بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ ئايروپورتى تاموژنىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئايروپورت تاموژنىسى دېيىلىدۇ) چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن- چىقىرىلغان 538 مىڭ 900 پارچە پوچتا يوللانمىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇردى، خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى مىقدارى سىجىل ئاشتى، بولۇپمۇ 3- پەسىلدە، پوچتا يوللانمىسى تۈرىدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسى ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولدى.
ئۈرۈمچى تاموژنا رايونىنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كەسپىنى ئۈستىگە ئالغان پورت تاموژنىسى بولغان ئايروپورت تاموژنىسى بۇ يىلدىن بۇيان ئاقىل تاموژنا قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى «ئاۋىياتسىيە پورتى − قۇرۇقلۇق يولى پورتى ھەمتۈرتكە بولۇش» يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى پوچتا يولى پورتى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئاقىل پوچتا تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پوچتا يوللانمىلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.
10- ئاينىڭ 27- كۈنى، بۇ تاموژنىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا، بۇ تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئۈرۈمچى خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئىدارىسى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن- چىقىرىلغان پوچتا يوللانمىسى 538 مىڭ 900 بولۇپ، 3- پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 ئاشقان، 8- ئايدا 84 مىڭ پوچتا يوللانمىسىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشتىن 9- ئايدا 113 مىڭ پوچتا يوللانمىسىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشقىچە بولغان جەرياندا چېگرادىن كىرگەن- چىققان پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك بولغان.
ئايروپورت تاموژنىسى پوچتا يوللانمىلىرىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: پوچتا كارخانىلىرىنىڭ چېگرادىن چىقىدىغان پوچتا يولىنى كېڭەيتىشىنى قوللاش ئۈچۈن، 7- ئايدىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئىدارىسىدا بىۋاسىتە پېچەتلىنىپ قازاقىستانغا ئەۋەتىلگەن پوچتا يوللانمىسى تۈرىدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسى كەسپى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئېكسپورت قىلىنغان پوچتا يوللانمىسىنىڭ مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، 8- ئايدىن 9- ئايغىچە بولغان ئىككى ئايدىلا سەينياۋ پوچتا يوللانمىسى تۈرىدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىسى ئېكسپورتى 296 مىڭ 700گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %59.3 ئاشتى.
بۇ مەسئۇل مۇنداق دېدى: «سەينياۋ گۇرۇھىنىڭ تور سىرتىدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىلىرىنى ئۈرۈمچى خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئىدارىسى ئارقىلىق قورغاس ئالماشتۇرۇش پونكىتىغا يەتكۈزىدىغان پوچتا يولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئايروپوت تاموژنىسى ھەر ھەپتىدە ئىككى ئاپتوموبىلدىن ئۈچ ئاپتوموبىلغىچە پوچتا يوللانمىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزدى. پوچتا يوللانمىسى تۈرىدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىلىرى ئاساسلىقى جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكى يانتېلېفون يانداش مەھسۇلاتلىرى، ئۇششاق بەش خىل مېتال قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق تور سودىسى مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، بۇ زاكاز پوسۇلكىلىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئىدارىسىدە ئېكسپورت قىلىنىدىغان پوچتا خالتىسىغا قاچىلىنىپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىنىپ 24 سائەت ئىچىدە قورغاس ئالماشتۇرۇش پونكىتى ئارقىلىق قازاقىستان پوچتىسىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچى بۆلىكىدە توشۇش، پورتتا يىغىش ۋاقتى ئۈچ كۈندىن تۆت كۈنگىچە قىسقاردى، توشۇش- ئايلىنىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا پوچتا تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى يەنىمۇ تۆۋەنلىدى».
ئايروپورت تاموژنىسى خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، باشقا تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە زىچ ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «توشۇشنى تىزگىنلەش مەركىزى + نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش نەق مەيدانى» توردا ئالاقىلىشىش، «تاموژنا + پوچتا» پوچتا يولى كاپالىتى، «تاموژنا + پورت ئالماشتۇرۇش پونكىتى»دىن ئىبارەت كۆپ تارماق تاسادىپىي يۈزبەرگەن ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە ھەمكارلىشىپ بىر تەرەپ قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پوچتا يولىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېز كىرگۈزۈش، تېز چىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەتكۈزۈش ۋاقىت چېكىگە كاپالەتلىك قىلدى.
ئايروپورت تاموژنىسى ئۈرۈمچى خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، رۇسىيەگە تەسىر كۆرسىتىدىغان پوچتا تىرانسپورت تۈگۈنى ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پوچتا خالتىسى ۋە پوچتا يوللانمىلىرىنى يۆتكەش، بۆلۈپ تارقىتىش، پېچەتلەپ تارقىتىش، قاچىلاش- چۈشۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردا گىرەلەشمە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، قورغاس، قەشقەرگە توشۇلىدىغان پوچتا يوللانمىلىرىنىڭ تېز ئوبوروت قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى نىڭيەن خەۋىرى)