سۈرەتتە: «خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى بايەكە كەلدىبېك بېيجىڭغا مۇكاپات ئالغىلى بارغاندىكى كۆرۈنۈشلەرنى، شۇنداقلا دادىسىنىڭ قولىدىن چېگرا چارلاش، چېگرانى قوغداش كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرمەكتە.
10- ئاينىڭ 25- كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى «خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى بايەكە كەلدىبېكنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىدىن لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قابىلىيىتىنى تاۋلاپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن تۆھپە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ قەشقەر سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا چاقىرىق قىلدى، سەپەرۋەر قىلدى.
سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، «خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچى بايەكە كەلدىبېك يىغىن مەيدانىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. لېكسىيە داۋامىدا بايەكە كەلدىبېك ئۆزىنىڭ بېيجىڭغا مۇكاپات ئالغىلى بارغاندىكى كۆرۈنۈشلەرنى، شۇنداقلا قانداق قىلىپ دادىسىنىڭ قولىدىن چېگرا چارلاش، چېگرانى قوغداش كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلىدى.
پامىر ئېگىزلىكىدە بايەكە كەلدىبېك ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد 70 نەچچە يىل چېگرانى قوغداپ، ھاياتلىق چەكلەنگەن رايوندا ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ يول باشلىدى. 1972- يىلى بايەكە كەلدىبېك دادىسىغا ئەگىشىپ چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرىگە يول باشلىغۇچى بولغاندىن باشلاپ، 37 يىلدا، ئۇ 700 قېتىمدىن ئارتۇق چارلاپ، 30 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرىنىڭ خەۋپ- خەتەرنى بىخەتەرلىككە، خەۋپ- خەتەرنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇشىغا تالاي قېتىم ياردەم بەردى، شۇنداقلا ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ نەزەرىدىكى «تىرىك خەرىتە»گە ئايلاندى. ئوغلى لاچىن بايەكە چېگرانى قوغداشنى داۋاملاشتۇرۇپ، 2021- يىلى كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن بالىنى قۇتقۇزۇش يولىدا باتۇرلارچە قۇربان بولدى، شۇ يىلى لاچىن بايەكە ئەمدىلا 41 ياشقا كىرگەن بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭغا «دەۋر نەمۇنىچىسى» دەپ تولۇقلاپ نام بېرىلدى.
«دۆلەتنىڭ چېگرا تېشى بولمىسا، نەدىمۇ بىزنىڭ كالا- قويلىرىمىز بولسۇن؟ مەن پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدىم، پارتىيە ۋە دۆلەت ماڭا نۇرغۇن يۇقىرى شان- شەرەپلەرنى بەردى. بۇ شان- شەرەپلەر يالغۇز ماڭىلا مەنسۇپ ئەمەس، دۆلەت چېگراسىنى قوغداۋاتقان مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان كادىر، ئامما ۋە چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىگە، شۇنداقلا ئوغلۇم لاچىن بايەكەگە مەنسۇپ.» بايەكە كەلدىبېك لېكسىيەسىدە مۇنداق دېدى: «مەن قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ياش ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشىمەن».
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى «پامىر قىزىل بۈركۈتى» لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى دىلخۇمار تۇرسۇنباي بايەكە كەلدىبېك ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ چېگرا چارلاش، چېگرانى قوغداش ھېكايىسىنى بايان قىلدى؛ تىزناپ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئېلىئېزىز شىلاۋار ئۆزىنىڭ نەزەرىدىكى بايەكە كەلدىبېكنى بايان قىلدى؛ بايەكە كەلدىبېكنىڭ نەۋرە قىزى دۇرخان لاچىن بوۋىسى بىلەن دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەربىيەسى ۋە تەسىرىنى بايان قىلدى.
سەھنىدە چوڭقۇر مۇھەببەت ئىزھار قىلىندى؛ تۆۋەندە ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى. جانلىق كۆرۈنۈشلەر ئارقا- ئارقىدىن نامايان بولۇپ، تەسىرلىك ھېكايىلەر ئارقا- ئارقىدىن سۆزلىنىپ، ئېسىل دوكلاتلار ھەممەيلەننىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتتى. ھەربىر شەخسنىڭ ئوبرازى ئاڭلىغۇچىلارغا جانلىق نامايان قىلىنىپ، «ئايىغى ئاستىدا جىلغا، قەلبىدە دۆلەت بولۇش»تىن ئىبارەت ئۈلگە روھى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.
لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنداق بىلدۈردى: بايەكە كەلدىبېكنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇشتەك سىياسىي پەزىلىتىدىن پائال ئۆگىنىپ، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان تارىخىي تەشەببۇسكارلىق، باش قەھرىمانلىق مەسئۇلىيەتچانلىقى، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، كۈچ قوشىمىز.
(مۇخبىرلار يۈ سىمىن، ئىلشات خەۋىرى ۋە فوتوسى)