90 پارچىدىن ئارتۇق تېز يەتكۈزۈش خەرىتىسى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى
18:27:24 2024-10-29 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

10- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۈرۈمچى سايباغ رايونى جياڭخې دورا- دەرمەك توپ سېتىش بازىرىنىڭ ئالدىدا ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش «يېڭى» خەرىتىسىنى كۆرمەكتە. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» مۇخبىرى ليۇ چىڭشيا فوتوسى)

 يېقىندا، ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدىكى ھەرقايسى چوڭ بازارلارنىڭ كىرىش- چىقىش ئېغىزلىرىدا كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن تېز يەتكۈزگۈچىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش «يېڭى» خەرىتىسى پەيدا بولۇپ قالدى، بۇ خەرىتە تېز يەتكۈزگۈچى ۋە ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ، ئۇلارنىڭ تېز ئورۇن بەلگىلىشىگە ھەمدە يەتكۈزۈپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم بەردى.

 10- ئاينىڭ 24- كۈنى، سايباغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى بوۋېن تېز يەتكۈزگۈچىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش «يېڭى» خەرىتىسىنى كېڭەيتىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

 يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپى مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لارنىڭ ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، يېڭى چارە، يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بەردى. سايباغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى يېڭى كەسىپ ھالىتىدىكى كارخانىلارنى زىيارەت قىلىپ ئېھتىياجىنى ئىگىلەش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئۇلار بىر قىسىم بازارلاردا يول تار، ئادەم زىچ توپلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىش جەريانىدا نۇرغۇن قولايسىزلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ زاكاز قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى بايقىدى، بۇ مۇلازىمەت سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرگىمۇ قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن.

 بازاردىكى ئۆي- جاي مۇلازىمىتى تەرەپمۇ بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بەزىدە بىرتۇتاش تەدبىر قوللىنىپ، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ توكسىكلىت مىنىپ بازار رايونىغا كىرىشىنى چەكلىگەن، لېكىن بازار رايونى بەك چوڭ، سودىگەرلەرنىڭ ئورنىنى تېپىش تەس بولغاچقا، بۇ ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرگە مەلۇم دەرىجىدە قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن. بۇ ئىككى جەھەتتىكى ئېھتىياجنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش سايباغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمەت بۆلۈمى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالغانىدى.

 كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى ۋەكىللىرى ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بازارغا كىرىپ مال يەتكۈزۈشىگە قوشۇلغان. سايباغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى تەۋەلىكتىكى بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تارمىقى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، قاتناش ساقچىسى قاتارلىق نۇرغۇن تارماق بىلەن بىرلىشىپ، تېز يەتكۈزۈش، ۋەيمەي پونكىت نۇقتىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلىدى ھەمدە تۈركۈمگە بۆلۈپ «توردا كېلىشىپ يەتكۈزۈپ بېرىش ساھەسى ئەھدىنامىسى» ئىمزالاپ، بارلىق تەقسىملەپ يەتكۈزۈش خادىملىرىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش، مەدەنىي يول يۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 ھازىرغىچە كۆپ تەرەپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئاساسىدا، سايباغ رايونىدىكى 37 بازار ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى، لېكىن يەنە بىر قىسىم بازارلار ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىپ، ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ توكسىكلىت مىنىپ كىرمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.

 تەقسىملەش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، سايباغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى نۇرغۇن قايتما ئىنكاس پىكرىنى توپلاپ، 90 پارچىدىن ئارتۇق تېز يەتكۈزگۈچىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش «يېڭى» خەرىتىسىنى ھەرقايسى چوڭ بازارلارنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە چاپلاپ، ۋەيمەي توشۇغۇچىلارنىڭ بازارغا پىيادە كىرگەندە، تېز سۈرئەتتە ئورۇن بەلگىلىشىگە ھەمدە تاماق ئېلىش، يەتكۈزۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا قولايلىق ياراتتى.

 ۋەيمەي يەتكۈزگۈچى جاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: مەندەك يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەن ۋەيمەي يەتكۈزگۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ خەرىتە ھەقىقەتەن بەك ئەسقاتتى، مېنىڭ تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈش ئورنىنى تېپىشىمغا ياردەم قىلىپ، نۇرغۇن ۋاقتىمنى تېجەپ بەردى!

 كېيىنكى قەدەمدە، سايباغ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىشنى يولنى راۋانلاشتۇرۇش «يېڭى» خەرىتىسىدىن باشلاپ، قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، ھارارىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان مۇلازىمەت ئارقىلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقان كىشىلەر توپىغا غەمخورلۇق ۋە «ئىللىقلىق» ھېس قىلدۇرىدۇ.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ چىڭشيا خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125