ھەر كۈنى ئەتىگەندە كۆزۈمنى ئېچىپلا، شۇ كۈنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمنى پىلانلايمەن، كەچتە كارىۋاتتا ياتقىنىمدا ھېچ ئىش قىلمىغاندەك تۇيغۇدا بولىمەن.
ئېسىمدە قېلىشىچە، بالىلىق چاغلىرىمدا ماقالە يازسام دائىم «ۋاقىت ئاتقان ئوق، كۈنلەر كۈنلەرنى قوغلىشىپ ئۆتىدۇ» دېگەن قۇرلارنى يېزىشنى تولىمۇ ياقتۇراتتىم، بۇ سۆز- ئىبارىلەرنىڭ قانداقلارچە ئېسىمگە كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم، مەنىسىنى ئانچە چۈشەنمەيلا ئېسىمگە كەلگىنىنى يېزىپ قوياتتىم. مەيلى ۋاقىت ئاتقان ئوقتەك تېز ئۆتسۇن ياكى كۈنلەر كۈنلەرنى قوغلىشىپ ئۆتسۈن، سەبىي قەلبىمدە بۈگۈن بىلەن تۈنۈگۈننىڭ، بۈگۈن كېچە بىلەن تۈنۈگۈن كېچىنىڭ پەرقى يوق ئىدى، ئىچىدىكى سۈرەتلىرى ئايلىنىپ تۇرىدىغان پانۇسقا ئوخشاش، كۈندۈز كېچىگە ئۇلىشىپ، كېچە كۈندۈزگە ئۇلىشىپ ئۆتىۋېرەتتى. تاكى چېكە چاچلىرىمغا ئاق سانجىلغاندىلا، ۋاقىتنىڭ ھەقىقەتەن ئاتقان ئوقتەك تېز ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىردىنلا ھېس قىلدىم.
شۇنىڭ بىلەن، ئۆزۈمدىن: «ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە ئون يىلدا زادى قانداق ئىشلارنى قىلدىم؟» دەپ سوراپ باقتىم.
بىر كۈنى، 84 ياشلىق بىر پېشقەدەم ئۇقۇمۇشلۇق كىشىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ تارغىنە ئاشخانىسىدا كۆڭلۈمدىكى تەشۋىشلىرىمنى ئېيتتىم.
«سىز ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ۋاقتىڭىزنى چىڭ تۇتۇشىڭىز كېرەك»، دېدى ئۇ.
«توغرا دەيسىز، مەن تىرىشىۋاتىمەن، بىراق نەچچە ئون يىلنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتتىم»، دېدىم.
ئۇ بېشىنى چايقاپ مۇنداق دېدى: «دارۋىن ئۇيقۇغا ئامراقلىقىدىن ۋاقتىنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، <تەبىئىي تاللىنىش نەزەرىيەسى>نى يېزىپ چىقتى؛ ئوبېنخېيمېر ئوت ئوتاپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، كېيىن <ئاتوم بومبىسى ئاتىسى> بولدى؛ ھېمىڭۋاي ئوۋ ئوۋلاپ، بېلىق تۇتۇپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئاخىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ كىيۇرى خانىم بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئائىلە ئىشلىرى ئۈچۈن ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ رادىي ئېلېمېنتىنى بايقاپلا قالماي، يەنە بالىسىنى ئالىم قىلىپ تەربىيەلىدى...»
«ئۇلارنىڭ ھەممىسى تالانت ئىگىلىرى! مەن پەقەت بىر ئاددىي ئادەم- دە»، دېدىم مەن يۇقىرى ئاۋازدا.
«مەن شۇنى سەمىڭىزگە سالماقچىمەنكى، پەقەت ئېنىق نىشان بولسىلا ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا ئويلىنىشقا ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا دەخلى يەتمەيدۇ، ھەتتا بۇ ئويلىنىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشقا پايدىلىق، سىز ۋاقىتنى ئىسراپ قىلدىم دەپ قارايسىز، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمايدۇ».
«بىراق يېشىم چوڭىيىپ قالدى- دە».
«مەن 70 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى، 10 يىلدا ئاندىن تاماملىغىلى بولىدىغان بىر تەتقىقات پىلانى تۈزدۈم. ئەينى چاغدا، مەن 30 نەچچە ياشلىق بىر دوستۇمغا بۇ پىلانىمنى ئېيتسام، ئۇ مېيىقىدا كۈلۈپ قويغانىدى، ئۇنىڭ نېمىشقا كۈلگەنلىكىنى بىلىمەن، ئۇ: 70 ياشلىق بوۋاينىڭ كۈنلىرى ئۇزاق قالمىدى، يەنە نېمە ئىشلارنى قىلالايتتى، دەپ قارىغانىدى. ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، خىزمەت پىلانىمنى ئۆز قەرەلىدە تاماملىدىم، يەنىلا تەجرىبىخانىدا ئالدىراش يۈرۈۋاتىمەن»، دېدى ئۇ قەددىنى رۇسلىغاچ كۈلۈپ.
«ھېلىقى ياش دوستىڭىزچۇ؟» دەپ سورىدىم مەن.
«ھېلىقى ياش دوستۇممۇ؟ ئۇ ھازىر ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە».
«بۇ 10 يىل ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇندەك مەزگىل، ئىشىنىمەنكى، ئۇ ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى».
«ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بۇ 10 يىلنى بىكار ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ».
«نېمىشقا ئەمدى؟»
«ئىلگىرىكىدەكلا ۋاقىتنىڭ قەدىرىگە يەتمىدى- دە، شۇنىڭ بىلەن، 10 يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتكەن گەپ».
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بېشىمغا توقماق تەگكەندەك بولۇپ، ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدىم.
ئۇ مېنى كۇتۇپخانىسىغا باشلاپ كىرىپ مۇنداق دېدى: «قېنى ئولتۇرۇڭ، بىز نىشان مەسىلىسى توغرىسىدا پاراڭلىشايلى. بۇ توخۇ پاچىقى بەكمۇ مەززىلىك پىشىپتۇ، يېگەچ پاراڭلىشايلى، ۋاقتىمىزمۇ ئىسراپ بولمايدۇ».