ئىلگىرىكى مەينەت، قالايمىقان جايلارنىڭ مەنزىرىسى گۈزەللەشتى. ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونى جىنخې مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق شۈ يەنپىڭ مەھەللىنىڭ مۇھىتىدىن ناھايىتى رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى مەھەللىمىزنىڭ بەزى جايلىرىغا ئەخلەت دۆۋىلىنىپ، ئادەمنى بىزار قىلاتتى. بۇ بىرنەچچە كۈنلۈك تازىلاش، رەتلەشتىن كېيىن مەھەللىمىزنىڭ مۇھىتى ياخشىلاندى، بۇ يەردە سەيلە قىلغىنىمىزدا كەيپىياتىمىزمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالدى».
ئۈرۈمچى شەھىرى ئالتە تۈرلۈك تەدبىرنى سىجىل يولغا قويۇپ، خەلق ئۈچۈن گۈزەللەشتۈرۈپ شەھەرنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، خەلق ئۈچۈن سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ مەنبەدىن تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، «كەشتە تىكىش» ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، «ئالىقانچىلىك يەر»نىمۇ بوش تاشلىۋەتمەي گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى، ھەربىر شەھەر ئاھالىسىگە «سۈرەتتەك گۈزەل شەھەر»دە ياشاشنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتنىڭ كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ خەلقنى كۆزدە تۇتۇپ خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ھېس قىلدۇردى.
10- ئاينىڭ 27- كۈنى ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا شۈ يەنپىڭ ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئاپتاپقا قاقلانغاچ، قوشنىسى لى جېڭشياڭ بىلەن پاراڭلاشتى.
شۈ يەنپىڭ مۇنداق دېدى: «دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، بۇ بىرنەچچە كۈندە ئولتۇراق رايوننىڭ ئىچى- سىرتىدا ئۆزگىرىش بەك چوڭ بولدى».
«شۇنداق، بۇرۇنقىغا قارىغاندا پاكىز، رەتلىك بولۇپ كەتتى، ئالدىنقى كۈنى مەن كېرەكسىز نەرسىلەرنى تازىلاشقا قاتنىشىپ مەھەللىنىڭ بۇلۇڭىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان ئەخلەتنى يىغىشتۇردۇم، مەھەللىنىڭ قىياپىتى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتتى». لى جېڭشياڭ شۇنداق دېگەچ يان تېلېفونىنى چىقىرىپ شۈ يەنپىڭغا شۇ كۈن تارتقان سۈرەتلەرنى كۆرسەتتى.
شۈ يەنپىڭ مۇنداق دېدى: «مەنمۇ قاتنىشىمەن، مەھەللە ئۆزىمىزنىڭ ماكانى، مېنىڭمۇ بىر كىشىلىك كۈچ چىقارغۇم بار».
ئىككىيلەننىڭ پاراڭلىرى ناھايىتى تېزلا ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كۆپچىلىك ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا بەس- بەستە پاراڭلاشتى.
جىنخې مەھەللىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، پىدائىيلار، ئاھالىلەرنىڭ بەس- بەستە ھەرىكەتكە كېلىپ، كوچا- يول، مەھەللىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەر ۋە ئەخلەتنى تازىلاپ، مەھەللىنىڭ مۇھىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.
ئاھالە شاڭ يەننىڭ ئۆيى تار كوچىنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئىلگىرى كوچىنىڭ بۇلۇڭىغا كونا سافا، قەغەز قاپ ۋە بىر قىسىم قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى دۆۋىلەپ قويۇلغان بولۇپ، مەھەللىنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە سېسىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى. ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، بۇ يەر پاكىز تازىلىۋېتىلدى، شاڭ يەن مۇنداق دېدى: «پاكىز بولۇپ كەتتى، كەيپىياتىمىزمۇ كۆتۈرۈلۈپ قالدى».
«بۇنداق پاكىز مەھەللىنى بىز بىرلىكتە قوغدىشىمىز كېرەك»، ئاھالىلەر يەنە بىللە بۇلۇڭ- پۇچقاقلارنى تازىلاشنى پىلانلىدى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، تىيانشان رايونىدىكى 400دىن ئارتۇق ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىنىڭ رېشاتكىلىرى تازىلىنىپ يېڭىدىن سىرلاندى.
ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جاۋ شيۇلەن تىيانشان رايونى يەنئەن يولىدىن ئۆتكەندە، يول بويىدىكى رېمونت قىلىنغان ۋە ئاق رەڭدە يېڭىدىن سىرلانغان رېشاتكىنىڭ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرغانلىقىنى، شەھەرگە يېڭى تۈس قوشقانلىقىنى كۆردى.
جاۋ شيۇلەن مۇنداق دېدى: «رېشاتكىلار سىرلانغاندىن كېيىن تېخىمۇ پاكىز كۆرۈنۈپلا قالماي، يەنە شەھەرنىڭ ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇنداق ئۆزگىرىشلەر شەھەر باشقۇرۇشنىڭ ئىنچىكىلەشكەنلىكى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىگە بولغان غەمخورلۇقنى نامايان قىلدى».
10- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن، شىمىگۇ رايونى گۇەنيۈەن يولى نېيسېنجۇاڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق لۈ چېنشى ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغى يېنىدىكى پىيادىلەر يولىدا بەدەن چېنىقتۇردى.
لۈ چېنشى مۇنداق دېدى: «شامال چىقىپ قالسا ھەممە يەر غازاڭ ۋە سۇنۇپ چۈشكەن قۇرۇق شاخ- شۇمبا بولۇپ كېتەتتى، ھازىر پاكىز تازىلاندى، كۆكەرتىش بەلبېغىدىكى كۆچەتلەرمۇ يېڭىدىن چاتىلىپ، رەتلىك بولۇپ قالدى، بۇنى كۆرۈپ كەيپىياتىم كۆتۈرۈلۈپ قالدى، ھازىر ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتتا زور ئۆزگىرىش بولدى، ئاھالىلەر بۇنىڭدىن بەك مەمنۇن بولدى».
گۈەنيۈەن يولى شۇيمو جيايۈەن مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ زىيۈمۇ ئوخشاش تەسىراتتا بولدى.
بۇ مەزگىلدە شىمىگۇ رايونلۇق باغ- ئورمان ئەترىتى، يۈشۇگوۋ كوچا باشقارمىسى ۋە خېماچۈەن كوچا باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغان گۇەنيۈەن يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىدىكى كۆچەتلەرنى چاتاپ، ئەخلەتنى تازىلاپ توشۇدى ھەم كۈندىلىك چارلاشنى قانات يايدۇردى، ھازىر دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى.
ھەر كۈنى دېگۈدەك سىرتقا چىقىپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ۋاڭ زىيۈ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى كۆكەرتىش بەلبېغىدىكى كۆچەتلەر چاتالمىغاچقا ئىنتايىن قالايمىقان ئىدى، يەنە بىر قىسىم سولياۋ خالتا قاتارلىق ئەخلەت شەھەر مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزگەنىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، شەھەرنىڭ <قىياپىتى>نى ياخشىلاشتىكى ئالتە تۈرلۈك تەدبىرنى قانات يايدۇردى، كۆكەرتىش بەلبېغىدىكى كۆچەتلەرنى چاتاش، ئەخلەتنى تازىلاش بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك تەدبىر بولۇپ، ئۇلار ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئۈچۈن ھەقىقىي ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، ئۈرۈمچى بارغانسېرى گۈزەللەشمەكتە».
ھازىر ئالتە تۈرلۈك تەدبىرنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنچىكە ھەم كونكرېت ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاستا- ئاستا يۈزبېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، «خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق ئۈچۈن قۇرۇش» ھېسسىياتى ۋە ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايمىز.
سايباغ رايونى 1- ئاۋغۇست كوچا باشقارمىسى يېزا ئىگىلىك داشۆسى مەھەللىسىدىكى تىجارەتچى لى چيەن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بۇ يول ئوڭغۇل- دوڭغۇل بولۇپ، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى سۇ يىغىلىپ قالاتتى، بەزى يەرلەر پاتقاقمۇ بولۇپ كېتەتتى».
لى چيەن ئېيتقان بۇ يول گۇچېڭ خۇايۈەن A رايونى لاۋمەنچېڭ كوچىسىدىكى دۇكانلارنىڭ ئالدىدىكى پىيادىلەر يولى بولۇپ، ئۇزاق يىل رېمونت قىلىنمىغاچقا، يول يۈزى بۇزۇلۇپ كەتكەن، شېغىل ۋە كاتاڭلار ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
يېزا ئىگىلىك داشۆسى مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتى بۇ ئەھۋالنى 1- ئاۋغۇست كوچا باشقارمىسى ۋە سايباغ رايونلۇق شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)گە مەلۇم قىلىپ، كۆپ تەرەپنى ماسلاشتۇرۇش، كۆپ قېتىم نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يول يۈزىنى رېمونت قىلىش مەسىلىسىنى نەق مەيداندا مۇھاكىمە قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئورتاق كېڭىشىپ، يول يۈزىدىكى كاتاڭلارنى تىندۇرۇپ، ئاسفالت ياتقۇزۇپ، يولنى قاتتىقلاشتۇردى.
10- ئاينىڭ 27- كۈنى لى چيەن دۇكاندىكى سۈپۈرگە قاتارلىقلارنى ئېلىپ، مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىنىڭ يولنى سۈپۈرۈشىگە ھەمدە سۇ چېچىپ چاڭ- توزاننى بېسىقتۇرۇشقا ياردەملەشتى.
لى چيەن مۇنداق دېدى: «بىز مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، بۇنداق تېزلا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق، ھازىر يول ياسىلىپ بولدى، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى سۇ يىغىلىپ قالمايدىغان بولدى، بالىلار مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە ئىشىكى ئالدىدا خاتىرجەم ئوينىيالايدىغان بولدى».
تازىلاشتىن بۇرۇن
مىدۇڭ رايونى جىنخې مەھەللىسى كۈرەك ماشىنىسىنى ئىجارە ئېلىپ كوچىلاردىكى ئەخلەتنى تازىلىماقتا.
تازىلاشتىن كېيىن
جىنخې مەھەللىسىدىكى يول رەتلىك پاكىز تۈسكە كىردى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جيا مېڭيەن فوتوسى)
تازىلاشتىن بۇرۇن
شىمىگۇ رايونلۇق باغ- ئورمان ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى كۆكەرتىش بەلبېغىدىكى كۆچەتلەرنى چاتىماقتا.
تازىلاشتىن كېيىن
كۆكەرتىش بەلبېغىدىكى چاتالغاندىن كېيىنكى كۆچەتلەر. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ يۈەنجياڭ فوتوسى)
تازىلاشتىن بۇرۇن
گۈەنيۈەن يولىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغىغا يىغىلىپ قالغان ئەخلەت.
تازىلاشتىن كېيىن
ئەخلەت تازىلانغاندىن كېيىنكى كۆكەرتىش بەلبېغى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»ئىختىيارىي مۇخبىر بەي شىن فوتوسى)
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى گو جۈنگې، جيا مېڭيەن، ۋاڭ لېي، گەي يۈ، ۋاڭ لىنا خەۋىرى)