ئۇسسۇللۇق تىياتىر − «ماناس» تۇرپاندا قالتىس ئوينالدى
13:10:54 2024-10-30 ئۈزۈم پىشتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 10- ئاينىڭ 26- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى ئورۇنلىغان، 2024- يىللىق مەركەز مەخسۇس لاتارىيە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق فوندى قوللىغان شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت نادىر نومۇرلىرىنى سەييارە قويۇش تۈرى − ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر − «ماناس» تۇرپان چوڭ تىياتىرخانىسىدا قالتىس ئوينىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان بىر مەيدان كۆرۈش- ئاڭلاش كاتتا زىياپىتى تەقدىم قىلدى.

 «يېقىملىق ھەم تەسىرلىك ئېيتىمىز ناخشىنى، بۇ ئەجدادلاردىن قالغان ھېكايە، ئېيتىمىز ئۇنى مىڭ يىل، ئونمىڭ يىلغىچە؛ بۇ ئەجدادلار ھەدىيە قىلغان مىراستۇر، ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلدۇق تا بۈگۈنگىچە...» سەھنىدىكى چىراغ نۇرىدا، ئۇچىسىغا ئۇزۇن تون كىيگەن، ئاق ساقاللىق ماناسچى بوۋاي پامىر ئېگىزلىكىدىكى ھەيۋەتلىك قارلىق تاغنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، تۆۋەن ھەم يېقىملىق ئاھاڭدا «ماناس»نىڭ مۇقەددىمىسىنى ئېيتتى. بۇ كۆرۈنۈش تېزلىكتە سەھنە ئاستىدىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، نەق مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

بىرىنچى باب − «تۇغۇلۇش»تىن كۆرۈنۈش. 

 ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر − «ماناس»تا قىرغىز مىللىتىنىڭ قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس» ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى شەكلى ئارقىلىق قەھرىمان ماناس ھەم ئۇنىڭ يەتتە ئەۋلادىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچىلارغا ئورتاق قارشى تۇرۇشتەك قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى جانلىق بايان قىلىنغان. بۇ تىياتىرغا كۆپ خىل مىللىيچە چالغۇ ۋە ئۇسسۇللار ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇرۇلغان، مۇھىم بۆلەكلەر قايتا ئىجاد قىلىنىپ، «تۇغۇلۇش، ئىتتىپاق تۈزۈش، توي قىلىش، يىراققا سەپەر قىلىش، قايتىپ كېلىش»تىن ئىبارەت بەش بۆلەك ئارقىلىق ماناسنىڭ رىۋايەتلىك ھېكايىسى ئەتراپلىق سۆزلەنگەن. ئورۇنلاش ئۇسلۇبى جەھەتتە، ناخشا- ئۇسسۇل بىلەن بايان، لىرىكا مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، سەھنە ئاستىدىكى تاماشىبىنلارغا چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش تۇيغۇسى ئاتا قىلدى.

ئىككىنچى باب − «ئىتتىپاق تۈزۈش»تىن كۆرۈنۈش.

 تۇرپان شەھەر ئاھالىسى خۇاڭ جىڭجىڭ مۇنداق دېدى: بۇ تىياتىر قەلبىمنى لەرزىگە سالدى، ئىنتايىن قالتىس بولدى. ئىشىك ئالدىدىلا بۇنداق ئېسىل ئويۇننى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن پۇخادىن چىقتىم.

«مۇھەببەت باغلاش» ناملىق بۆلەكتىن كۆرۈنۈش.

 «ماناس» جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈچ چوڭ قەھرىمانلىق ئېپوسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2006- يىلى، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، 2009- يىلى، يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ «ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر مىللەت تاماشىبىنلارنىڭ «ماناس»نى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئويۇن قويۇش ئۆمىكى ئويۇن قويۇش شەكلىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ۋەقەلىكىنىڭ لوگىكىلىقى، باغلىنىشچانلىقى ۋە جانلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە ياخشى باھاغا ئېرىشىپ، مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۈچىنچى باب − «توي قىلىش»تىن كۆرۈنۈش. 

 «تۇرپانغا كېلىپ ئويۇن قويۇپ، بىز بۇ يەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىنلىقىنى، شۇنداقلا تۇرپاننىڭ ئۆزگىچە ھەم چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. <تۇرپان مۇقامى> بىلەن <نازىركوم> <ماناس>قا ئوخشاشلا ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە». قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى بۇھەجەر خۇكەش مۇنداق بىلدۈردى: ئۆمىكىمىز تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىرلارنى داۋاملىق ئىجاد قىلىپ، خاس مەدەنىيەتنى نامايان قىلىدۇ.

تۆتىنچى باب − «يىراققا سەپەر قىلىش»تىن كۆرۈنۈش. 

 (تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى ليۇ زىئاڭ، شيې دۇڭفېي، مۇتەللىپ غوپۇر خەۋىرى، فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125