10- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان پۇجىتاڭ تېببىي دورىگەرلىك ئەشيا ئوبوروتى بازىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ بىيوتېببىي دورىگەرلىك ۋە چوڭ ساغلاملىق كەسىپ زەنجىرى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. سۈرەتتە: پۇجىتاڭ تېببىي دورىگەرلىك ئەشيا ئوبوروتى بازىسىدا، خىزمەتچى خادىملار دورىلارنى رەتلىمەكتە. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى لېي فوتوسى)
پۇجىتاڭ تېببىي دورىگەرلىك ئەشيا ئوبوروت بازىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شىنجاڭ خۇاشىدەن دورىگەرلىك خەلقئارا كەسىپلەر باغچىسىدا ئىش باشلاندى، شىنجاڭدىكى تۇنجى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سودا بازىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى... ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئايدا، ئۈرۈمچىنىڭ بىيوتېببىي دورىگەرلىك ۋە چوڭ ساغلاملىق كەسپى نەتىجىلىرى مول بولدى.
بىيوتېببىي دورىگەرلىك ۋە ھاياتلىق، ساغلاملىق كەسپى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلىرىنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى بىيوتېببىي دورىگەرلىك ۋە ساغلاملىق كەسپىنى سىجىل كۈچەيتتى. يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا بىيوتېببىي دورىگەرلىك ۋە چوڭ ساغلاملىق كەسپى تەرەققىيات ئېگىزلىكى شەكىللەندى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى %70تىن ئارتۇق بىيوتېببىي دورىگەرلىك كارخانىسى بۇ يەرگە توپلاندى، 2023- يىلى بىيوتېببىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 25 مىليارد 705 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تېرىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئوبوروت قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان، جۇڭيى تەييار دورىلىرى، مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرى، بىيوتېببىي دورا، خىمىيەلىك دورىلار، خام ماتېرىيال دورىلىرى، جۇڭيى دورا ياسالمىلىرى، ساغلاملىق بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە دورىلارغا ئىشلىتىلىدىغان ھۆددە ماتېرىيال قاتارلىق تۈرلىرى تولۇق بولغان بىيوتېببىي دورىگەرلىك كەسىپلەر توپى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بىيوتېببىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلىدى.
كۆپ ئۆلچەملىك كۈچەش ئارقىلىق
تېببىي دورا تۈرلىرى «مارجاندەك تۇتاشتۇرۇلۇپ» مۇسابىقە يولى كېڭەيتىلدى
شىنجاڭ دورىسى تىلغا ئېلىنسا، زۇكام جەۋھىرى، زۇپا جەۋھىرى، مۇرەككەپ رېتسېپلىق يىزىخو ئەمىنى جەۋھىرى قاتارلىقلار نۇرغۇن كىشىگە تونۇشلۇق.
10- ئاينىڭ 25- كۈنى، شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دورا ياساش سېخىغا كىرگىنىمىزدە، زۇپا جەۋھەرلىرى بۇ يەردە ئوراپ قاچىلىنىۋاتاتتى. ھەربىر تال دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش، كىلىنىكىلىق سىناق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوراش- قاچىلاش، سېتىش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كۆپ ھالقىلارنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ.
شىنجاڭ دورىگەرلىك سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن جىنچېڭ مۇنداق دېدى: بىر دورىنى بازارغا سېلىشتا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەمدە ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم قاتارلىقلار ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدا دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش، پىششىقلاشتىن ياسالما دورا ئىشلەپچىقىرىشقىچە، ھەتتا دورىنى ئوراپ قاچىلاشقىچە بولغان پۈتكۈل بىيوتېببىي دورا كەسىپ زەنجىرى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئۇزۇن بولىدۇ.
شىنچىكاڭ دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇۋاتقان «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى پەن- تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى دورا ماتېرىياللىرىنى ئامباردا ساقلاش، دورا ماتېرىياللىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش، جۇڭيى دورا ياسالمىسى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى ھازىرلىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن يىلىغا 5000 توننا جۇڭيى دورا ياسالمىسى ئىشلەپچىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىركەت يەنە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەپ يەتكۈزىدىغان شىنجاڭ جۇڭيى دورا ياسالمىلىرى مەركىزى سۈپەت كاپالىتى ئامبىرى، ئاقىل دورىخانا ۋە ۋاكالىتەن قاينىتىش مەركىزى قۇرۇپ، دورا ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن تەقسىملەپ يەتكۈزۈشكىچە بولغان كەسىپ پۈتۈن زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
نۆۋەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنچىكاڭ دورىگەرلىكى، يىندولەن دورىگەرلىكى قاتارلىق باشلامچى كارخانىلار پۈتۈن شىنجاڭدىكى كۆپ جايدا جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش ھەمكارلىق بازىسى قۇردى، ئومۇمىي كۆلىمى 200 مىڭ مودىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن تەتقىقات يۇرتى- ئورۇنلىرى كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت داڭلىق رېتسېپلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلەتتى.
بىر ياخشى دورىنى ئېتىز بېشىدىن ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، يەنە «ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش»قا توغرا كېلىدۇ.
شىنجاڭ جىنشىكاڭيۈەن رادىياتسىيە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ رادىياتسىيە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدە تۈركۈم- تۈركۈم دورا ماتېرىياللىرى يەتكۈزۈش تاسمىسى ئارقىلىق توشۇلۇۋاتاتتى. يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىرون دەستىسى نۇرى ئارقىلىق ھاشارات ئۆلتۈرۈش، مىكروب يوقىتىش، سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر ئېلېكتىرونلۇق تېزلەتكۈچ ئىشلىتىلگەن ئۇنىۋېرسال رادىياتسىيە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ رادىياتسىيە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى تېببىي دورىگەرلىك، داۋالاش- سەھىيە ئۈسكۈنىلىرى، يېمەكلىك قاتارلىق كارخانىلارنى رادىياتسىيە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش، مىكروب يوقىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ رادىياتسىيە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش، پىششىقلاش ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، شۇنداقلا كەسىپ زەنجىرىدىكى مۇھىم ھالقىنى تولۇقلىدى.
بىر رايوندا «ھەم ئاسمانغا تاقاشقۇدەك چوڭ دەرەخ بولۇش، ھەم بۈك- باراقسان ئۆسكەن چاتقال بولۇش»نىڭ ئاچقۇچى يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى ۋە كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلەرنى «مارجاندەك تۇتاشتۇرۇپ»، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىشتە.
يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭمۇ دورا ۋە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئوبوروت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ «ئەپچىل چارىسى»بار. يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)غا جۇڭگو دورگەرلىك گۇرۇھى شىنجاڭ شىنتې دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جيۇجوۋتۇڭ تېببىي دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئون نەچچە ئوبوروت ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى كارخانىسى تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتى، بۇ يەرگە پۈتۈن شىنجاڭدىكى %70تىن ئارتۇق بىيوتېببىي دورىگەرلىك ھەم يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىندىكى يانداش كارخانىلار توپلاندى.
ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇتۇلۇپ
كەسىپ تەرەققىياتىدا كۈچلۈك تىرەك بەرپا قىلنىدى
ھەربىر تېببىي دورىگەرلىك كەسپى تۈرى بەس- بەستە ئەمەلىيلىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە سۈرئىتىگە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھالقىش ئېلىپ كەلدى.
يېقىندا شىنجاڭدىكى تۇنجى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سودا بازىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بازارغا 50 نەچچە باشلامچى كارخانا ماكانلىشىپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى مەخسۇس رايونى، داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرى مەخسۇس رايونى، چوڭ ساغلاملىق مەخسۇس رايونى قاتارلىق ئالتە چوڭ رايونغا 2000 خىلدىن ئارتۇق داۋالاش ئۈسكۈنىسى كىرگۈزۈلدى. شىنجاڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سودا بازىرىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى ۋاڭ شۇتاۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بويىچە تۇنجى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى سودا بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بازىرىمىز شىنجاڭدىكى ھەرقايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەۋقەنى ئۈرۈمچىگە قويۇپ، پۈتۈن شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىپ، غەربكە يۈزلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىپ، سودا سۇپىسىنى ياخشى قۇرۇش بىلەن بىللە، ئومۇمىي داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
بىيوتېببىي دورىگەرلىك ساھەسىدىكى ئىنچىكە ئايرىلغان كەسىپ بولغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئالدىنى ئېلىش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئۈرۈمچى تېخىمۇ كۆپ ئالاقىدار كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى. قانداق قىلغاندا بىيوتېببىي دورىگەرلىك كارخانىلىرىنى يىلتىز تارتقۇزغىلى، يېتىلدۈرگىلى، ھاسىلاتلارغا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ؟ ئۈرۈمچىمۇ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئىزچىل ئىزدەنمەكتە.
ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ئالاقىلىشىش يوللىرىنى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ئالماشتۇرۇش يىغىنى، بىيوتېببىي دورىگەرلىك كارخانىلىرىنىڭ مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى، مەخسۇس ئادەم ئىز قوغلاپ بېجىرىش، ياردەم بېرىپ بېجىرىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.
يېقىندا يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) پۈتۈن مەملىكەتتىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق داڭلىق تېببىي دورىگەرلىك كارخانىسى ۋە كەسىپ سەرخىللىرىنى ئۈرۈمچىگە جەم بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، بىيوتېببىي دورىگەرلىك ۋە چوڭ ساغلاملىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ مەركەزلىك نامايان قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، سودا ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىپ، كارخانا ئارقىلىق كارخانىنى يېتەكلەشتەك ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك بايلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەر «دوستلار چەمبىرىكى»نىڭ رولىنى كۈچەيتتى.
شىنجاڭ دورىگەرلىك سانائىتىدىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ خۇاشىدەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى سۆڭەك كېسەللىكلىرى بويىچە چوڭ يەككە مەھسۇلات − ئېجياۋ سۆڭەك چىڭىتىش ئىچىملىكىنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ خۇي مۇنداق دېدى: بۇ پائالىيەت ھەرقايسى دورىگەرلىك كارخانىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى، كەسىپ ساھەسىدىكى كەسىپداشلار ۋە خېرىدارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ يېڭى كەسىپ بازىرى ئۇچۇرى ۋە خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى ئىگىلەندى، شۇنداقلا بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس تېببىي دورا مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تېببىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
شىنجاڭ جيۇجوۋتۇڭ تېببىي دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تېببىي دورىگەرلىك ئوبوروتى ساھەسىدىكى ۋەكىللىك كارخانا. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى سۇڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: بىيوتېببىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىنىدىكى كارخانىلار پائالىيەت ئارقىلىق يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)غا يىغىلىپ، كارخانىلارنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يادرولۇق سانائەت كارخانىلىرى ۋە زەنجىرسىمان خېرىدارلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ ھەمكارلاشقۇچى سودىگەرلەر شىركەتنىڭ ئىنتايىن يادرولۇق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ ياخشى قانات يايدۇرۇلۇشى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ھۆكۈمەتنىڭ «سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى»، كارخانىلارنىڭ «ماھارەت كۆرسىتىشى» ئۈرۈمچىدە يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى. يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۇل ئەسلىھە، پەن تەتقىقات بويىچە يېتىشتۈرۈش، كەسىپ فوندى ۋە كەسىپلەشكەن مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق كۈچەپ، كەسىپ ھالىتى بويىچە 1- قاتاردا تۇرىدىغان، كەسىپ بويىچە 1- قاتاردا تۇرىدىغان، ئەندىزە بويىچە 1- قاتاردا تۇرىدىغان بىيوتېببىي دورىگەرلىك كەسپى ئېكولوگىيە چەمبىرىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى.
يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىنىپ
كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى
دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم سىغدۇرۇش سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە بىيوتېببىي دورىگەرلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى ۋە دۇنياۋى دەرىجىلىك بىيوتېببىي دورىگەرلىك كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىشنى كۆزلىدى. «خەلقئارا تەسىر كۈچى» ۋە «دۇنياۋى دەرىجىلىك» دېگەن بۇ ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆز ئۇنىڭ رىقابىتىنىڭ يەرشارىۋىلىشىشقا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىنى بەلگىلىدى.
10- ئاينىڭ 24- كۈنى، شىنجاڭ ئەيلېشىن دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتىگە جايلاشقان شىنجاڭ سامساقنى دورىغا ئىشلىتىش تەتقىقاتى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدا تەجرىبە خادىملىرى كۇرسانتلارنى يېتەكلەپ سامساق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇۋاتاتتى.
شىنجاڭ ئەيلېشىن دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر ساپلىق دەرىجىسى يۇقىرى ئاللىئىن، سامساق ئېنزىمى ۋە كۆپ خىل ھاسىلىي دورا ۋە مەھسۇلاتلارنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرالايدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە تۈرلۈك سۇپا كۈچىنى توپلاش ئارقىلىق «ئاساسىي تەتقىقات − تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش − نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش» يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ دورىغا ئىشلىتىلىدىغان سامساقنىڭ گېرمپلازما بايلىقى ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇپ تېرىش تېخنىكىسى تەتقىقاتى، دورىغا ئىشلىتىلىدىغان سامساقتىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن دورىلار ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تەتقىقاتى، يەم- خەشەك خۇرۇچى ۋە ئانتىبىيوتىك سەپلىمە دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشتىن ئىبارەت ئۈچ يۆنىلىشتە، پەن تەتقىقات ئارقىلىق دورىغا ئىشلىتىلىدىغان سامساق كەسىپ زەنجىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.
يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا شىنجاڭ سامساقنى دورىغا ئىشلىتىش تەتقىقاتى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىغا ئوخشاش ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نۇقتىلىق تەجرىبىخانىدىن 35ى بار بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
يېڭى دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش تېببىي دورىگەرلىك كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنىڭ ئۇلتېشى. «2024- يىللىق جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئەمەلىي كۈچى رەت تەرتىپى»گە مەملىكەت بويىچە جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىك كارخانىسىدىن 50ى تاللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى 16- ۋە 18- ئورۇندا تۇردى.
شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى چېن جۈ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ ھەر يىللىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى سېتىش كىرىمىنىڭ %10ىدىن ئاشىدۇ، يېقىنقى ئۈچ يىللىق سېلىنما 50 مىليون يۈەندىن 80 مىليون يۈەنگىچە بولۇپ، كەشپىيات پاتېنتىدىن يەتتىسىگە ئېرىشتۇق. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق شىنجاڭ مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ داڭلىق ماركا ئۈنۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭ مىللەتلەر تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تونۇتتۇق.
پەن- تېخنىكا ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، كارخانىلارنىڭ توپلىنىشىغا تايىنىپ، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) بىيوتېببىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، سىجىل تۈردە زەنجىرلەرنى مۇجەسسەملەپ كۆلەم ھاسىل قىلدى.
دېڭىز بىپايان كۆرۈنمەس چېتى، مەنزىلگە قاراپ ماڭىمىز تېخى. چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۆستى، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللەندى، ئۈرۈمچى بىيوتېببىي دورىگەرلىك ۋە چوڭ ساغلاملىق كەسپىدە بارغانسېرى گۈللەپ ياشناش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، «100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك چوڭ ساغلاملىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېگىزلىكى»نىڭ تومۇرى بارغانسېرى روشەنلەشتى.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇ مىن خەۋىرى)