كىتابخانىمىزنىڭ بۇلۇڭىغا كامفورا ياغىچىدىن ياسالغان ناھايىتى ئادەتتىكى بىر ساندۇق قويۇلغانىدى. تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك بۇ ساندۇق ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى، مىستىن ياسالغان قۇلۇپىدىن قەدىمىي تۈس چىقىپ تۇراتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ساندۇق كونىرىغان، بەزى يەرلىرىنىڭ قىزىل سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بىر پۈتۈن كۆركەملىكىگە قىلچە تەسىر يەتمىگەنىدى.
كامفورا ياغىچىدىن ياسالغان بۇ ساندۇقنىڭ كېلىش تارىخى بار ئىدى. ئەينى يىلى دادام داشۆگە ئۆتۈپ، بۇ تاغلىق يۇرتتىن چىققان تۇنجى داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قاپتۇ. بوۋام ئىشىك ئالدىدىكى قەدىمىي كامفورا دەرىخىنى كېسىپ، ياغاچچىغا بىر جۈپ كىتاب ساندۇقى ياسىتىپ، بىرىنى دادامغا، يەنە بىرىنى ھاممامغا بەرگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ساندۇق دادامنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان كىشىلىك ھايات سەپىرىگە ھەمراھ بوپتۇ.
دادام كىتاب ئوقۇشقا بەكلا ھېرىسمەن بولغاچقا، داشۆدە جۇڭگو ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇغان ئىكەن، ھېلىقى كامفورا ياغىچىدىن ياسالغان ساندۇققا لىق كىتاب قاچىلانغان بولۇپ، كىتابلارنىڭ ھەمراھلىقىدا دادام نۇرغۇن ئۇزۇن كېچىنى ئۆتكۈزگەن ئىكەن ...
دادام داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، باشقا ناھىيە بازىرىدا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەقسىم قىلىنىپتۇ. دادام ناتونۇش جايدا خىزمەت قىلغاچقا يۇرتىدىن، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ، خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەككە ئوخشاپ قاپتۇ. پەقەت كامفورا ياغىچىدىن ياسالغان ئاشۇ ساندۇقلا ئۇنىڭ ياقا يۇرتلاردا تەنھا يۈرگەن كۈنلىرىگە ھەمراھ بوپتۇ.
ئەينى يىللىرى سىفەن مەكتەپتە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇۋاتقىنىمدا، كامفورا ياغىچىدىن ياسالغان بۇ ساندۇق ماڭىمۇ ھەمراھ بولغانىدى. دادام مېنى تۇنجى قېتىم ۋېلىسىپىت بىلەن مەكتىپىمگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن كەينىگە يېنىپ، بۇ ساندۇقنى ئالايىتەن ئېلىپ كەلگەنىدى − ئەينى چاغدا دادامنىڭ ماڭا جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ، ئاددىي- ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئۆزىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرماسلىق توغرىسىدا قىلغان تەربىيەسى ھېلىمۇ ئېسىمدە. شۇ چاغدا دادامنىڭ كەينىدىن ئۇنىڭ سەل مۈكچەيگەن ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ خېلىلا قېرىپ قالغانلىقىنى، چېكە چاچلىرىغا ئاق سانجىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئانچە ئىش ئۇقمايدىغان مەن دادامنىڭ مېنىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، بۇ ساندۇق مېنىڭ يەنە بىر روھىي ئوزۇقۇم ئىدى، چۈنكى ساندۇققا تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن باشقا يەنە ئۆيدىن ئېلىپ كەلگەن كىتابلارنىمۇ سېلىۋالغانىدىم، كارىۋاتتا ياتقىنىمچە كىتاب بەتلىرىنى ۋاراقلاپ، كىتابلار ماڭا بېغىشلىغان خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلىنىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم.
ئاشۇ يىلى كۈزدە، ئوغلۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، ئۇ خۇددى قانات قاققان بۈركۈت چۈجىسىگە ئوخشاش بىزدىن ئايرىلىپ، مەكتەپ ياتىقىدا يېتىپ ئوقۇيدىغان بولدى. ئېرىم ماگىزىندىن ئوغلۇمغا چوڭ چامادان ئېلىپ بەرمەكچى ئىكەنلىكى ئېيتتى. شۇئان ئېسىمگە كامفورا ياغىچىدىن ياسالغان ھېلىقى ساندۇق كەلدى. لېكىن، ئوغلۇم دەۋرگە ماس كەلمەيدىغان بۇ ساندۇقنى ئىشلىتەرمۇ؟ بۇ ھەقتە كۆڭلۈمدە سان يوق ئىدى.
مەكتەپكە مېڭىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە، ئوغلۇمنىڭ كۆز ئالدىدا كامفورا ياغىچىدىن ياسالغان ساندۇقنى ئاچتىم، كامفورا ياغىچىنىڭ ئۆزگىچە خۇش ھىدى قەلبىمنى ھاياجانغا سالدى. ئوغلۇم بىلەن بۇ ساندۇقنىڭ ئۆتمۈشى توغرىسىدا پاراڭلاشتىم، ئوغلۇم سۆزۈمنى جىمجىتقىنا ئاڭلىدى، كۆز ئىپادىسىدىن ئۇنىڭ چوڭ بولغانلىقى، ئىش ئۇقىدىغان بولۇپ يېتىلگەنلىكىنى؛ كۆز قارىچۇقىدىن ئەجدادلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى بىلىپ يەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ساندۇق ئوغلۇمنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش مۇساپىسىگە ھەمراھ بولدى.
بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى ئىلگىرى ئىشلەتكەن، كامفورا ياغىچىدىن ياسالغان بۇ ئادەتتىكى ساندۇق ئۇزاق مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىزدىكى گۆھەرگە ئايلاندى؛ نەچچە ئەۋلاد كىشىنىڭ ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن بۇ ساندۇق روھىمىز تەنھالىققا ئەسىر بولغان چاغدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلىنىپ، ئەسلىمىلىرىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلانماقتا.