتەكلەپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىشلەتكىلى بولىدىغان يۈك ساندۇق مەنبەسىنى كۆپەيتتى. چۆچەك، دۆربىلجىن، غۇلجا قاتارلىق ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلاردا تۆمۈريول بىلەن ئاشلىق تىجارىتى كارخانىلىرى ئىتتىپاقى سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس لىنىيە، ئاشلىق يىغىپ ساقلاش كارخانىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، پارچە ئاشلىق قاچىلاپ توشۇش ئۈسكۈنىسىدىن 33نى ئورنىتىپ، پارچە ئاشلىقنى يۈك ساندۇقىغا قاچىلاش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
شىنجاڭ تۆمۈريول تارمىقى توشۇش كۈچىنى دەل جايىدا ئاجرىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتەك تىرانسپورت ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى يۈك تىرانسپورت مەيدان- ۋوگزاللىرىنىڭ قاچىلاش ئىقتىدارىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈندىلىك قاچىلاش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىخەنزە، كۈيتۈن، چۆچەك، دۆربىلجىن، غۇلجا قاتارلىق رايونلارنىڭ ئاشلىق توشۇش ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، پويىز، ۋاگون ۋە لىنىيە ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېز قاچىلاش، تېز توشۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۈەنيۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ چى خەۋىرى)