ئالتۇن كۈز پەسلىدە، باراڭدا ئۈزۈملەر مەي باغلاپ پىشقان ئىدى. پىچان ناھىيەسىدىكى 63 ياشلىق زەينەپخان مەمەت ئائىلىسىدىكىلەر بىرلىكتە تاتلىق ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۆزلىرىگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ۋە ياردەم قىلىپ كەلگەن قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى تۇرپان تارماق ئەترىتى پىچان ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە سوۋغا قىلىشقا تەييارلاۋاتاتتى. زەينەپخان چەكسىز مىننەتدارلىق ئىلكىدە مۇنداق دېدى: ئۇلار بىزنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بۈگۈنكىدەك ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. بۇ مېھىر- شەپقەتنى مەڭگۈ قەلبىمىزدە چىڭ ساقلايمىز.
27 يىل ئىلگىرى، زەينەپخاننىڭ ئۆيىدە كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈزبېرىپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئالتە بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا توغرا كەلدى، تۇرمۇشىمۇ ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى تۇرپان تارماق ئەترىتى پىچان ئوتتۇرا ئەترىتى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ياردەم قولىنى سۇنۇپ، زەينەپخان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ھازىر زەينەپخان ئائىلىسىدىكىلەر بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرىمۇ بىر نەچچە قېتىم ئالماشتى، ئەمما بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك چوڭقۇر دوستلۇق مېھرى خۇددى ئۇزاق ساقلانغان ھاراققا ئوخشاش بارغانسېرى كۈچەيدى.
قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى زەينەپخاننىڭ ئۈزۈم ئۈزۈشىگە ياردەم بەرمەكتە.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا، زەينەپخاننىڭ ئېرى بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىدە ئۇلارنى تاشلاپ كېتىپ قالدى، بۇ كۈتۈلمىگەن ھادىسە تۇرمۇشى ئەسلىدىنلا غورىگىل ئۆتۈۋاتقان ئائىلىنى تولىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى تۇرپان تارماق ئەترىتى پىچان ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ۋاقتىدا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زەينەپخان ئائىلىسىنى ياردەم قىلىش- يۆلەش ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتتى. كونا كېسەك ئۆيدىن ئازادە، يورۇق خىش ئۆيگىچە، پاتقاق، توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان ھويلىدىن سېمونت يېيىتىلغان پاكىز، رەتلىك ھويلىغىچە، ھەممىسىگە ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ جاپالىق ئەجىرى ۋە مېھىر- مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن ئىدى. كىشىنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرىدىغىنى، زەينەپخاننىڭ قىزى ئائىلە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن ۋاز كەچمەكچى بولغاندا، ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇنىڭ داشۆدە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانىدى.
زەينەپخاننىڭ قىزى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئاشۇ يىللاردا ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر دائىم ئۆزلىرى تېرىغان كۆكتات، مېۋىلەرنى ئېلىپ بىزدىن ھال سورايتتى. ھەپتە ئاخىرىدا، مەن ئوتتۇرا ئەترەتكە بېرىپ ئوفىتسېر- ئەسكەرلەردىن تەلىم ئالاتتىم، ئۇلار ماڭا بىلىم ئۆگىتىپلا قالماي، يەنە تۇرمۇشتىكى رىقابەتلەرگە قانداق يۈزلىنىشنى ئۆگەتتى.
يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرىنىڭ غەمخورلۇقى خۇددى باھار شامىلىدەك زەينەپخان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. ئۇلارنىڭ ياردىمىدە، زەينەپخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بەكرى مەمەتمۇ بېيىش يولىغا مېڭىپ، لىنىيە ئاپتوموبىلى شوپۇرى بولدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم قىسىمدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ قالسا ئۇلاردىن پۇل ئالمايمەن، چۈنكى مەن ئۇلارنى بىر ئائىلە كىشىلىرى دەپ بىلىمەن، مەن بۇ مېھىر- شەپقەتكە جاۋاب قايتۇرۇشۇم كېرەك.
زەينەپخان ئائىلىسىدىكىلەر قوراللىق ساقچى قىسىمنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
27 يىل ۋاقىت زەينەپخان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جاپا- مۇشەققەتلىك تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇپ بەختلىك، ئامان- ئېسەن تۇرمۇشقا ئېرىشىش مۇساپىسىگە، شۇنداقلا ئارمىيە- خەلق ئارىسىدىكى قانداشلىقتىن ھالقىغان تۇغقانلىق مېھرىگە گۇۋاھچى بولدى. بۇ ئوتتۇرا ئەترەت ۋەزىپە ئېھتىياجى بىلەن ئەسلىدىكى تۇرۇشلۇق ئورنىدىن يۆتكىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئارىلىق ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر ۋە زەينەپخان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قەلبداشلىق مېھرىنى ئايرىۋېتەلمىدى. ھەر يىلى مول ھوسۇل پەسلىدە، زەينەپخان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەڭ تاتلىق ئۈزۈملەرنى ئېلىپ بۇ ئوتتۇرا ئەترەتكە كېلىپ «تۇغقانلىرى»نى يوقلاپ تۇردى، زەينەپخان يەنە نەۋرىلىرىنى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەردىن ئۆگىنىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قىممەتلىك ئارمىيە خەلق دوستلۇق رىشتىگە ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلىدى.
زەينەپخان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
زەينەپخاننىڭ نەۋرىسى يوتقان يىغىشنى ئۆگەنمەكتە.
زەينەپخان بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى تۇرپان تارماق ئەترىتى پىچان ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ سەمىمىي دوستلۇقى- قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرىنىڭ خەلقنى سۆيۈش، خەلققە ياردەم بېرىش ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە قاتنىشىپ، سەييارە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى تەشكىللەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قوشماقلىشىپ ياردەم بەردى، يۆلىدى... بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى تۇرپان تارماق ئەترىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بىز تۇرۇشلۇق جاينى يۇرتىمىز، خەلقنى قېرىندىشىمىزدەك كۆرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك مېھىر- مۇھەببىتىنى يارقىن گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندۇرىمىز.
(تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى جاڭ مىڭ، جاڭ تاۋشۇاڭ، ۋاڭ شياۋجيې خەۋىرى، فوتوسى)