شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى مەبلەغ تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىغا كىرمەستىنلا پېرېۋوت راسچوتى قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى
18:27:27 2024-10-29 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 10- ئاينىڭ 24- كۈنى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەپسىلىي قائىدە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. شۇ كۈنى، جۇڭگو بانكىسى ئۈرۈمچى شەھىرى گاۋتيې يېڭى رايونى تيەنئېخۇ يولى ئەركىن سودا سىناق رايونى تارماق بانكىسى شىنجاڭ تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش يېڭى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى كەسىپنى بېجىردى.

 يېڭى سىياسەت ئېلان قىلىنغان كۈنى، بۇ بانكا ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىدا بازارغا سېلىنغان چېگرا سىرتىدىكى كارخانا «شياڭسۇڭ گوجى»نىڭ مەبلىغى تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىغا كىرمەستىنلا پېرېۋوت راسچوتى قىلىپ چېگرا ئىچىدە چىقىم قىلىش كەسپىنى بېجىرىپ بەردى. بۇ كارخانىنىڭ تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىدىكى 285 مىڭ دوللار خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، چېگرا ئىچىدە شىنجاڭدىكى بولكا، تورت زەنجىرسىمان داڭلىق ماركا تىجارىتى سودىگىرى، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا شىنجاڭ خېمۇجيا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە چىقىم قىلىنىپ، كارخانىنىڭ تىجارىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىشلىتىلدى. بۇ كەسىپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلىشىشى جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە يەنە ماھىيەتلىك بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 مۇخبىرنىڭ جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن ئىگىلىشىچە، تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىنىڭ تولۇق نامى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى تاشقى پېرېۋوت ھېساباتى بولۇپ، چېگرا سىرتى (شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا قانۇنلۇق رويخەتكە ئالدۇرغان ئاپپاراتلار بەلگىلىمە بويىچە چېگرا ئىچىدىكى بانكىدا ئاچقان تاشقى پېرېۋوت ھېساباتى (چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى چېگرا سىرتى ھېساباتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نى كۆرسىتىدۇ. «تەپسىلىي قائىدە»دە مۇنداق بەلگىلەندى: رويخەتكە ئالدۇرغان ھەم تىجارەت سورۇنى بىردەك جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىدا بولغان بانكىلارنىڭ مەبلەغ تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىغا كىرمەستىنلا پېرېۋوت راسچوتى قىلىش كەسپىنى بېجىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ.

 جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتىنىڭ مەدىتى بىلەن، مەبلەغ تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىغا كىرمەستىنلا پېرېۋوت راسچوتى قىلىش كەسپى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ پەقەت تاشقى پېرېۋوت ئارقىلىقلا چېگرا ئىچىدىكى كارخانىلارغا چىقىم قىلىش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىدا بىۋاسىتە خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىش ھەمدە چېگرا ئىچىدە چىقىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى، بۇ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلارنى توپلىشىشقا جەلپ قىلىشى، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 تاشقى پېرېۋوت پۇل مۇئامىلىسىدىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى باشلامچىلارنىڭ بىرى بولغان، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ چېگرا ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پائالىيىتىنىڭ قولايلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت- سودا مۇھىتى ياخشى، مەبلەغ سېلىش، سودىغا قولايلىق بولغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا سىناق رايونى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ بانكا دىققەتنى شىنجاڭنىڭ رايون ئەۋزەللىكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار سۇبيېكتلارنى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىلى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125